ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى جۇلىيا خانىمنىڭ كېلەر ھەپتىدىكى خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتى ھەققىدە ئاۋسترالىيە ۋە دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ھەرخىل خەۋەر ۋە ئانالىزلار بەس-بەس بىلەن تىلغا ئىلىنىۋاتىدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز بەختىيار
2011.04.21

Julia_Gillard-juliya-gillard-305ئاۋسترالىيىنىڭ باش مىنىستىرى جۇلىيا گىللارد. 2010-يىلى 10-ئاۋغۇست.

بۇ ھەقتە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەت ئەلا ئەپەندىگە تېلېفون ئارقىلىق مۇراجىئەت قىلدۇق.

ئۇ ئاۋىسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى: ئاۋسترالىيە ئاھالىسىنىڭ 80% تىن كۆپرەكى ئەنگىلو-ساكسون (ئىنگلىزلارنى ئاساس قىلغان ياۋروپا مىللەتلىرى) لارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇ ئاسىيادىكى غەرب سىستېمىسىدىكى دېموكراتىك دۆلەت بولۇپ، ئاسىيا بولۇپمۇ تىنچ ئوكيان دائىرىسىدە خىتاينىڭ سىياسىي تەسىرىنىڭ كۈچىيىشى، ھەربىي مۇداخىلە تەھدىتىنىڭ زورىيىشىنى خالىمايدۇ. ئامېرىكا بىلەن قويۇق ھەربىي مۇناسىۋىتى بار. بۇ دۆلەتتە ئىنسان ھەقلىرى شەرتسىز قوغدىلىدىغان بولۇپ، دېموكراتىيە يۈكسەك دەرىجىدە ئەمەلىيلەشكەن. ئۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەزلۇم خەلقلەرگە ياردەم قىلىشنى، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا قارشى تۇرۇشنى دۆلەتنىڭ بىر مۇھىم سىياسىتى قىلىپ بەلگىلىگەن. ئاۋسترالىيە گەرچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا زور قىممەتتە ئىقتىسادى مۇناسىۋەت بولسىمۇ ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتە خىتاينى ئىنسان ھەقلىرىنى ئاياق ئاستى قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلدى.1997-يىلدىكى «غۇلجا فېۋرال ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئاۋسترالىيىدە سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، بولۇپمۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيىگە قىلغان زىيارەتلىرىدىن كېيىن، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپلا قالماي، ئاۋىسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ نازۇك مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى.

مۇھەممەت ئەلا ئەپەندى جۇلىيا گىللارد خانىمنىڭ خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: جۇلىيا خانىم ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەتكە، بولۇپمۇ مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتى ھەققىدە كۆپ توختىلىپ، خۇ جىنتاۋ ۋە ۋىن جياباۋ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، ئوتتۇرا شەرقتىكى خەلق ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە خىتايدا كۆرۈلۈۋاتقان ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتىگە قارشى ئەسەبىي ھەرىكەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز ئۇنىڭ ئۆز خەلقىگە بەرگەن ۋەدىلىرىدە چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش-قويماسلىق ھەققىدە ئۇ، بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويمىسىمۇ، ۋاسىتىلىك ھالدا قويۇشى مۇمكىن.

مەركىزى ئادېلايدتىكى ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى، مەركىزى سيدنېيدىكى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى باش مىنىستىر جۇلىيا گىللارد خانىمغا ئايرىم -ئايرىم خەت يېزىپ ، شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى ۋە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئاياق ئاستى قىلىنىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭدىن بۇ مەسىلىنى خىتاي ھۆكۈمدارلىرى ئالدىغا قويىدىغان خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە ئەڭ مۇھىم نۇقتا قىلىشنى تەلەپ قىلدى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ھەمدە 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن تۈرمىگە تاشلانغان گۇناھسىز مەھبۇسلارنىڭ ئازاد بولۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئىلتىماس قىلدى.