2010.10.01
›مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى‹ قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋالىدا دەخلىگە ئۇچرىدى
قىرغىز دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى بىشكەكتىكى بىر فىلىم فېستىۋالىدا قويۇلۇۋاتقان رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمگە دەخلى قىلغان.
ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋالى – «بىر دۇنيا فېستىۋالى» غا قويۇلغان.
باش شتابى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پراگا شەھىرىگە جايلاشقان مەزكۇر فېستىۋال 2007 – يىلىدىن بۇيان بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل تۆتىنچى يىلىغا قەدەم قويغان.
«مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» كۆرسىتىلىۋاتقان سورۇنغا قىرغىز دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۈسۈپ كىرگەن ۋە فىلىمنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
بىخەتەرلىك خادىملىرى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» يەنە داۋاملاشتۇرۇلغان.
مەزكۇر فىلىم 2009 – يىلى ئاۋسترالىيە مېلبۇرن فىلىم فېستىۋالىغا قويۇلغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ۋە ئاۋسترالىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. فىلىم شۇندىن كېيىن بىر قانچە چوڭ خەلقئارا فېستىۋالىغا قويۇلدى.
رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا West Point ئوفىتسېرلار مەكتىپىدە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەردى
چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدىكى غەربىي نۇقتا يەنى (West Point) ئوفىتسېرلار مەكتىپىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەن.
رابىيە قادىر خانىم ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىلەر ئامېرىكا غەربىي نۇقتا ھەربىي ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مەكتەپتە زىيارەتتە بولغان.
زىيارەتتىن كېيىن رابىيە قادىر خانىم مەكتەپتىكى 2000 دىن ئارتۇق ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.
«ۋەست پويىنت» يەنى غەربىي نۇقتا دەپ ئاتىلىدىغان بۇ مەكتەپ، ئامېرىكىدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە ئوفىتسېر تەربىيىلەيدىغان ھەربىي ئاكادېمىيە بولۇپ، 1802 – يىلى قۇرۇلغان.
كانادادا چىقىدىغان ›يەرشارى مەكتۇپلىرى‹ گېزىتنىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇر تائاملىرى تونۇشتۇرۇلدى
كانادادىن چىقىدىغان «يەرشارى مەكتۇپلىرى» گېزىتنىڭ «ھەپتىلىك تاماق رىسالىسى سەھىپىسى» دە ئۇيغۇر تائاملىرى تونۇشتۇرۇلدى. ئۇيغۇر تائاملىرىنى مەزكۇر گېزىتنىڭ سەھىپە يازغۇچىسى لۇسىي ۋېيۋېرمەن يازغان.
ئاپتور سەھىپىسىگە «خىتايچە، ياپونچە ۋە تايلاندچە تارماقلاردىن زېرىككەن بولسىڭىز، ئۇيغۇر تاملىرىنى تېتىپ كۆرۈڭ» دەپ تېما قويغان.
ئاپتور مۇنداق يازغان: «ئاسىيا تائاملىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق مەدەنىيىتى غەربكە ئانچە تونۇلمىدى. ئۇيغۇر تاماقلىرى خۇرۇچلىرىغا سېلىنغان ھەرخىل دورا – دەرمەكلىرى بىلەن كۆڭۈلگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ ۋە مەززىلىك».
ئاپتور يەنە، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئانا ماكانى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ نۆۋەتلىك تاماق تونۇشتۇرۇش سەھىپىسىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇر لەغمىنىنى ئېتىش ئۇسۇلى كۆرسىتىلگەن.
7 – نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئاناتولىيە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالى 26 – سېنتەبىر ئاخىرلاشتى
ئەنقەرەنىڭ ئەتىمەسگۇت رايونىدا ئېچىلغان 7 – نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئاناتولىيە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالى 26 – سېنتەبىر ئاخىرلاشتى.
فېستىۋالغا تۈركىيىدىن 23 جەمئىيەت قاتناشقاندىن سىرت، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. قاتناشقۇچىلار مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت – سەنئىتىنى نامايان قىلدى.
فېستىۋالنىڭ ئاخىرقى كۈنى يەنى 26 – سېنتەبىر، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى باشلىقى، سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر دۆلەت باھچېلى ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئاچقان «شەرقىي تۈركىستان ئۆيى» نامىدىكى كۆرگەزمە بۆلۈمىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى.
بۇ نۆۋەتلىك فېستىۋالىدىكى بۆلۈملەر ئىچىدە ئۇيغۇر بۆلۈمى ئەڭ مول مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ، بۆلۈمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت- سەنئىتى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.
قەشقەردە 13 ياشلىق بىر ئۇيغۇر قىزىنى سىچۇەنلىك بىر خىتاينىڭ 8 ئىتى تالاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن
قەشقەر شەھىرىنىڭ شامالباغ يېزىسىدا 2008 - يىلى، 13 ياشلىق ئۇيغۇر قىز زورىگۈل سەپەرنى، سىچۇەنلىك بىر كۆچمەننىڭ 8 ئىتى تالاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
ۋەقە 2008 - يىلى 2 - ئاينىڭ 8 – كۈنى قەشقەر شەھىرىنىڭ شامالباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن.
