بۈگۈنكىدەك ئۇلۇغ ھېيت بايرام ھارپىسىدا، ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق ھېسسىياتىنى «سېغىنىش» دېگەن سۆزگە مۇجەسسەملەشكە بولىدۇ.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2011.08.29

Heyt-neghmisi-305ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻏﺮﺍ – ﺳﯘﻧﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﻪ ﻧﻪﻏﻤﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.

سالام ئايەم ئەھلى! روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. بۈگۈن بىز ئەلچى، ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتلۇق سالاملىرىنى ئاۋاز دولقۇنلىرىمىز ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا يەتكۈزىدىغان. بۈگۈن بىز بۇلبۇل، ئىناق-ئىتتىپاقلىق، تىنچلىق، بەخت ھەم سۆيگۈگە چاقىرىدىغان. بۈگۈن بىز گۈزەل ئىبارىلەردىن پۈتۈلگەن بىر پىيالە چاي، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا سۇنۇلغان. بۈگۈن بىز بىر دەستە گۈل، پۈتۈن ئىقلىمنىڭ رەڭدار گۈللىرىدىن تىزىلغان.

ئامېرىكىدا ھىجرەتتە تۇرۇۋاتقان دۇنيانى ئايلىنىپ «ئۇيغۇر» دەپ توۋلاۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر، بۈگۈنكىدەك ھېيت كۈنىدە باشقا ئانىلاردەك ساڭزا سېلىپ ھېيت تەييارلىقىنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا ئەمەس، ئۇ يەنىلا ئەل غېمىدە، داۋا تەييارلىقىدا. ئۇنى قەيەردىن ئىزدەيمىز؟ ئەلۋەتتە يەنىلا ئۇنىڭ ھەربىر كۈنىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئۆتكۈزىدىغان ئىشخانىسىدىن.

مەيلى ئۇ سىياسىيون بولسۇن ياكى ئالىم بولسۇن ۋە ياكى پالۋان بولسۇن، ئۇيغۇرلا بولىدىكەن بۈگۈنكىدەك كۈندە ئۆزىنىڭ ۋەتەن، خەلقىنى سېغىنىپ مۇڭلىنىدۇ، ئەنە ھېيت ھارپىسىنى ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات ئورگىنىدىكى ئىشخانىسىدا ئالدىراش تەجرىبە خىزمىتى بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ شۇ.

رامزان ئىبادەتلىرىگە بارلىق ئىمكانلار يارىتىلغان، مۇسۇلمان ئەللىرىدىن تۈركىيىدە ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۆمتۈرك ئۆمرە ھەجىنى تۈگىتىپ ئەمدىلا بوسۇغىسىدىن كىرىپلا رادىئومىز ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق قېرىنداشلارغا ئالىي ئېھتىرام ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى تىلىدى.

بۈگۈن ھىجرەتتىكى ھايات غېمىدە، ئالدىراشچىلىقلاردا ئايلاپ كۆرۈشەلمىگەن ئۇيغۇرلارمۇ ھېيت نامىزى باھانىسىدە بىر-بىرىنى قانغۇدەك قۇچاقلىشىپ ھال-مۇڭ سورىشىدۇ، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئىلھام مەھمۇد ئەپەندى ھەتتا ياپونىيىدىمۇ ھېيت نامىزىنى بىللە ئوقۇشنىڭ ئۆزى ھىجرەتلىك ھاياتتىكى ھېيتنىڭ خۇشاللىقى دەيدۇ.

پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا، گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاياللار كومىتېتى رەئىسى گۈلنار خانىم بۈگۈنكىدەك ھېيت ئايەمدە ئاتا-ئانىسىغا، ئەل-يۇرتقا بىر پىيالە ئىسسىق چاي تۇتالمىسىمۇ، چىن قەلبىدىن ئوقۇغان ھېيتلىق تىلەكلىرىنىڭ رادىئومىز دولقۇنلىرى ئارقىلىق ئۇلارغا يېتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ شۇنداقلا بۇ، ئەركىن ئاسىيا رادىئومىزدا سىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز.

سېغىنىشلىق يۈرەكلەردىن بارلىق ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا، ئايەم ئەھلىگە يەنە بىر ئوتلۇق سالام! روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!!