1995‏-يىلى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ چېچىلاڭغۇ بولۇشتەك بوشلۇقى، 2005‏-يىلى خىتاينىڭ تۈرمىسىدىن ئازاد بولۇپ، 2006‏-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولغان رابىيە قادىر خانىمنىڭ خەلقئارا سەھنىدە تونۇلۇپ مەيدانغا چىقىشى ئۇيغۇر ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنە بىر يەرگە توپلىنىشىغا شەرت ‏- شارائىت ھازىرلاپ بەردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2010.12.27

Rabiye-xanim-Filim-festiwal-zalida-tamashibinlar-bilen-305.jpgﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﯞﺳﺘﯩﺮﺍﻟﯩﻴﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ 8 – ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﻰ، «ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ 10 ﺷﻪﺭﺗﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﻗﻴﯘﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﻟﺪﺍ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﯞﺳﺘﯩﺮﺍﻟﯩﻴﻪ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.

يېقىندا «ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كافكازىيە‏-رىقابەتتىن ھەمكارلىققىچە» دېگەن كىتاب مارمارا كىتاب مەركىزى نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى. بۇ كىتابنى تۈركىيە ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور تاييار ئارى ئەپەندى نەشرگە تەييارلىغان. بۇ كىتاب 14 نەپەر دوكتور، پروفېسسور ۋە يازغۇچىلار تەرىپىدىن تەييارلانغان ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

512 بەتلىك بۇ كىتابتا، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كافكازىيە سىياسىتى، خىتاينىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى تەبىئىي گاز ۋە نېفىت تۇرۇبا لىنىيىسىگە يېتىپ كېلىدىغان خەۋپلەر ۋە تەھدىتلەر، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان.

بۇ كىتاب تۆت بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى، بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى، ھەمكارلىق خىزمەتلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسىي ئامىللار، رېجىم بىخەتەرلىكىگە قارشى كېڭىيىۋاتقان سىياسىي رىقابەت دېگەنگە ئوخشاش تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

كىتابتا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كافكازىيە سىياسىتى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى خىتاي ئۈچۈن چوڭ بىر پۇرسەت ياراتتى. خىتاي ياۋرۇ- ئاسىياغا قارىتا يېڭىدىن بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. چۈنكى 1949 ‏‏- يىلدىن 1991 ‏- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم غەرب ۋە شىمالىي قوشنىسى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىدى. 1949 ‏- يىلدىن 1962 ‏- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئىتتىپاقدىشى ۋە بىخەتەرلىك قوشنىسى ئىدى. 1963 ‏- يىلىدىن 1982 ‏- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت ئىتتىپاقى ھەر زامان خىتايغا ھۇجۇم قىلىدىغان ئەڭ چوڭ تەھدىتكە ئايلاندى. 1982 ‏- يىلىدىن 1991 ‏- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا بولسا بېيجىڭ ‏- موسكۋا مۇناسىۋەتلىرى يېڭىدىن نورماللىشىشقا باشلىغان دەۋر بولدى. 1991 ‏- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن خىتاي ئۈچۈن يېڭى بىر پۇرسەت چىقتى، خىتاينىڭ غەربىي تەرىپىدىكى چوڭ كۈچ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئورنىغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر قوشنا بولدى. بۇ دۆلەتلەر سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىغاندا بەك ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن خىتايغا بىۋاسىتە تەھدىت ھېسابلانمايتتى. بۇ ئۈچ يېڭى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ غەربىي چېگرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزەلەيتتى. خىتايغا نىسبەتەن بۇنىڭدىن چوڭ بىر تەھدىت بولسا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىل بولۇشى بىلەن بىرلىكتە، يېقىن قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرى بولغان ئۇيغۇر رايونىدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ جانلىنىشى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ 1991 ‏- يىلىنىڭ باشلىرىدا ئەڭ چوڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۈركىستاندا يېنىشقا باشلىغان مۇستەقىللىق مەشئىلىنىڭ خىتايدىكى تۈركىستانغا تۇتىشىشى ئىدى. بۇ خەۋپ ئەندىشە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بىرى بولدى.

خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ پايدا مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇناسىۋەتلىرى

كىتابتا يەنە، خىتاي ‏- رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: كېيىنكى دەۋرلەردە خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ يېقىنلىشىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى ئىدى. مۇداپىئە، ئېنېرگىيە ساھەسى ۋە تىجارەت ھەمكارلىقى ساھەلەردە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرى بار. خىتاي رۇسىيىدىن زامانىۋى پەن – تېخنىكا بىلەن ياسالغان قوراللارنى خەلقئارا بازارلارغا قارىغاندا ئەرزان باھادا سېتىۋالدى. 1990 ‏- يىلىدىن 1995 ‏- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا رۇسىيە خىتايغا ئاران 12 مىليون دوللار قىممىتىدە قورال سېتىپ بەرگەن ئىدى. 1995 ‏- يىلىدىن 1999 ‏- يىلغىچە رۇسىيە خىتايغا 3.3 مىليارد دوللار قىممىتىدە قورال سېتىپ بەردى. خىتاي رۇسىيىدىن 2003 ‏-‏ يىلى 4.3 مىليارد دوللارلىق قورال سېتىۋالدى. 2004 ‏- يىلى بۇ رەقەم 33% پىرسەنت ئېشىپ 5.7 مىليارد دوللارلىق قورال سېتىۋالدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنى زامانىۋى ئەسلىھەلەر بىلەن قوراللاندۇردى. رۇسىيە بولسا قورال سېتىش ئارقىلىق قورال سانائىتىنى كۈچلەندۈردى. نۆۋەتتىكى شەرت ‏- شارائىتلاردا رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىشىشى ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى بولۇپ قالدى. رۇسىيىنىڭ كەڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرى بارغانسېرى ئىستراتېگىيە مېخانىزمى بولۇپ كەلمەكتە. 2400 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۇرۇبا يولى بىلەن رۇسىيىنىڭ ئانگارسك شەھىرىدىن خىتاينىڭ مانجۇرىيىدىكى داچىڭ شەھىرىگە نېفىت ئاقماقتا.

خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى مۇناسىۋەتلىرى

كىتابتا يەنە، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ يېقىنلىشىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبلىرىدىن بىرىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ئامېرىكا قارشى تۇرۇش خىتاي ‏- رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى قۇتۇپلۇق سىستېما يىمىرىلگەندىن كېيىن خىتاي، دۇنيادىكى بىرىنچى كۈچ بولۇپ مەيدانغا كەلگەن ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشقا مەجبۇر بولدى. ھەقىقەتەن سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن خىتاي ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتىن باشقا چارە يوق ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن 1970 ‏- يىلىدىن بۇيان خىتاي ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلغان ئۆز ‏- ئارا مەنپەئەتلەر ۋە باغلىنىپ قالغان مۇناسىۋەتلەرنى بىردىنلا ئۈزۈپ تاشلاش خىتاي ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئامېرىكا بىلەن قارشىلاشقان مەسىلىلەردە خىتاينى قوللايدىغان بىر ئىتتىپاقداش ئىزدىمەكتە. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي ياۋروپاغا كېڭىيىشىدىن رۇسىيە تەھدىت ھېس قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتايمۇ ئامېرىكىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرى ھەققىدە خىتايغا بېسىم قىلىشىدىن ۋە تەيۋەن بىلەن بولغان ھەر ساھە سودا ‏- تىجارىتىدىن بىئارام بولماقتا. ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپلىمە سىياسەت يۈرگۈزۈشى، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ سىياسەت، بىخەتەرلىك، ئىقتىسادىي ساھەلەردە ھەمكارلىشىشنى تېزلەشتۈردى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي يېقىندا رۇسىيىنى ئىستراتېگىيىلىك ئورتاق دەپ قوبۇل قىلدى. رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ بىر قۇتۇپ ھالەتتە قېلىشىغا قارشى چىقىپ كۆپ قۇتۇپلۇق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشكە باشلىدى ۋە ئاسىيا سىياسىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. ياپونىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتتى ۋە كورىيە سىياسىتىنى يېڭىدىن كۆزدىن كەچۈردى ۋە سىئول بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن كۈچەيتتى. ئۇزۇن زاماندىن بىرى تاشلىنىپ قالغان شىمالىي كورىيە بىلەن تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا باشلىدى.

