2010.08.13
دۇنيا ھۇنلىرىنىڭ قەدىمىي مۇراسىم پائالىيەتلىرى بۇ يىل ۋېنگىيىرىدە ئۆتكۈزۈلدى
دۇنيا ھۇنلىرىنىڭ ھەر يىلى ئۆتكۈزىدىغان قەدىمىي مۇراسىم پائالىيەتلىرى بۇ يىل ۋېنگىيىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. قۇرۇلتاي پائالىيەتلىرى 2010 – يىل 8 – ئاينىڭ 6 – 7 – ۋە 8 – كۈنلىرى بۇداپېشت شەھىرىنىڭ بۇگاش دېگەن سەھراسىدا ئېلىپ بېرىلدى.
ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىر قانچە يىلدىن بۇيان داۋاملىق تۈردە ھونلار قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسلىق مېھمىنى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلىپ كەلمەكتە. بۇ قېتىممۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەخسۇس ئۆمەك تەشكىللەپ مەزكۇر قۇرۇلتاي پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىلىرى ئورۇندالغان ۋە ئۇسۇللىرى ئوينالغان.
ۋېنگىرىيىنىڭ بۇداپېشت شەھىرىدە ئېچىلغان دۇنيا ھون قۇرۇلتىيى – 10 ئاۋغۇست ئاخىرلاشتى، ئىنتايىن مول ئورۇنلاشتۇرۇلغان پائالىيەتلەر داۋامىدا قۇرۇلتايغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار ئىنتايىن قىزغىن قارشى ئېلىنغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقى ئەزىزلەنگەن. ھون قۇرۇلتىيى داۋامىدا مۇخبىرىمىز ئىنتايىن مۆجىزىلىك قىزىقارلىق بىر نەرسىنى بايقىغان يەنى ۋىنگىرىيىدە ياشايدىغان ماجارلارنىڭ ئەتىۋارلىق قۇشى بولغان ماجار قارچىغىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا باغلىنىدىغان ئاجايىپ قىزىقارلىق مۆجىزىلىرى ھەققىدە ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان، زامانىمىزدا كۆپ يىللىق سىناق، تەتقىقات ۋە كۆزۈتىشلەردىن ماجار قارچىغىلىرىنىڭ ھەر يىلى ماجارلار ياشايدىغان دۇنا ۋادىسىدىن ئالتاي تاغلىرى ئەتراپىغا ئۇچۇپ بېرىپ – كېلىپ تۇرىدىغانلىقى، بۇ دائىرىنىڭ تېخىمۇ شەرق تەرىپىگە ياكى غەرب تەرىپىگە ئۆتمەيۋاتقانلىقى، پەقەت دۇنا دەرياسى ئەتراپىدىن ئالتاي تاغلىرى رايونلىرىغىچە بولغان بىپايان زېمىندىلا ئەركىن ئۇچۇپ يۈرىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.
ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي سىناقلاردىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە، ھەر يىلى دۇنا ۋادىسىدىن ئالتاي تاغلىرىغا ئۇچۇپ كەتكەن ماجار قارچىغىسى باچكىلىرىنىڭ 10% ى قايتىپ كەلمەيدىكەن. ئۇلار ئېھتىمال بارغان يېرىدە يەرلىشىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ياكى خەتەرگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن.
خىتايدا سەل ئاپىتىدە ئۆلگەن ياكى يوقاپ كەتكەن ئادەم سانى ئىككى مىڭدىن ئاشقان
خىتايدا بۇ يىلدىن بېرى يۈز بەرگەن سەل ئاپىتىدە ئۆلگەن ياكى يوقاپ كەتكەن ئادەم سانى ئىككى مىڭدىن ئاشقان. بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 275 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە تارقاتقان مەلۇماتقا قارىغاندا، ھازىرغا كەلگۈچە سەل ئاپىتىدە ئۆلگەن ئادەم سانى 1مىڭ 454. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 669 ئادەمنىڭ ئىز – دېرىكى بولمىغان. ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ تىرىكلىكىدىن ئۈمىد ئۈزۈلمەكتىكەن.
بۇ خىل خىتايدا يۈز بەرگەن سەل ئاپىتىدە جەمئىي 1 مىليون 400 مىڭ ئېغىر ئۆي ئۆرۈلگەن. 12 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم بىخەتەر جايلارغا كۆچۈرۈلگەن.
