2011.10.28
رابىيە قادىر خانىم: «گەرچە بىر كۈن بولسىمۇ ئەھمىيەتلىك سەپەر بولدى»
خەلقئارا ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ 4-نۆۋەتلىك ئەركىنلىك يۈرۈشىگە قاتنىشىپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سەپەر ھەققىدە توختىلىپ: گەرچە بىر كۈن بولسىمۇ ئەھمىيەتلىك سەپەر بولدى، دېدى.
مەزكۇر يۈرۈش 22-ئۆكتەبىر رىم، پارىژ ۋە بېرلىندا ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم پائالىيەتنىڭ ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان قىسمىغا ئىشتىراك قىلدى.
بۇ قېتىملىق ئەركىنلىك يۈرۈشىنى مەركىزى ئىتالىيىدىكى ئەركىن مەدەنىيەت جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.
2
رابىيە قادىر خانىم تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا خەت ئەۋەتتى
د ئۇ ق رەئىسى، رابىيە قادىر خانىم 10-ئاينىڭ 26-كۈنى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مەكتۇپ يوللاپ، يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان كىشىلەرگە تەزىيە بىلدۈردى.
ئۇ مەكتۇبىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن قېرىنداش تۈرك خەلقىنىڭ مۇسىبىتىگە ئورتاقلىشىدىغانلىقى، شۇنداقلا يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەرگە تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقى ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا سەۋر تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
23-ئۆكتەبىر تۈركىيىنىڭ شەرقىدىكى ۋان شەھىرىدە 7.2 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ۋەقەدە بۈگۈنگىچە قازا قىلغانلارنىڭ 500 دىن ئاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
3
نورۋېگىيە سابىق پارلامېنت ئەزاسى: شەرقىي تۈركىستان ھامان بىر كۈنى مۇستەقىل بولىدۇ
24-ئۆكتەبىر نورۋېگىيىنىڭ گجۆۋىك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى» پائالىيىتىگە نورۋېگىيە سابىق پارلامېنت ئەزاسى جان سمونسەن ئەپەندىمۇ قاتناشتى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھامان بىر كۈنى مۇستەقىل بولۇشىغا ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل بۆلىشى قاتارلىق ۋەقەلەرنى تىلغان ئالغان سىمۇنسەن ئەپەندى مۇنداق دېدى: مانا بۇنداق تاسادىپىي يۈز بېرىدىغان تارىخىي ۋەقەلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر كۈنى مۇستەقىل بولۇشىغا ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: شۇنىڭغا ئىشىنىش كېرەككى ئىقتىسادى جەھەتتىكى يۈكسىلىش خىتاينىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى بولالمايدۇ. مەن بۇ يەردە ئولتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر دوستلىرىمغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھامان بىر كۈنى مۇستەقىل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىنى، ئۈمىدىنى ھەرگىز ئۈزمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
4
پولات زاۋۇتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى گۈلجەننەت بارات خىزمەتتىن ھەيدەلگەن
ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى، ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى» گۈلجەننەت بارات 2008-يىلى ئىشتىن ھەيدەلگەن.
14 يىللىق خىزمەت ئىستاژىمۇ، 10 يىللىق كومپارتىيە ئەزالىق سالاھىيىتىمۇ، ھەتتا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى» دېگەن يالتىراق گۇۋاھنامىلىرىمۇ، ئۇنى ئىشتىن ھەيدىلىشتىن قوغداپ قالالمىغان.
تۇنجى ئەۋلاد پولات ئىشچىلىرىنىڭ پەرزەنتى بولغان گۈلجەننەت بارات ۋە ئۇنىڭ يولدىشى خالمۇرات نۆۋەتتە ئىشسىز. ئۇلار ھەر دەرىجىلىك خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئۆزلىرىنىڭمۇ زاۋۇتتىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئوخشاشلا ئىشلەش ۋە ياشاش ھەققى بارلىقىنى بىلدۈرۈش يولدا ئاۋارە.
5
قەشقەر ئاممىسى: قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش ئادەم جىقلاۋاتىدۇ…
«قەشقەرنى شېنجېنغا ئايلاندۇرۇش» پىلانى ئىش باشلىغاندىن بۇيان قەشقەردە ئۆي باھاسى ئۆرلىگەن ۋە خىتايلار كۆپەيگەن.
قەشقەر شەھەر ئىچىدە نوپۇس جىقلاپ كەتكەچكە، ئۆزىنىڭ قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى بىر يۈرۈش ئۆيىنى سېتىپ ناھىيىگە كۆچۈۋاتقان بىر ئۇيغۇر: قەشقەر شەھىرىدىكى كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش شۇكى قۇرۇلۇش ۋە ئادەمنىڭ كۆپىيىشى، دېدى.
قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى بىر ئۇيغۇر ئۇششاق تىجارەتچى، قەشقەر شېنجېنغا ئوخشاش ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونغا ئايلاندۇرۇلسا، ئۆزىگىمۇ «ئاز تولا پايدىسى تېگىپ قالارمىكىن» دېگەن ئۈمىدتە بولسىمۇ، ئەمما خىتاي نوپۇسىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشى ۋە بۇنىڭغا ئەگىشىپ مال باھالىرىنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
6
ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى
ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ 11-ئاينىڭ باشلىرىدا فرانسىيىدە ئېلىپ بارىدىغان دۆلەت زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
نامايىش 10-ئاينىڭ 27-كۈنى فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى.
نامايىشنى فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىلەن تىبەت ياشلار تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. نامايىشچىلار قولىدا كۆك بايراق تۇتقان ھالدا «خۇ جىنتاۋ تېررورىست»، «خۇ جىنتاۋنى قارشى ئالمايمىز»، «بىزگە ئەركىنلىك كېرەك» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.
8
لىۋىيىنىڭ تولۇق ئازاد بولغانلىقى ئېلان قىلىندى
لىۋىيىنى 42 يىل سورىغان مۇئەممار كازافىي ئۆلۈپ تۆت كۈندىن كېيىن، لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى پۈتۈن لىۋىيىنىڭ مۇستەبىت كازافىي ھۆكۈمرانلىقىدىن تولۇق ئازاد بولغانلىقىنى جاكارلىدى.
لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بېنغازى قاتارلىق جايلاردا داغدۇغىلىق تەنتەنە مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ۋە يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئەركىن سايلام ئېلىپ بېرىپ، رەسمىي ھۆكۈمەت تەشكىللەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
لىۋىيە خەلقى بۇ يىل فېۋرالدىن باشلاپ كازافىي ھاكىمىيىتىگە قارىشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئىدى.
9
لېئون پانېتتا: بىز تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى كۈچەيتسەك كۈچەيتىمىزكى، ھەرگىز ئاجىزلاشتۇرمايمىز
ياپونىيە ۋە ھىندونېزىيىلەردە زىيارەتتە بولغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى كېڭىيىۋاتقان بۇ يىللاردا، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايوندىكى ھەربىي قىسىملىرىنى قىسقارتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لېئون پانېتتا ياپونىيە يوكوتا ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا سۆزلىگەن سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بىز بۇ رايوندىن ئەسكەر قىسقارتىشنى ئويلاشمىدۇق. بىز تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى كۈچەيتسەك كۈچەيتىمىزكى، ھەرگىز ئاجىزلاشتۇرمايمىز.
لېئون پانېتتا، ھىندونېزىيىدىكى زىيارىتى جەريانىدىمۇ ھىندونېزىيە ئاخبارات ساھەسىدە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: شۇنى كېسىپ ئېيتىش كېرەككى بۇ يەردىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى چوقۇم كۈچەيتىمىز.
پانېتتا ھىندونېزىيىدىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، 24-ئۆكتەبىر ياپونىيىگە كەلگەن ۋە ياپونىيىدە ئىككى كۈن زىيارەتتە بولغان ئىدى.