كوسوۋو مەسىلىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان شەرقىي تۈركىستان ۋە چىچەنىستان مەسىلىلىرى

كىتابتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ناتونىڭ يۇگوسلاۋىيىدىكى كوسوۋو مەسىلىسىگە ئارىلىشىشى، چىچەنىستان ۋە شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاش كوسوۋوغا ئوخشاش ئاز سانلىقلار مەسىلىسى بولغان رۇسىيە بىلەن خىتاينى تاشقى كۈچنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. خىتاي ئۈچۈن بۇ خىل خەلقئارا ئومۇمىي بىر ئىجرائاتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى پەقەت شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇش باسقۇچىنى تېزلەشتۈرىدۇ. خىتاينى زىيارەت قىلغان رۇسىيىنىڭ سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى ئىگۇر رودىنوف، ئىككى كورىيە، ئامېرىكا، خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئاتوم بومبا قوللىنىدىغان بىر ئۇرۇش چىقىپ قالسا، رۇسىيىنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىگۇر رودىنوف رۇسىيىنىڭ ئۇ رايونلاردا ئۇرۇش بولۇپ قالسا، شىمالىي كورىيە بىلەن خىتاي ئىتتىپاقىنى قوللايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان.

خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىدە شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇقىملىقنىڭ داۋاملىشىشى، بىخەتەرلىكىنىڭ ساقلىنىشى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن قۇرغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھەمكارلىقنى داۋام قىلالىشىغا باغلىق. خىتاي يېقىنقى زامانلاردىن بىرى قىرغىزىستان بىخەتەرلىك كۈچلىرىنى كۈشكۈرتۈپ، ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇشقا ئۈمىد بىلەن قارىماقتا. خىتاي ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قىرغىزىستاندا بىر ھەربىي بازا قۇرۇشنى پىلانلىدى. پۇرسەت تاپقاندا، خىتاي قىرغىزىستاندا ئامېرىكا ۋە رۇسىيىدىن كېيىن ھەربىي بازا قۇرغان ئۈچىنچى دۆلەت بولۇش ئېھتىمالى بار. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاي ئۈچۈن چوڭ بىر پۇرسەت چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ چېچىلاڭغۇ ۋە ئاجىز بولۇشى. تىبەتتىكى دالاي لاماغا ئوخشاش بىر لىدەرنىڭ يوقلۇقى شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ چېچىلاڭغۇ شەكىلدە قېلىشىغا يول ئاچتى. بۇ جەھەتتە 1995 ‏- يىلى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن چوڭ بىر بوشلۇق بولۇپ قالغان ئىدى. 2005 ‏- يىلى خىتاينىڭ تۈرمىسىدىن ئازاد بولغاندىن كېيىن 2006 ‏- يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولغان رابىيە قادىر خانىمنىڭ خەلقئارا سەھنىدە تونۇلۇپ مەيدانغا چىقىشى، چېچىلاڭغۇ ئۇيغۇر ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر يەرگە توپلىنىشىغا شەرت ‏- شارائىت ھازىرلاپ بەردى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن خىتاي خەلقئارا تېررورلۇقنى قوللىغان قىياپەتكە كىرىۋالدى. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتىنىڭ ئېشىشى، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك قايغۇلىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشقا يول ئاچتى. خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي باستۇرۇشلاردا ئوچۇق غەلىبىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. خىتاينىڭ ھەربىي باستۇرۇشلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.