2010.09.24
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 15 – نۆۋەتلىك يىغىنىدا د ئۇ ق ۋەكىلى كەسىي پولىئاس خانىم
ئۆتكەن ھەپتە ئېچىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 15 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى كەسىي پولىئاس خانىم «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى يولۇق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇۋاتىدۇ؛ دىنىي ئىبادەتلىرىنى چەكلەۋاتىدۇ؛ مىللىي كىملىكلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ؛ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ چېقىلىشى؛ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىگە قىلىنغان ئاشكارا بىر ھۇجۇمدۇر» دەپ سۆز قىلغان.
بۇ سۆزلەردىن بىئارام بولغان يىغىندىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى دەرھال نارازىلىق بىلدۈرۈپ، كەسىي خانىمنىڭ سۆزلىرىنى، يىغىننىڭ ئەسلى مۇزاكىرە تېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ كۆرسىتىپ، ئارقا – ئارقىدىن 3 قېتىم ئۇنىڭ سۆزىنى توختىتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، نەتىجە بەرمىگەن.
يىغىن رىياسەتچىسى ۋە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ۋەكىللىرىمۇ خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يولسىزلىقىغا ئارقا – ئارقىدىن نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە كەسىي خانىمنى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرغان.
كەسىي خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «خىتاي تەرەپ تەلەپلىرىنىڭ يولسىزلىقىنى بىلىدۇ. لېكىن ئۇلار ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ب د ت غا ئېلىپ كىرىلىشىنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلالمىدى،» دېدى.
خىتاي «سوت سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى» ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى
19 – سېنتەبىردىن 21 – سېنتەبىرگىچە خىتاي «سوت سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى» ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.
يىغىندا خىتاي ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سودىيىسى ۋاڭ شىڭجۈننىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سوتلارنىڭ دېلو بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەم بېرىشكە بۇيرۇق بېرىپ «مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى شىنجاڭنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە، دىنىي رادىكال ۋە تېررورچىلارغا قارىتا زەربە بېرىشىگە ھەم مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەمدە بولۇشى كېرەك، شۇنىڭدەك خەلقنى بېيىتىپ چېگرىنى قوغداشقا ئەدلىيە جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك،» دەپ تەكىتلىگەن.
بۇنىڭ ئالدىدا يەنى ئۆتكەن يىلى، «5 – ئىيۇل ۋەقەسى»دىن كېيىنلا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان سابىق سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن، «5 – ئىيۇل» تۇتقۇنلىرىنى قاتتىق جازالاش ھەققىدە مەخسۇس تېلېۋىزىيە نۇتقى بەرگەن شۇنداقلا 5 – ئىيۇلغا دائىر دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىدىن 100 دىن ئارتۇق سودىيىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كەلگەن ئىدى.
يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەدلىيە سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئادۋوكات رادىئومىزغا ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بارلىق سوت سىستېمىسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي جىنايەتكە چېتىشلىق دېلولارنى بولۇپمۇ دەلىللەپ 5 – ئىيۇلدا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ دېلولىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۆلگۈنچىلىككە دائىر دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى سوت مەھكىمىلىرى ۋە ئىجراچىلىرىدىن باشقا پۈتۈن خىتايدىكى سوت مەھكىمىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا، خىتاينىڭ 5 – ئىيۇلدا تۇتقۇن قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرەزدىنمۇ كۆپلۈكىنى ئىسپاتلايدۇ» دېدى.
رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىنىڭ يۇتا شتاتىدا بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى
رابىيە قادىر خانىم، 20 – سېنتەبىردىن 23 – سېنتەبىرگىچە، ئامېرىكىنىڭ يۇتا شتاتىدا بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. رابىيە قادىر خانىم يۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە مەشھۇر ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن.
22 – سېنتەبىر كۈنى، رابىيە خانىم يەنە يۇتانىڭ مەركىزى سوفىتلاك شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، يۇتا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.
يۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىدا يەنە، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلغان. فىلىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رابىيە قادىر خانىم يۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەۋە ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق ئىنستىتۇتىنىڭ پرېزىدېنت، دوكتور ۋە پروفېسسورلىرى بىلەن ئۇچرۇشۇپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھىم سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ يۇتا شتاتىدىكى پائالىيەتلىرى، يۇتادىكى نوپۇزلۇق گېزىت – ژۇرنال رادىئو ۋە تېلېۋىزىيىلەردە بېرىلگەن. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم – 23 سېنتەبىر ئامېرىكا يۇتا شتاتىدىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارەت پائالىيەتلىرىنى نەتىجىلىك ئاياغلاشتۇرۇپ ۋاشىنگتونغا قايتىپ كەلدى.
خىتاي «4 نى ئېنىقلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رايوننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى تەكىتلىگەن
«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 20 – سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى خەن يوڭنىڭ كادىرلاردىن بۇ ھەرىكەت جەريانىدا «ئاساسى قاتلامغا سىڭىپ كىرىپ، 4 نى ئېنىقلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رايوننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2010 – يىلى 6 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى كادىرلاردىن سەييارە تەكشۈرۈش ئەترىتى تەشكىللىنىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسىدە «تۆتنى بىلىش، تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتنى ئىگىلەش خىزمىتى» ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان «تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتنى ئىگىلەش» خىزمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان.
ئىنكاسلاردىن بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە، ئىلگىرى سىياسىي خاتالىقلار بىلەن جازالانغانلار، تۈرمىدە يېتىپ چىققانلار، بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» گە ئوخشاش ۋەقەلەرگە قاتناشقانلار ھەم ياقا يۇرتلاردا ئۇرۇق – تۇغقان بالىلىرى بارلارنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىپ، تەكشۈرۈش جەريانىدا ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئەھۋالىدىن يازما خاتىرە قالدۇرۇلماقتا.
خىتاي – ياپونىيە ئارىسىدىكى سېنكاكۇ ئاراللىرى مەسىلىسىنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى
خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى سېنكاكۇ ئاراللىرىغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى مەسىلىسىدىن پەيدا بولغان جىددىيلىكنىڭ دەرىجىسى، بۇ ھەپتە يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
خىتاي – ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ شەرقىي دېڭىزدىلا ئەمەس، ب د ت چوڭ يىغىنىدىمۇ ئىپادىسىنى تاپتى. خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ سەيشەنبە كۈنى نيۇ – يوركقا يېتىپ بېرىپلا ›ئەگەر توكيو خىتاينىڭ كېمە باشلىقىنى دەرھال قويۇپ بەرمىسە، تالاش – تارتىشتىكى ئاراللار ئۈستىدە داۋاملىشىۋاتقان ئېلىشىشنىڭ دەرىجىسى ئۆرلەيدۇ‹ دەپ ياپونىيىگە تەھدىت سالدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جياڭ يۈ چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكىنى شەرقى دېڭىز مەسىلىسىدىن نېرى تۇرۇشقا چاقىردى.خىتاي باياناتچى بۈگۈنكى سۆزىدە، شەرقى دېڭىز مەسىلىسىنى پەقەت تالاش – تارتىشتىكى ئاراللار بىلەن تۇتىشىدىغانلا دۆلەتلەرنىڭلا سۆزلىشىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ياپونىيە تەرەپ جۈمە كۈنى خىتاينىڭ بېلىقچىلار كېمىسى كاپىتانىنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لېكىن خىتاي شېنياڭشىدا تۆت نەپەر ياپونىيىلىك ساياھەتچىنى چەكلەنگەن ھەربىي رايوننى سۈرەتكە ئېلىش بىلەن ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما پەيشەنبە كۈنى ياپونىيە باش مىنىستىرى بىلەن ئۇچرىشىپ بىرلىكتە مۇخبىرلارغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ » ئامېرىكا – ياپونىيە ئىتتىپاقداشلىقى دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ ئۇل تېشى «دەپ بايانات بەردى. بۇ ئاخباراتلاردا خىتايغا بېرىلگەن جىددىي سىگنال دەپ مۇلاھىزە قىلىنماقتا.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما جۈمە كۈنى، شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزدى ۋە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلماقچى.
تۈركىيىدىكى 7 – نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئاناتولىيە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇرلار
9 – ئاينىڭ 17 – كۈنىدىن 26 – كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 7 – نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئاناتولىيە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ باي سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىلگەن.
بۇ فېستىۋالغا تۈركىيىدىن 23 جەمئىيەت ۋە ۋەخپە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەردىن ۋەكىللەر قاتناشماقتا.
ئالاھىدە تەكلىپكە بىنائەن ئىستانبۇلدىن كەلگەن ئۇيغۇر ناخشا – ئۇسۇل ئۆمىكى ئويۇن قويۇپ بولغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ باشلىقى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى سەھنىدە سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ باي سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇشىغا شەرت – شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.
ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ھەرقايسى، تۈركىي مىللەتلەر ۋە تۈركىيىدىن كەلگەن مىڭلىغان فېستىۋال ئەھلى قوللىرىدا كۆك بايراق بىلەن تۈركىيىنىڭ ئاي – يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ھالدا ئۇيغۇر ناخشا – ئۇسۇللىرىنى كۆردى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «دىنىي يوسۇندا كىيىنىشنى چەكلەش» ھەرىكىتى يەنە كۈچەيتىلگەن
بۇ ھەپتە كۇچا، خوتەن، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىن رادىئومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن، بۇ يىل رامزان ئېيى ۋە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «دىنىي يوسۇندا كىيىنىشنى چەكلەش» ھەرىكىتىنىڭ يەنە كۈچەيتىلگەنلىكى مەلۇم.
بۇ يىل رامزان مەزگىلىدە، كۇچا ناھىيىسىنىڭ خانىقاتام يېزىسى ( خانىقا ئاتام يېزىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جاينىڭ ئىسمىنى كۇچا ناھىيىسى 7 – رايون دەپ ئۆزگەرتكەن. – ئاپتوردىن) قاتارلىق جايلاردا، «دىنىي يوسۇندا كىيىنىشنى چەكلەش» ھەرىكىتى يەنە بىر قېتىم كۈچەيتىلگەن.
ئىنكاسلاردىن كۇچا ساقچى دائىرىلىرى ۋە يېزا كادىرلىرىنىڭ ھەر پەيشەنبە كۈنى بازارغا كىرگەن ئاياللارنىڭ يۈزىنى مەجبۇرى ئاچقۇزۇۋېتىدىغانلىقىنى، يۈزىنى يۆگىگەن ئاياللار، ساقال قويغان ئەرلەرگە 200يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
خوتەندىن ئىنكاس قىلغۇچى بۇ يىل رامزان مەزگىلىدە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا قارىتا نازارەتنى كۈچەيتكەنلىكىنى ۋە رامزان مەزگىلىدە تۈنەككە ئوخشاش يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزۈشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىلى تەۋەسىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندىمۇ بۇ يىل ياز پەسلىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەرقايسى يېزىلاردا مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ، «دىنىي يوسۇندا كىيىنىشنى چەكلەش» ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۇلار تۇرۇشلۇق جايدا ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ، يۈزىنى يۆگەپ يۈرۈدىغان ئاياللار ئاساسەن قالمىغان. ساقال قويۇپ يۈرۈدىغان ئەرلەرمۇ بارغانچە ئازىيىشقا باشلىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي ئەنئەنىسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان چەكلەش سىياسەتلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرى ھەم غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.
خىتايدىكى «2010 – يىللىق ئىنگلىز تىلى نۇتۇق ۋە تالانت مۇسابىقىسى»دە، ئۇيغۇر ماھىر ئۈمىد ھاجى چېمپىيون بولغان
خىتاي بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن، مەملىكەتلىك 2010 – يىللىق ئىنگلىز تىلى نۇتۇق ۋە تالانت مۇسابىقىسىدە، ئۈرۈمچىدە مۇسابىقىگە چۈشكەن ئۇيغۇر ماھىرى ئۈمىد ھاجى چېمپىيون بولغان.
خىتاينىڭ CC TV سودا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قەدەم باسقۇچلۇق يۇقىرى ئۆلچەملىك مۇسابىقىدە، ئۈرۈمچىدىكى مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، غۇلام تىل مەركىزىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاچ چەتئەللەرگە ئوقۇشقا بېرىش ئۈچۈن ئىمتىھانغا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ئۈمىد ھاجى يۇقىرى ماھارىتى ۋە يېڭىلمەس روھى بىلەن رىقابەتچىلىرىنى يېڭىپ بىرىنچى بولۇپ تاللانغان.
ئۈمىد ھاجى ھەر بىر ماھارەت كۆرسىتىش پۇرسەتلىرىدە ئۆزىنى ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرغان.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە قولىدىكى راۋابنى سېتىپ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ساۋاقدىشىغا ئىئانە توپلاشنى مەقسەت قىلىپ نۇتۇق سۆزلىگەندە، باھالىغۇچى ھەم تاماشىبىنلار ئۇنىڭ نۇقسانسىز ئىنگلىزچە تىل قابىلىيىتىگە قايىل بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ يۈكسەك ئىنسانپەرۋەرلىكى ھەم جۈرئىتىدىن تەسىرلەنگەن.
بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىنگلىز تىلىدىن ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم ئۇتۇپ چىقىشى ئەمەس. ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش مۇسابىقىدىمۇ بىر ئۇيغۇر ياش تاجى تاقىغان ئىدى.