2011.05.03

يىغىن ئالىم سېيىتوفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم كېڭەشنىڭ مەقسىتى ۋە تەرتىپلىرى ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش سۆزى قىلدى. ئۇ نۇتقىدا بۇ قېتىمقى يىغىندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھەرقايسى ساھەلەردىن كەلگەن ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
كېيىن جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور شون روبېرتس شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋە كېلەچەك ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە بۈگۈن ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى ھەققىدە توختالدى.

كېيىن ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى:
نۆۋەتتە ئامېرىكىدا بىر ئۇيغۇر قانۇنى چىقىشى كېرەك. بۇنداق قانۇن تۈزۈلسە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. مەسىلەن ئامېرىكا مەجلىسى چىقارغان تىبەت، تەيۋەن ھەققىدە قانۇن چىقارغان. تىبەت قانۇنى 2002-يىلى ماقۇللانغان يەنى تىبەت مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش قانۇنى. بۇ قانۇندا تىبەتكە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش ماددىسىمۇ بار. تىبەت رايونىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرەلمىسىمۇ تىبەت ئوقۇغۇچىلارنى ئامېرىكىدا ئوقۇتۇش يوللىرى بىلەن ياردەم قىلىش مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا تىبەت بۆلۈمى بار. ئۇيغۇر مەسىلىسىگە خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى قارايدۇ. شۇڭا ئامېرىكىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار كۆپ.
كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ 1965-يىلىدىن باشلاپ بۈگۈنگىچە بولغان ئارىلىقتىكى سەۋىيىگە يېتىشى ھەققىدە توختالدى.
ئۇ سۆزىدە گېرمانىيىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ بۈگۈن ياۋروپا پارلامېنتىدا كۈن تەرتىپىگە كېلىشكە باشلىغانلىقى، ياۋروپادا كۆپ پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يېتەرلىك ئەمەسلىكى، كادىرلار قوشۇنىنىڭ تولۇق بولماسلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۈشەندۈردى.
كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيىدىكى نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر تېمىسىدا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ تۈركىيىدە قاچان قانداق باشلىنىپ قانداق تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئاڭلاتتى.
يىغىننىڭ تەرتىپى بويىچە، بۈگۈن يەنە ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەرمۇ ئۆز دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭىشى 5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 5-ئاينىڭ 4-كۈنى گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلماقچى.