2011.09.23

رابىيە قادىر خانىم: ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلارنى تەربىيىلەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن رابىيە قادىر خانىم: ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەربىيىلەش دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى، دېدى.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئويناشقا چاقىردى.

ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى تۇرمەمەت ھاشىم: ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى ئۆزىمىز يېزىشىمىز كېرەك

ياپونىيە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي تۇرمەمەت ھاشىم ئۇيغۇر تارىخىنى ياپونىيىلىكلەرگە توغرا يەتكۈزۈش ئۈچۈن 17-سېنتەبىردىن باشلاپ توكيودا ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەشنى باشلىدى.

تۇرمەمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، ئۇيغۇر تارىخىغا قىزىقىدىغان ياپونىيىلىكلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى بۇرمىلاپ ئېلان قىلغان ماتېرىياللارغا مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. نەتىجىدە ئۇ، ئۇيغۇر تارىخىنى ياپونىيىلىكلەرگە توغرا يەتكۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، بۇ جەھەتتە ئەمەلىي پائالىيىتىنى باشلىغان.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۇرمەمەت ھاشىم: ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى ئۆزىمىز يېزىشىمىز كېرەك، دېدى.

ھىجاپلىق قىز: بۇ مېنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىمنى يوقىتىشىغا بولغان قارشىلىقىم…

ھىجاپلىق ياشاش جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېغىر بېسىمىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر قىزى، ھىجاب ئارتىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىمنى يوقىتىشىغا بولغان قارشىلىقىمدۇر، دېدى.

ئۇ بۇ يىل ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن بولۇپ، يېقىندا چەتئەلگە چىقىپ، ئۆز ھېكايىسىنى ئەركىن سۆزلەشكە مۇيەسسەر بولغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئۇنى ياغلىق چەككەنلىكى ئۈچۈن ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلمىغان، ئەمما بۇ ئۇيغۇر قىزى ياغلىق ئارتىش ۋە دىنىي يوسۇندا كىيىنىش ئىرادىسىدىن قەتئىي يانمىغان.

گۆھەر مەمەت ئاتا-بالىنىڭ ئېچىنىشلىق رەسىمىنى كۆتۈرۈپ ماڭغاندا توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى

ئۇيغۇر ئەرزدار گۆھەر مەمەت ئۇيغۇر ئاتا-بالىنىڭ ئېچىنىشلىق رەسىمىنى كۆتۈرۈپ ماڭغانلىقى ئۈچۈن جازاغا تارتىلغان.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتىنىڭ 60 يىللىقى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەيىنلەنگەن رەئىسى نۇر بەكرىمۇ قاتناشقان. گۆھەر مەمەت ئىنتېرنېتتا تارقالغان ئاتا-بالىنىڭ ئېچىنىشلىق رەسىمىنى كۆتۈرۈپ، يىغىن زالىغا كىرىشكە ۋە مەزكۇر رەسىمنى نۇر بەكرىگە بېرىشكە ئۇرۇنغان. بىراق خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ، يىغىن زالىغا كىرىشىگە يول قويمىغان.

زاۋۇت رەھبەرلىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گۆھەر مەمەتنىڭ، يىغىن زالىغا كىرمەكچى بولغىنى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېچىنىشلىق رەسىمنى كۆتۈرۈپ جامائەت تەرتىپىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن جازاغا تارتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

قوش تىللىق يەسلىلەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئىشسىز قالدۇردى

«قوش تىللىق يەسلىلەر»، پېداگوگىكا مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشسىز قالدۇرماقتا. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى، مەلۇم پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىسى يەتكۈزدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قوش تىللىق مەكتەپلەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئازايغان، بۇ سەۋەبلىك، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس سائەتلىرىمۇ قىسقارتىلىپ، دەرسى بولمىغان ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتىكى يۈگۈر-يېتىم ئىشلىرىغا قويۇلغان، ھەتتا بەزىلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشتىن توختاشقا مەجبۇر بولغان.

كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خەلقئارالىق يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ئەنگلىيە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان «12-نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ھەمدە «ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى» تېمىسىدا مەخسۇس يىغىن چاقىرىلدى.

ئەنگلىيە نېۋكاستل ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى دوكتور يوئاننە فىنلەي خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى مەسىلىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ھەققىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.