2010.09.10

ئۇيغۇرلار روزا ھېيتنى كۈتۈۋالدى

9 – سېنتەبىر، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار روزا ھېيتىنى كۈتۈۋالدى، ھېيت نامىزىنى بىللە ئوقۇدى ۋە بايراملىرىنى ئۆز ‏- ئارا تەبرىكلەشتى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا، شۇنىڭدەك ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارغا ئۆزىنىڭ تەبرىكلىرى بىلەن بايراملىق سالاملار يوللىدى.

قازاقىستان، تۈركىيە، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى.ياۋروپا ئەللىرى ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ روزى ھېيتنى ئۆزگىچە شەكىلدە تەبرىكلەشتى.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار جۈملىدىن بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ بۇ يىلقى روزا ھېيتىنى يەنىلا سىقىلىش ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار بۇ يىلقى روزى ھېيتىنى خىتاينىڭ قاتتىق زەربىسى ۋە قاتتىق نازارىتى ئاستىدا ئۆتكۈزمەكتە ئىكەن.

رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى كىتاب «ئەجدىھا بىلەن ئېلىشىش» شىۋېتچە نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا

شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە يېزىلغان «ئەجدىھا بىلەن ئېلىشىش» ناملىق كىتاب، شۋېد تىلىدا نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىتاب، 10 ‏- ئاينىڭ 5 ‏ – ياكى 6 ‏ – كۈنلىرى نەشردىن چىقماقچى. شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئىگىلىشىچە، كىتاب دەسلەپتە 5000 تىراژ نەشر قىلىنىدىكەن. كىتاب بازارغا سېلىنىش ئالدىدا، شۋېتسىيە پارلامېنتىدا مەخسۇس مەزكۇر كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مۇراسىمغا رابىيە قادىر خانىممۇ تەكلىپ قىلىنىشى مۇمكىن.

بۇ كىتاب ئىلگىرى گېرمانچە، ئىنگلىزچە ۋە ياپونچە قاتارلىق تىللاردا نەشر قىلىنغان ئىدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدىكى تەيۋەنلىكلەرنىڭ يازلىق يىغىنىغا قاتناشتى

يىغىن، 2010 – يىلى 3 ‏ – سېنتەبىردىن 5 ‏ – سېنتەبىرگىچە ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىن، تېكساسنىڭ ئائۇستىن شەھىرىدىكى بىر ئالىي مېھمانخانىدا ئېچىلغان. يىغىندا رابىيە خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى ناملىق فىلىم قويۇلغاندىن باشقا، رابىيە خانىم ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلغان.

يىغىنغا 200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى، رابىيە خانىمنىڭ نۇتقىدىن بارلىق يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ قاتتىق ھاياجانلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە خانىمنىڭ نۇتقىدىن تەسىرلەنگەن تەيۋەنلىكلەر، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى يېقىندىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيىتى ئۈچۈن ياردەم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا مەخسۇس ۋەكىل تۇرغۇزدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ۋەكىللىككە تەيىنلەنگەن ئىككى ئالاھىدە خادىمنىڭ جەنۋە ۋە بريۇسسېلغا بېرىپ ئارقا – ئارقىدىن ئىش باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىس مەمەت توختى بريۇسسېلغا، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى خادىملىرىدىن كەسىي پولىئاس خانىم جەنۋە تەيىنلەنگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا مەزكۇر ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى «ب س ت ۋە ياۋروپا پارلامېنتىغا ئوخشاش خەلقئارا ئورگانلارنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈش رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدىكى د ئۇ ق نىڭ مۇھىم خىزمەت پروگراممىلىرىدىن بىرى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى نورۇز بايرىمىنى خەلقئارالىق بايرام سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلدى

تاجىكىستان ئاسىيا – پلۇس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرېتارى مارك پەررېن دە برىشامبو بۇ ھەقتىكى قارارغا ئىمزا قويغان.

23 – فېۋرال ب د ت نىڭ 64 – قېتىملىق يىغىنىدىمۇ نورۇزنىڭ خەلقئارالىق ئەھمىيىتى ئېتىراپ قىلىنغان ھەمدە 21 – مارت خەلقئارالىق نورۇز بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى.

نورۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارمۇ نورۇزنى ئەسىرلەردىن بىرى تەبرىكلەپ كەلمەكتە.

خىتاي، ئىشچىلار ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن»ئەركىنلىك سارىيى» 1 ‏- سېنتەبىر دۇنيادىكى ئىشچىلار ھوقۇقىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئىشچىلار ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزدى.

دوكلاتنىڭ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىغا ئالاقىدار قىسمىدا، ئىشچىلار ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى جەھەتتە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېللاندىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە بىرىنچى رەتتە، ياپونىيە ۋە تەيۋەن ئىككىنچى رەتتە ئورۇن ئالدى.

خىتاي بولسا ئافغانىستان ۋە كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىر قاتاردا ئىشچىلار ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغان دۆلەتلەر قاتارىغا تىزىلدى.

ئامېرىكا دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى خىتايدىن 22 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسنىڭ ئىز ‏ – دېرىكىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان

مەزكۇر جەمئىيەت بۇ ھەقتىكى تەلەپلىرىنى2009‏ – يىلى 11‏ – ئايدا خىتاي دائىرىلىرىگە تاپشۇرغان. مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا خىتاي تەرەپ مەزكۇر جەمئىيەتنى بۇ ھەقتىكى بەزى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن.

تىزىملىك يوللانغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى بۇ يىل 7 ‏ – ئايغىچە ۋاسىتىلىك قاناللار ئارقىلىق مەزكۇر جەمئىيەتكە 18 نەپەر مەھبۇسنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەرگەن. لېكىن 22 كىشىلىك تىزىملىكتىكى 4 نەپەر مەھبۇسنىڭ تېپىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى ئىسمى تېپىلمىغان مەھبۇسلارنىڭ ئىسىم خاتالىقى ياكى بۇ كىشىلەرنىڭ خىتاي تۈرمە سىستېمىسىغا تېخى كىرگۈزۈلمىگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.