سىچۇەنلىك كۆچمەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىگە ھېچقانداق تۆلەم تۆلىمىگەندىن سىرت يۇرتىغا قېچىپ كېتىپ، قانۇنىي جاۋابكارلىقتىن قۇتۇلۇپ قالغان.
مەزكۇر ئائىلىنىڭ شىكايەت قىلىشىچە، قەشقەردىكى خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ مىللىي توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىنى باسقان ۋە جاۋابكار خىتاينىڭ قېچىپ كېتىشىگە كۆز يۇمغان.
نۆۋەتتە دەۋاگەر سەپەر مامۇت ۋە ئايالى نىيازگۈل مانا بۇ ناھەقچىلىككە قارشى ئەرزىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ياۋروپا بىرلىكىنىڭ بېيجىڭدىكى مەسئۇل خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكەن
«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوتسېنتى، ئىلھام توختى ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا ياۋروپا بىرلىكىنىڭ بېيجىڭدىكى مەسئۇل خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى سائەت سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
ئىلھام توختى، مەسئۇل خادىملارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
رادىئومىزنىڭ «ئۇيغۇربىز» تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن ئىگىلىشىچە، دائىرىلەر ئىلھام توختىغا قارىتىلغان نازارەتنى كۈچەيتكەن بولۇپ، يېقىندا ئۇنىڭ ئۆز يۇرتى ئاتۇشقا بېرىشىغا يول قويۇلمىغان.
76 – نۆۋەتلىك دۇنيا قەلەمكەشلەر قۇرۇلتىيىدا تۈرمىدىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر توغرىسىدا قارار ماقۇللاندى
9 – ئاينىڭ 26 – كۈنى توكيودا باشلانغان 76 – نۆۋەتلىك دۇنيا قەلەمكەشلەر قۇرۇلتىيىدا، تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر ھەققىدە قارار ماقۇللانغان.
قۇرۇلتايغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 110 دۆلەتتىن كەلگەن يازغۇچى، شائىر ۋە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى قاتناشقان.
يىغىنغا قازاقىستان، كانادا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىن كەلگەن 7 ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە پائالىيەتچى قاتناشماقتا.
بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە قاتناشقان. ئۇ، قۇرۇلتايدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە تور بېتى باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
شارشىل ئالاھىدە قوغداش رايونى مەخپىي ئوۋ مەيدانىغا ئايلاندۇرۇلماقتا
ئۇيغۇر ئېلىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونى شارشىلدا، باشقۇرۇشتىكى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ ساياھەت قىلىشقا، ھەتتا يوقىلىش گىرداۋىدىكى ياۋايى ھايۋاناتلارنى ئوۋلاشقىمۇ بولىدىكەن.
شارشىل ئالاھىدە مۇھاپىزەت رايونى بورتالا ئوبلاستى ئالاتاۋ تېغىنىڭ جەنۇبى ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ جايدا كەم ئۇچرايدىغان ئۇچار قۇش، ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر بار ئىكەن.
بۇ جايدىن بايقالغان، قوڭۇر ئېيىق، قاتارلىق 35 خىل ياۋايى ھايۋان خىتايدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئالاھىدە قوغدىلىدىغان ھايۋاناتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
ھالبۇكى، بورتالا ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇلازىمەت دىرېكتورى لى چىڭخۇا شارشىلدا قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاشقا بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ، » ئوۋ توۋلاشقىمۇ بولىدۇ، لېكىن، پۇل تۆلەش كېرەك» دېدى. ئۇ يەنە، بۇ خىل ھايۋانلارنى ئوۋلاشقا يول قويۇلىدىغان قانۇنىي رەسمىيەتلەرنىمۇ بېجىرىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نورۋېگىيىدىكى تېررور گۇماندارى راشىدىن مەمەت ھۇجۇم نىشانىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن
نورۋېگىيىدە ئەل قائىدە بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارىلىپ، تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇر گۇماندار راشىدىن مەمەت ئەسلى پىلاندىكى ھۇجۇم نىشانىنىڭ نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئىلگىرى ئۇلار پىلان قىلغان ھۇجۇم نىشانىنىڭ دانىيىدىكى بىر گېزىتخانا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. راشىدىن مەمەتنىڭ ئادۋوكاتى تۈنۈگۈن نورۋېگىيە ئاخباراتىغا، راشىدىن مەمەتنىڭ گېزىتخانىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئادۋوكات Carl Konow NRK رادىئوسىغا قىلغان سۆزىدە، راشىدىننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەت دەپ تونۇيدىغانلىقى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل بولۇشىغا ئىشەنمەيدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنى پارتلىتىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
راشىدىن سوراق داۋامىدا، ئەل قائىدە تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىمۇ رەت قىلغان.
د ئۇ ق ھەيئىتى ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى
9 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئىلھام مەخمۇت قاتارلىقلار، ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
ئۇچرىشىشقا بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرى باشچىلىقىدا 7 پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان.
ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى پارلامېنت ئەزالىرى ياپونىيە پارلامېنتىدا ياپون ئۇيغۇر دوستلۇق كومىتېتى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ۋە بۇندىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.