4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 22 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەنگەن «سەرگەردان» ناملىق كىنو فىلىمى ياپونىيىدە رەسمىي قويۇلۇشقا باشلىدى. سېنارىيىنىڭ ئەسلىدىكى خىتايچە نامى «سەددىچىننىڭ سىرتىدا» بولۇپ، بۇ ياپونچىغا «سەرگەردان» دەپ تەرجىمە قىلىنغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.05.23

فىلىمدا ئەينى چاغدىكى ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇش جەريانى بايان قىلىنىش بىلەن بىرلىكتە ۋەقەدىن كېيىن چەتئەلگە قېچىپ چىققان مەزكۇر ھەرىكەت يېتەكچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە پىكىرلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

فىلىم ئالدىنقى كۈنى توكيودا قويۇلغاندا، فىلىمدىكى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئوق چىقارغان ۋە تانكا بىلەن باستۇرغان كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرگەن تاماشىبىنلار كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغان ۋە ھازىرغا قەدەر مەزكۇر ۋەقەگە قايتا باھا بەرمىگەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە لەنەت ياغدۇرغان.

فىلىمگە ياپونىيىدىكى بىر كىنو شىركىتى مەبلەغ سالغان، سۈرگۈندىكى خىتاي رېژىسسور خەن گۇاڭ فىلىمنىڭ رېژىسسورلۇقىنى قىلغان. فىلىم خىتايچە، ئىنگلىزچە ۋە ياپونچە بولۇپ 3 خىل تىلدا ئىشلەنگەن؛ رېژىسسور خەن گۇاڭنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، فىلىمنىڭ ئالدى بىلەن قويۇلىدىغان جايلىرى ياپونىيە ۋە ئامېرىكا؛ رېژىسسورنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بولسا فىلىمىنى خىتاي تاماشىبىنلىرىنىڭ دىققىتىگە يەتكۈزۈش.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» ناملىق فىلىمنىڭ قويۇلۇشى خىتاي بىلەن ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە تەسىر يەتكۈزگەن ئىدى. خىتاي ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى خاتىرىلەنگەن «سەرگەردان» فىلىمىنىڭ ياپونىيىدە قويۇلۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىدە قانداق ئىنكاس پەيدا قىلىدىغانلىقى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولماقتا.