خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ كېلەر يىلى 1‏ – ئايدا ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلار زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. نۆۋەتتە ئىككى تەرەپنىڭ خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارەت كۈنتەرتىپىنى جىددىي ئورۇنلاشتۇرۋاتقانلىقى مەلۇم.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.11.01

Obama-we-Xu-jintaw-xitayda-doletlik-ziyapette-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ، 17‏ – ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎﻧﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﺪﺍ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﻪ، ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯜﺳﺘﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻤﺎﻗﺘﺎ.
شەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىمنىڭ خەينەندە خىتاي دۆلەت ئىشلار كومىسسارى دەي بىڭگو بىلەن ئۇچرىشىپ ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنلىرىدىن بىرى خۇ جىنتاۋنىڭ كېلەر يىلى 1‏ – ئايدا ئېلىپ بارىدىغان ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ئۇچرىشىشلار كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىدىن ئىزچىل قانائەت ھاسىل قىلماي كەلگەن. ئۇلار كلىنتون خانىمدىن دەي بىڭگو بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىنى سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئوباما ھۆكۈمىتى بولسا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا – خىتاي سۆھبەتلىرىدە ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ھەل بولماي كېلىۋاتقان تالاش – تارتىشتىكى نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ھەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دائىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايغا جىددىي بېسىم ئىشلىتىپ، خىتايدىن كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشنى جىددىي تەلەپ قىلىش ھەققىدىكى بېسىمىغا ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىمنىڭ خىتاي دۆلەت ئىشلار كومىسسارى دەي بىڭگو بىلەن خەينەندە ئۇچرىشىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خەت يېزىش، بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئوباما ھۆكۈمىتى ۋە كلىنتوننى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى كلىنتون خانىم دەي بىڭگو بىلەن ئۇچرىشىشتىن سەل بۇرۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېغىرلىشىپ بېرىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، كلىنتوننىڭ بۇ سەپىرى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئالدىغا قويۇشتىكى ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

كلىنتون خانىم بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىگە ئېلىپ بارغان سەپىرىدە ئارقا – ئارقىدىن خىتاينىڭ ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بىلەن ئۇچراشقان ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياش جيېچى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن شەنبە كۈنى ۋېيتنام پايتەختى خانويدا چاقىرىلغان شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللەر ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا كۆرۈشكەن. كلىنتون خانىم شۇ كۈنى ئۇچراشقان يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى، خىتاينىڭ دۆلەت ئىشلار كومىسسارى دەي بىڭگو. كلىنتون خانىم خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن خانويدا ئۇچرىشىپلا قالماي، شەنبە كۈنى يەنە خەينەننى قىسقا مۇددەتلىك زىيارەت قىلىپ، دەي بىڭگو بىلەن بىلەن 2 يېرىم سائەت سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سۆھبەتنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ كېلەر يىلى 1‏ – ئايدىكى ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپ شىمالىي كورىيە، خىتاي – ياپونىيە ئارىسىدىكى سېنكاكۇ تاقىم ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دائىر زېمىن ئىختىلاپى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. كلىنتون خانىم خىتايدىن شىمالىي كورىيىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى توساشنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە خىتاي 3 تەرەپ يىغىنى چاقىرىپ، سېنكاكۇ تاقىم ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن كلىنتون بىلەن دەي بىڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سۆزلەشكەن ياكى سۆزلەشمىگەنلىكى، سۆزلەشكەن بولسا قايسى مەسىلىلەرنى سۆزلەشكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. جۈمە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى فىلىپ كروۋلېي كلىنتوننىڭ ۋېيتنامدىكى يىغىندا كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ دەي بىڭگو بىلەن ئېلىپ بارىدىغان خەينەندىكى سۆھبىتىدە بۇ مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان – قويۇلمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتمىغان. كروۋلېي كلىنتوننىڭ دەي بىڭگو بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنى سۆزلىشىدىغانلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان مەسىلىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا خۇ جىنتاۋ كېلەر يىلى 1 – ئايدا ئامېرىكىغا زىيارەتكە كەلگەندە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى تەلەپلىرىنى يەتكۈزىدىكەن.

ئوباما ھاكىمىيەت سورىغاندىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر قىسىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، ئوبامانىڭ ۋېيتنام ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش بەدىلىگە كىشىلىك ھوقۇقنى چىڭ تۇتمىغانلىقى، ئۇلارغا يۇمشاق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ كەلگەن. لېكىن ئوباما ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئەيىبلەشلەرنى ئىزچىل رەت قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىدە دائىم كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق خىتاي بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ كەلدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كروۋلېي جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتاي تەرەپكە بۇ جەھەتتىكى قايغۇسىنى دائىم يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. كروۋلېي «بىز خىتايدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەر ۋە سىياسى ئۆكتىچىلەرگە قارىتىلغان چەكلەش خاراكتېرلىك مۇئامىلىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدۇق ۋە داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىمىز. بىز خىتايدىن ئۆز خەلقىغە جۈملىدىن ئۆزىنىڭ سىياسى كۆز قارىشىنى تىنچ يوللار ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ئۇرۇنغان كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە خەلقئارا ئۆلچەملەر بويىچە مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز يەنە، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا بولغان قوللىشىمىزنى ئىپادىلەيمىز. مەن بۇ مەسىلىلەرنىڭ سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمەن» دېگەن.

نوبىل كومىتېتى بۇ ئاينىڭ باشلىرى بۇ يىللىق تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ تۈرمىدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيانى نەزەربەنت قىلغان ۋە نوبىل كومىتېتىنىڭ قارارىنى قوللىغان بەزى ئۆكتىچى زاتلارنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى.

كروۋلېي ئۆتكەن جۈمە كۈنكى باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى مايكېل پوزنېرنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ خىتايلار بىلەن ئەمگەك ھوقۇقىغا دائىر مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن پوزنېرنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ كونكرېت كۈنتەرتىپى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كلىنتوننىڭ شەرقىي ئاسىيا زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان بىرلەشمە خېتىدە، نۆۋەتتىكى شارائىت كىشىلىك ھوقۇقنى ۋە ليۇ شاۋبونىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان «يىتۈك پۇرسەت » ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. لېكىن يەنە بەزىلەر، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇشى مۇھىم بولۇپلا قالماي، بۇ مەسىلىنى قانچىلىك جىددىي ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ يېقىنقى بىر – ئىككى يىلدىن بېرى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى خىتايغا يېتەرلىك قاتتىق بولمىغان.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، كومىتېت رەئىسى لېئونارد لېيئونىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاي تەرەپ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى بېسىمنىڭ يۇمشاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى ۋە بۇنى بىر خىل ئاجىزلىق دەپ ھېسابلىغانلىقىنى، » لېكىن، خىتاينىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى باستۇرۇشى خىتايغا قوشنا دۆلەتلەردە ئىشەنچسىزلىك قوزغاپ، خىتاينىڭ خەلقئارا ئوبرازى ھەم ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋىتىنى زەخىمگە ئۇچرىتىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.