2011.04.19

ياپونىيە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلغان دۆلەتلەردىن بىرى.
2009-يىلى ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مەدەنىيەتلىك فاكۇلتېتى مۇدىرى پروفېسسور سېيىشى نىشىخارا ئەپەندى بىر تەتقىقات پىلانى بويىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى ياپونىيىگە تەكلىپ قىلىپ نۇرغۇن شەھەر ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا دوكلات بەرگۈزگەن ئىدى.
كېيىن ئوبزورچى سىدىقھاجى روزىنىمۇ تەكلىپ قىلىپ دوكلات بەرگۈزدى. پروفېسسور سېيىشى نىشىخارا ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە سىدىقھاجى روزىنىڭ دوكلاتلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ «رابىيە قادىر خانىم ۋە سىدىقھاجى روزى» ماۋزۇلۇق كىتابنى يازغان.
ئۇنىڭ بۇ كىتابنى يېزىشتىكى مەقسىتى نېمە؟ بۇ كىتابىدا نېمىلەر بايان قىلىنغان؟ بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورى سېيىشى نىشىخارا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.