ئاۋسترالىيىنىڭ كامبېرا شەھىرىگە جايلاشقان ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى 3-4-نويابىر كۈنلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەۋجۇت سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ، مەدەنىيەت ۋە باشقا مەسىلىلىرى بويىچە بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مۇھاكىمە يىغىندا ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە باشقا مەملىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي دوكلاتلىرىنى ئوقۇيدىكەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011.10.30

مەلۇم بولۇشىچە ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدە تەتقىقات قىلىپ كېلىۋاتقان 10 نەچچە نەپەر مۇتەخەسسىس يىغىندا ئۆز دوكلاتلىرىنى ئوقۇيدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاۋسترالىيىدە ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتلارمۇ بىر قەدەر كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى كۆلىمى بىر قەدەر كەڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئالدىنقى يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» ئاۋسترالىيىدە قويۇلۇشى ۋە رابىيە خانىمنىڭ ئاۋسترالىيە سەپىرى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بىر مەھەل كەسكىنلەشكەن ئىدى.