ئەنگلىيەدىكى بىر ئادۋوكاتلار گۇرۇپپىسى ئەنگلىيە پارتلامېنتىنىڭ بىر كومىتېتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئەنگلىيەدە G5 قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى، چۈنكى بۇ شىركەت ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ قۇل قىلىنىشى ۋە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىشىدا ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا قاتنىشىش لاياقىتىنى يوقاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئىلتىماسنى «ئۇيغۇر ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى ئادۋوكاتلار» گۇرۇپپىسى ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇت، ئەنۋەر توختىلارغا ۋاكالىتەن ئەنگلىيە دىگىتال، مەدەنىيەت، ئاخبارات ۋە تەنتەربىيە كومىتېتىغا سۇنغان.
بۇنىڭدا ئادۋوكاتلار گۇرۇپپىسىدىكى ئادۋوكات مايكېل پولاك ۋە دوكتور ئارىس جورجوپولوس رەخىمە مەھمۇت بىلەن ئەنۋەر توختىنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ گۇرۇپپا 26-ئىيۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خۇاۋېيغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئاشكارلىغانلىقى، ئۇنىڭدا «ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ‹قايتا تەربىيەلەش› لاگېرلىرىنى پۈتتۈرۈپ، خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زاۋۇتلارغا تارقىتىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن زاۋۇتلار خۇاۋېينىڭ مال تەمىنلەش زەنجىرى ئىكەنلىكىنى دەلىللەنگەنلىكى» تەكىتلەنگەن.
باياناتتا يەنە «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەن جازاسى، قۇللۇققا تۇتۇش، ئاھالىلەرنى مەجبۇرىي يۆتكەش، تۈرمىگە قاماش، كىشىلەرنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىشتەك خەلقئارا قانۇنلارنىڭ تۈپ پرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلىش، مەجبۇرى توي قىلىش، ھامىلىدار بولۇش، دىن، ئىرق، مىللىتى ئاساسىدا جازلاش ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر جىددىي بايانلارنىڭ بارلىقى» نى بىلدۈرگەن. باياناتتا تەكىتلىشىچە، ئادۋوكاتلار ئەگەر ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىغا جىددىي قارىمىسا، قانۇنغا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى