2011.03.18

رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيىگە يېتىپ كەلدى
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيىدە ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان دېموكراتىيە بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى ئۈچۈن 17-مارت ئاۋسترالىيىگە يېتىپ كەلدى.

ئالدىنقى كۈنى خىتاي باياناتچىسى جاڭ يۈ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتىگە ئېتىراز بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم سىدنېي ئايرودرومىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ۋە مەزكۇر قىلمىشلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم 2009-يىلى ئاۋسترالىيە مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئاۋسترالىيىگە كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بىر مەزگىل يىرىكلەشكەن ئىدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى يەنە ئوتتۇرىغا چۈشتى

سەيشەنبە كۈنى جەنۋەدە داۋام قىلىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 16-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چۈشتى.

يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى يانا براندىت خانىم، خەلقئارا تىنچلىقپەرۋەر رادىكال پارتىيىسى نامىدىن سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىش ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يەنە، گېرمانىيە ۋە چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى.

يىغىننىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى قىسمىدا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرىمۇ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

قەشقەر شەھىرىدىكى يېڭى مەھەللە-نۇرباغمۇ چېقىلماقچى

خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردە يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە بەرپا قىلىنغان مەھەللەردىن-نۇرباغ مەھەللىسىنىمۇ چاقماقچى.

خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر شەھىرىدىكى قەدىمىي كوچىلارنى چاققاندا، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش باھانىسى بىلەن ئىش باشلىغان ئىدى.

نۇرباغدىكى ئۆي-ئىمارەتلەر بېتون قۇرۇلمىلىق بولۇپ، يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلمەسلىك مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا نۇرباغدىكى ئاھالىلەر نۇرباغدىن كۆچۈشنى رەت قىلماقتا. دائىرىلەر بولسا ئاھالىلەرنى نۇرباغدىن كۆچۈشكە زورلىماقتا.

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە 100 مىليون مودىن ئارتۇق يايلاقتا مال بېقىشىنى چەكلىدى

خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى بۇيرۇق چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە 100 مىليون مودىن ئارتۇق يايلاقتا مال بېقىشىنى چەكلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ھەقتە توختالغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چارۋىچىلىق نازىرى سارخات ئاخان، مال بېقىش چەكلەنگەن رايون كۆلىمىنىڭ 150 مىليون موغا يېتىدىغانلىقىنى ۋە بۇ خىلدىكى يايلاقلاردا مەڭگۈ مال بېقىش چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، خەۋەردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى قايسى يايلاقلاردا مال بېقىش چەكلەنگەنلىكى، مال-چارۋىسىدىن ئايرىلغان چارۋىچىلارغا يەنە قانداق ياردەم بېرىلىدىغانلىقى تەپسىلىي كۆرسىتىلمىگەن.

ئۇيغۇرلار يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ياپون خەلقىگە ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى

11-مارت ياپونىيىدە 8.9 بال ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى. ئىگىلىشىمىزچە، جۈمە كۈنى ئاپەتتىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلار جۈمە نامىزىدا ياپون خەلقىگە ئامانلىق تىلىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ تېلېگرامما يوللاپ، ياپونىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە ھېسداشلىق بىلدۈرگەن.

شۇ قاتاردا ئىلگىرى ياپونىيىدە بىلىم ئىگىلىگەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ ياپونىيە خەلقىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

ژۇرنالىستلارنى قوغداش تەشكىلاتى ئۇيغۇرچە ئورخۇن تور بېتىنىڭ ساھىبى تۇرسۇنجان ھېزىم ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

باش شتابى نيۇيوركتىكى ژۇرنالىستلارنى قوغداش تەشكىلاتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورخۇن تور بېتىنىڭ ساھىبى تۇرسۇنجان ھېزىمغا قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا: بۇ، خىتاينىڭ 2009‏-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا قىلغان يەنە بىر قېتىملىق بىۋاسىتە ھۇجۇمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009‏-يىلىدىكى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن «ئۇيغۇربىز»، «شەبنەم» ۋە «دىيارىم» قاتارلىق تور بېكەتلىرىنىڭ خادىملىرىنى قولغا ئالغان ۋە جازاغا تارتقان ئىدى.

ياسىمەن نامايىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ «ئىشخانىسى» نى بۇزۇۋەتتى

خىتاي يولغا قويغان «ياسىمەن نامايىشى» نىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتى داۋامىدا، بېيجىڭدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئەرزدارلاردىن ئۆمەرجان ئابلا، تۇرسۇن غوپۇر ۋە ئايگۈل توختى قاتارلىقلار تۇتۇپ كېتىلگەن. ئەتىسى خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئەرزدارلار توپلىشىپ تۇرۇۋاتقان چېدىرنى بۇزۇپ تاشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 3 نەپەر ئۇيغۇر ئەرزدار ئۆتكەن ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى كەچتە تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە يۇرتىغا ئاپىرىۋېتىلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇلار ئۆز ئۆيلىرىدە نەزەربەندكە ئېلىنغان.

«يىپەك يولىنىڭ سىرى» ناملىق كۆرگەزمىگە قويۇلغان قۇرۇق جەسەتلەر كۆرۈرمەنلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى

پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «يىپەك يولىنىڭ سىرى» ناملىق كۆرگەزمىگە قويۇلغان تارىم قۇرۇق جەسەتلىرى كۆرۈرمەنلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى.

كۆرگەزمىگە 12-مارت كۆپ ساندا ئادەم قاتناشقان. نەق مەيداندىن كۆزىتىشىمىزچە، كۆرۈرمەنلەرنى ئەڭ جەلپ قىلغان بۇيۇملار ئارىسىدا قۇرۇق جەسەتلەر ئەڭ گەۋدىلىك بولغان.

ھالبۇكى، كۆرگەزمىگە قويۇلغان قۇرۇق جەسەتلەر 15-مارت خىتاي تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلدى. كۆرگەزمىگە قويۇلغان باشقا ئاسارە-ئەتىقىلەر 28-مارتقىچە ئېلىپ كېتىلىدىكەن.

مەزكۇر كۆرگەزمىگە خىتاي دائىرىلىرى باشتا قاتتىق توسقۇنلۇق قىلغان ئىدى.