2011.06.10
ئۇيغۇرلار بېرلىندىكى قازاقىستان ۋە خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى
ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، 7-ئىيۇن گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار بېرلىندىكى قازاقىستان ۋە خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نامايىشى ئۆتكۈزدى.
بۇ يىل 38 ياشلاردىكى ئەرشىدىن ئىسرائىل 2009-يىلى يازدا قازاقىستانغا قېچىپ چىقىپ، ب د ت نىڭ ئالماتادىكى ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن. ھالبۇكى، قازاق دائىرىلىرى ئەرشىدىن ئىسرائىلنى بۇ يىل 5-ئاينىڭ 31-كۈنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن د ئۇ ق جىددىي يىغىن چاقىرىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. بېرلىنغا توپلانغان ئۇيغۇرلار «قازاق-ئۇيغۇر قېرىنداش! ئۇيغۇرلارنى ساتماڭلار!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.
لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئىتالىيىدە ئويۇن قويدى
2-ئىيۇن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئىتالىيىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان تورىنو شەھەرلىك شەرق مۇزىكا مۇزېيىدا ئويۇن قويدى.
7 كىشىدىن تەركىب تاپقان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئىتالىيىنىڭ تورىنو شەھىرىدىكى 40 باشلانغۇچ مەكتەپتىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسى ھەققىدە لېكسىيە بەردى ۋە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىدىن ئۆرنەكلەر ئورۇنلىدى.
لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن رەھىمە مەخمۇت ۋە كامىل ئابباسنىڭ ئېيتىشىچە، ئىتالىيە خەلقى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىغا بەكلا قىزىقىدىكەن، بۇ كونسېرت ئىتالىيىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.
جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر چەكلەش ئۇقتۇرۇشى نارازىلىق قوزغىماقتا
بۇ يىل ئىيۇندا جېجياڭ يېزا ئىگىلىك ئورمانچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتى مەخسۇس ھۆججەت چىقىرىپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا تەربىيىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر كۇرسانتلار مەكتەپ ئىچىدىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشسە جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نارازىلىق قوزغىغان.
جېجياڭ يېزا ئىگىلىك ئورمانچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتى چىقارغان جازالاش تەدبىرلىرىدە ئەگەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشكەنلىكى بايقالسا؛ قېتىم سانى بويىچە جازالىنىدىغانلىقى؛ جازانىڭ بارغانچە ئېغىرلاشتۇرىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ بەلگىلىمە ئالىي مەكتەپنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن قايتا تەربىيىلىنىش ئۈچۈن ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن جېجياڭ يېزا ئىگىلىك ئورمانچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتىغا يوللانغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن چىقىرىلغان.
«يەسلى سىنىپى دەرسلىك قوللانمىسى» ناملىق كىتاب ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى
يېقىندا «يەسلى سىنىپى دەرسلىك قوللانمىسى» ناملىق ئۇيغۇر تىلى دەرسلىك كىتابى تۈركىيىدە نەشر قىلىندى.
كىتاب سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، كىتابنىڭ بىرىنچى بېتىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت گېربى ۋە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. بۇ كىتاب ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ 4-ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن.
كىتابتا يەسلىدىكى بالىلارغا ئۇيغۇرچە يېزىش، ئوقۇش، ئەخلاق، ئۆرپ-ئادەت ۋە قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىتىش قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ.
خەلقئارالىق قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى مۇھاكىمە يىغىنى ئەنقەرەدە ئاخىرلاشتى
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىكى ھىلتون مېھمانخانىسىدا خەلقئارالىق قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.
يىغىننى تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى چاقىرغان بولۇپ، يىغىنغا گېرمانىيە، ياپونىيە، تۈركىيە ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 31 داڭلىق تۈركشۇناس ۋە ئۇيغۇرشۇناسلار قاتناشتى.
يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن خىتاي مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن پروفېسسور لىتىپ توختى، پروفېسسور مەترېھىم سايىت، ھازىر گېرمانىيىدە ئىشلەۋاتقان دوكتور ئابدۇرېشىت ياقۇپ، دوكتور ئابلەت سەمەت ۋە دوكتور ئايسىما مىرسۇلتان قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ماقالە ئوقۇدى.
تۈركىيە بېيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم بولسا بەشبالىقتا ياشىغان ئالىم سىڭقۇ سېلى تۇتۇڭنىڭ تەرجىمە ئۇسلۇبى ھەققىدە سۆز قىلدى. مەخپىرەت خانىم بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇر ياش ئالىملىرىنىڭ ئالاھىدە كۆزگە چېلىققانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ساھەدە ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گوللاندىيىدىكى «مەدەنىيەتلەر بايرىمى» پائالىيىتىدە ئۇيغۇر يېمەكلىرى نامايان قىلىندى
2-ئىيۇندىن 5-ئىيۇنغىچە گوللاندىيىنىڭ دەنبوش شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «مەدەنىيەتلەر بايرىمى» دا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۆزگىچە جۇلاسى بىلەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە رام قىلدى.
ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 دىن كەچ سائەت 10 غىچە داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتتە، ھەر قايسى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ قول-ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى ۋە يېمەك-ئىچمەكلىرى كۆرگەزمە قىلىندى.
گوللاندىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى مەزكۇر پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتناشقان جەمئىيەتلەرنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ يېتەكچىسى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«دۇنيا ئۇيغۇر رابىيە قادىر لوڭقىسى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى» نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي ئىشلەنمەكتە
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرى تۇنجى قېتىملىق «دۇنيا ئۇيغۇر رابىيە قادىر لوڭقىسى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى» ئۈچۈن، جىددىي تەييارلانماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، مۇسابىقە بۇ يىل 7-ئاينىڭ 27-كۈنى گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
مۇسابىقە تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مۇسابىقە دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدىكى بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
تەييارلىق خىزمەتلىرى ئۈچۈن گوللاندىيىگە كەلگەن «بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئابدۇلمۇتەللىپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇسابىقە گوللاندىيە بىلەن بېلگىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
مۇسابىقىگە 10 ئەتراپىدا رىقابەتچى كوماندا قاتنىشىدىغان بولۇپ، 4 كۈن داۋام قىلىدىكەن.
ئۇ يەنە ئەمەلىي مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، مۇسابىقىگە كېتىدىغان چىقىمنىڭ كۆپلۈكىدىن ھەرقايسى دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭ مەدەت بېرىشى ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى ۋە: مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىن مەقسەت، دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكى قولغا كەلتۈرۈش، ئەۋلادلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قىلىشقا يول ئېچىش ئۈچۈندۇر، دېدى.
قازاق شائىرى كېڭېسجان شالقار ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى
يېقىندا كۆرۈنەرلىك قازاق شائىرى كېڭېسجان شالقارنىڭ بىر قاتار شېئىرىي ئەسەرلىرى ئېلاخۇن جەلىلوف تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، «ئاسىيا بۈگۈنى» گېزىتىدە ئېلان قىلىندى.
ئەدىبنىڭ مەزكۇر ئەسەرلىرى «سۈلھىنىڭ ئالتۇن يۇلتۇزى» ماۋزۇسى بىلەن بېسىلغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەھرىمانى سۈلھى لۇتپۇللىننىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان.
كېڭېسجان شالقار ئەسلى ئۇيغۇر ئېلىدە ياشىغان بولۇپ، ئۇ ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدە باشتىن كەچۈرگەن ۋەقەلەر ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ، ئەينى يىللاردا ئۇيغۇر، قازاق ۋە ئۆزبېكلەرنىڭ ئىنتايىن ئۆم ياشايدىغانلىقى ۋە بىر-بىرىنى ئۆز-ئارا ئايرىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئىنتايىن ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىشى ۋە ئۆز تىلىنى قەدىرلىشى زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.