ئەنگلىيەدىكى «لىت» ناملىق بىر تور بېكىتى 27-ئىيۇن ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر بېرىپ، خىتايدا ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنى «ئېلىپ-سېتىش» نىڭ تاپاۋەتلىك بىر تىجرەتكە ئايلانغانلىقى، بۇنىڭدا ئوتتۇرىدىكى بېدىكلەر بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋە ئوتتۇرىدىكى ۋاستىچىلارىنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللىشىگە پۇل بېرىدىكەن. «سىزنىڭ يانفونىڭىز ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىدە ئىشلەپ چىقىرىلغانمۇ؟» ماۋزۇلۇق بۇ خەۋەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى-سىرتىدىكى زاۋۇتلارغا كەڭ كۆلەملىك يۆتكەۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.
خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2018-يىلى ئېلان قىلغان بىر ھۆججىتىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، ھۆكۈمەت ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللەيدىغان ۋاسىتىچىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچىگە يۆتكەلگەن ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن 20 يۈەن، ئىچكىرىگە يۆتكەلگەن ھەر بىر ئەمگەك كۈچى ئۈچۈن 300 يۈەن بېرىدىكەن. خەۋەردە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنى ئالغان زاۋۇتلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقى، بۇ زاۋۇتلارنىڭ بىر يىللىق توختام تۈزگەن بىر ئىشلەمچى ئۈچۈن مىڭ يۈەن، 3 يىللىق توختام تۈزگەن بىر ئىشلەمچى ئۈچۈن 5 مىڭ يۈەن ھەق ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە، دۇنيانىڭ ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى بىلەن بولغان كۈرىشىدە لاگېرلار ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ دىققەت قوزغىيالمىغانلىقى، بىراق دۇنيانىڭ ئەسلىگە كېلىشى، خىتاي بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇنىڭغا بولغان دىققەتنىڭ كۈچىيىدىغانلىقى، «بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مۇئامىلىنى ئۆزگەرتىش-ئۆزگەرتەلمەسلىكى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ قىلمىشنى تەكشۈرۈشنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقى» تەكىتلەنگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى