ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ خەلقئارالىق يىللىق مۇھاكىمە يىغىنى بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ مىچىگان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا رەسمىي باشلاندى.
ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010.10.29

يىغىن مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  كېللوگ كونفېرېنسىيە مەركىزىدە باشلانغان بولۇپ،   بۇنىڭغا  ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى،  ياۋروپا، رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيە ، ياپونىيە ، ئاۋسترالىيە ھەم  باشقا ئەللەردىن كەلگەن  مەخسۇس ياۋرو- ئاسىيا مەسىلىلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ئىشتىراك قىلدى.

بۇ  يىلقى مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ مۇھاكىمە يىغىننىڭ كۆلىمى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، 45 مۇھاكىمە مەيدانى  تەسىس قىلىنغان. ھەر بىر مۇھاكىمە مەيدانى  مەركىزىي  ياۋرو-ئاسىيادىكى ئەللەر، مىللەتلەرنىڭ تارىخى، تىلى، مەدەنىيىتى، ھازىرقى زاماندىكى تۈرلۈك سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي، جۇغراپىيىۋى-سىياسىي ھەم باشقا بىر قاتار كەڭ مەسىلىلىرىگە  بېغىشلانغان بولۇپ، ھەر بىر مۇھاكىمە مەيدانىدا تەخمىنەن 3-4  مۇتەخەسسىس ئۆز دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتىدۇ.

مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقاتى دېيىلگەندە ،’ئۇنىڭ  جۇغراپىيىلىك دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بىر تېما بولۇپ، بۇنىڭغا شەرقتە، موڭغۇلىيە  ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن تارتىپ، غەربتە كاۋكازىيە، رۇسىيىنىڭ ۋولگا-ئۇرال بويلىرىدىكى  تاتارىستان، باشقۇرتىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرە كىرىدۇ.

مەركىزىي ئاسىيا بۇ تەتقىقاتتىكى گەۋدىلىك رايون بولۇپ،   ئۇيغۇر ئەلى، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ئەزەربەيجان قاتارلىق ئەللەرنىڭ تارىخى،’ئېتنىك، سىياسىي-ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي،  تەرەققىيات جەريانلىرى،  رايوننىڭ خەلقئارالىق سىياسىي ۋەزىيىتى ھەم ئىستراتېگىيىلىك ئامىللىرى  بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇھىم تېمىلىرى سۈپىتىدە ئورۇن ئالغان. مەسىلەن، قازاقىستان مەسىلىلىرى بويىچە 4 مۇھاكىمە مەيدانى، قىرغىزىستان ھەققىدە ئىككى مەيدان تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىل 6-ئايدا ئوشتا يۈز بەرگەن ئۆزبېكلەر بىلەن قىرغىزلار ئارىسىدىكى ئېتنىك توقۇنۇشقا ئائىت مەسىلىلەر مۇھىم دىققەتنى تارتىپ، مەخسۇس يۇمۇلاپ ئۈستەل تېمىسى سۈپىتىدە  مۇھاكىمىگە قويۇلدى.

بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مەخسۇس  ئۇيغۇرلار تېمىسىغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ،  20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر تارىخى مەسىلىلىرى ھەققىدە  بىر مۇھاكىمە مەيدانى،  ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى  مىللەتپەرۋەرلىك ، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى بويىچە ئايرىم  مۇھاكىمە مەيدانى تەسىس قىلىنغاندىن باشقا يەنە  ئۈچ نەپەر مۇتەخەسىسى باشقا مۇھاكىمە سورۇنلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتىدۇ.

مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ 29-چىسلادىكى مۇھاكىمە سورۇنلىرىدا  مىئامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ستانلىي توپىس ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي جۇغراپىيىسى مەسىلىلىرى ھەققىدە ئىلمىي دوكلات بەردى.

دوكتور توپىس مەزكۇر دوكلاتىدا ئۇيغۇر  ئېلىنىڭ سىياسىي جۇغراپىيىسى، نوپۇس، مىللەت تەركىبى ھەم تارقىلىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە توختالغانىدىن كىيىن، مەزكۇر رايوننىڭ 1949-يىلى خىتاي كومپارتىيىسى ئىشغالىيىتى ئاستىغا كىرگەندىن كېيىنكى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى، خىتاينىڭ رايوننى ئىدارە قىلىشتىكى ھوقۇق تەقسىماتى، گەرچە ئاپتونوم رايون ھوقۇقى بەرسىمۇ،  ئاپتونوم  رايوننىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئۇيغۇرلارنى تەيىنلىسىمۇ، لېكىن كومپارتىيە سېكرىتارىلىق ۋەزىپىسىگە پۈتۈنلەي خىتايلارنى قويۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەمەلىي ھوقۇقنىڭ خىتاي-پارتىيە سېكرىتارلىرىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى شەرھلىدى.

ئۇ، يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە خىتايدىكى بۇ ھاكىمىيەت تەڭسىزلىكلىرىنى تەنقىد قىلىۋاتقانلىقىنى، 1990-يىلىدىن بۇيان تاكى ئۆتكەن يىلىدىكى ئۇرۇمچى ۋەقەسىگىچە بولغان ئاساسلىق  نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

نەۋ ئورىلاند شەھىرىدىكى لويال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇرشۇناس  دوكتور رايان تۇم بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنىڭ تارىخى ھەققىدە توختىلىپ، 1910-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدە بيسىلغان گېزىتلەر ۋە ژۇرناللار جۈملىدىن 1933-1934-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ » شەرقىي تۈركىستان ھەپتىلىك گېزىتى» ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى » يېڭى ھايات» ھەم باشقا بىر قاتار گېزىت- ژۇرناللار  ھەم بۇلارنىڭ نەشرىياتچىلىق تېخنىكا سۈپىتى ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكىنىڭ تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىرىدىن پروفېسسور جەمىس مىللىۋارد، شون روبېرتس، ستانلىي توپس ۋە باشقىلارمۇ قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈرلۈك مۇھاكىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنى ھەر يىلى ئامېرىكىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ زىممىسىگە ئېلىش بىلەن ئوتكۈزۈلىدۇ. بىراق ئۆتكەن يىلى، بۇ يىغىن  كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئوتكۈزۈلگەن ھەمدە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتى ئاساسلىق مۇھاكىمە تېمىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.