خىتاي دۆلەتلىك مېترولوگىيە مەركىزى چارشەنبە كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە جۇۋچۇدا يەنە كەڭ دائىرىلىك لاتقا ئېقىش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى، يامغۇر – يېشىننىڭ كۆپىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي خەلق ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاز دېگەندە 45 مىڭ كىشىنىڭ ئۆيلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇلغانلىقىنى، 30 مىڭ چېدىر تارقىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا قۇتقۇزۇش خىزمىتى كەڭ كۆلەملىك تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئاممىۋى تور بەتلىرىدە بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى مۇنازىرە قوزغىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى تەبئىي ئاپەت دەپ ئېلان قىلدى. لېكىن بەزى تەنقىدچىلەر، بۇ ۋەقە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ تاغ جىلغىلىرىنى قالايمىقان ئېچىپ، سۇ ئامبىرى ياساش، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ يىلىنىڭ بېشىدىن ھازىرغا كەلگۈچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 58 شەھەر، ناھىيىسىدىمۇ ھەر خىل دەرىجىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم 970 مىڭ 600 گە يەتكەن.
بۇ ھەپتە پاكىستاندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 1600دىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن، 14 مىليون كىشى ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان ئىدى.
ب د ت پاكىستانغا 460 مىليون دوللار ياردەم قىلىشقا چاقىردى.
خىروشىما ۋەقەسىنى خاتىرىلەش كۈنىدە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئاتوم سىنىقىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان بىر خەلق ئىكەنلىكى تونۇشتۇرۇلدى
1945 – يىلى ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلانلىرى ياپونىيىنىڭ خىروشىما شەھىرىگە ۋە ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ناگازاكىغا ئاتوم بومبىسى تاشلىغان ئىدى. ئىككى قېتىملىق ئاتوم بومبىسى ھۇجۇمىدا 140 مىڭ كىشى تالاپەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، ياپون خەلقى بۇ پالاكەت كۈنىنى ۋە ئۇ كۈندە ئۆلگەنلەرنى ھەر يىلى خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
8 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ۋەقەنىڭ 65 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىروشىما شەھىرىدە خاتىرىلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى مۇراسىملار ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىروشىما شەھىرىدە تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتاينىڭ ئاتوم سىناقلىرىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان بىر خەلق ئىكەنلىكىنى ياپون خەلقىگە تونۇتۇشقا تىرىشقان. تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى كۆرگەن بەزى ياپونلار ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئاتوم سىنىقىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى دۇنيا خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتوم سىنىقىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇنداق بىر زور ۋەقەنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
84 ياشلىق ئۇيغۇر بوۋاي – ئەرزدار ئابدۇرېھىم ئاكا بېيجىڭدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان
ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيە قىزىل يېزا ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئەزاسى، 84 ياشلىق ئۇيغۇر بوۋاي ئابدۇرېھىم ئاكا، دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، خەيدىيەن رايونلۇق Wanshoushiساقچىخانىسىغا سولاپ قويۇلغان. ئەسلىدە ئابدۇرېھىم ئاكا بېيجىڭغا، 12 يىلدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان يەر داۋاسى ئىشى بىلەن ئەرز قىلىش ئۈچۈن كەلگەن.
ئابدۇرېھىم ئاكىنىڭ يەر داۋاسى 1997 – يىلى باشلانغان. دەسلەپكى 10 يىل ئەرزىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا بىلدۈرگەن. يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە بېيجىڭغا 11 قېتىم كەلگەن. ھەر قېتىمقى بېيجىڭ سەپىرى نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان.
84 ياشلىق ئابدۇرېھىم ئاكا، 4 كۈننىڭ ئالدىدا بېيجىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى،ئابدۇرېھىم ئاكا ۋە ئوغلى دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دا بېيجىڭنىڭ ۋېيگۇڭسۈن ئەتراپىدىكى بىر كىچىك مېھمانخانىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە خەيدىيەن رايونلۇق ۋەنشۇشى ساقچىخانىسىغا سولاپ قويۇلغان. ئارقىدىن بېيجىڭدىكى شىنجاڭ ئىش بېجىرىش ئورنىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، بوۋاي ئۇ جايدا 29 ياشلىق ئوغلى بىلەن بىرلىكتە نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئىدى. ئابدۇرېھىم ئاكا رامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنى سەھەردە زولۇق تاماق يېيىش باھانىسى بىلەن سىرتقا چىقىپ، قامىلىپ تۇرۇۋاتقان يېرىدىن قاچقان.
نۆۋەتتە ئابدۇرېھىم ئاكا، بېيجىڭنىڭ شەھەر ياقىسىدىكى بىر ئورمانلىقتا كۈن كەچۈرمەكتە؛ ئۇ جايدا ئۇلار يالغۇز ئەمەس؛ ئۆزلىرىگە ئوخشىغان يەنە 20 – 30 ئۇيغۇر ئەرزدار يۇرتىغا قايتۇرۇلۇشتىن قېچىپ مۆكۈنۈپ يۈرمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ ئەھۋالى خەۋپ – خەتەردىن ئەندىشە قىلىدىغان باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتكەن، شۇڭا ئۇلار ئەھۋالىنى ئاخباراتقا ئاشكارىلاپ، دەردىگە داۋا تېپىشنىڭ چارىلىرى سۈپىتىدە رادئىومىز بىلەنمۇ ئالاقىلاشتى.
جۈمە كۈنى ئىگە بولغان ئەڭ يېڭى مەلۇماتىمىزدىن ئاقسۇ جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ ئابدۇرېھىم موللەك ئاكىنى تۇتۇپ قايتۇرۇپ كېتىشكە بېيجىڭغا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتكەنلىكى دەلىللەندى.
خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى «2010 – يىللىق دىنىي ئىشلار كۆك تاشلىق كىتابى» ئېلان قىلدى
خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى 11 – ئاۋغۇست رامىزاننىڭ 1 – كۈنى كۈنى، «2010 – يىللىق دىنىي ئىشلار كۆك تاشلىق كىتابى» ئېلان قىلىپ، خىتايدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھالبۇكى، تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۇچادا ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قاتتىق چەكلەيدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى ئىسپاتلاندى. گەرچە ھازىر يازلىق تەتىل ۋاقتى بولسىمۇ، دائىرىلەرنىڭ بۇ تۈردىكى تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتى مەكتەپلەردە يۇقىرى پەللىگە چىققان، ھەتتا رامىزاندا قەبىھ ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتقان – تۇتمىغانلىقىنى سىناۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
شۇنداقلا خوتەن ۋىلايەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتى بىلەن ۋىلايەتلىك بازار باشقۇرۇش ئىدارىسى رامىزان ھارپىسىدا بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، خوتەن تەۋەسىدىكى رېستۇرانلارنىڭ رامىزان ئېيى مەزگىلىدە تىجارەتنى توختىتىشىنى چەكلىگەن. يەرلىك رېستوران ئىگىلىرىنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، خوتەن مىللىي ئىشلار كومىتېتى ۋە بازار باشقۇرۇش ئىدارىسى يەنە رېستوران ئىگىلىرىدىن رامىزان جەريانىدا تىجارەتنى توختاتماسلىققا تىل خەت ئالغان.
رامىزاندا تىجارىتىنى توختاتقان رېستورانلار بايقالسا جازالىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بىر كۈن تىجارەت توختاتقان رېستۇرانلارغا 500 يۈەن، 3 كۈندىن ئارتۇق توختاتقانلارغا 5000 سوم جەرىمانە قويۇلۇپ، 6 ئاي پىچەتلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، مۇسۇلمان دۇنياسىنى مۇقەددەس ئاي مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى
مۇسۇلمانلارنىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيى باشلانغان بۇ كۈنلەردە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، مۇسۇلمان دۇنياسىنى مۇقەددەس ئاي مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەپ، » ئىسلام ئادالەت، تەڭلىك ۋە تەرەققىياتنى تەرغىپ قىلغۇچى ئۇلۇغ بىر دىن ھېسابلىنىدۇ» دېدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما مۇسۇلمان دۇنياسىنى مۇقەددەس رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىگەن پەيتلەردە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ رادىئومىز دولقۇنلىرى ئارقىلىق پۈتۈن مۇسۇلمان ئەھلى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رامىزان ئېيىنى مۇبارەكلىدى.
رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە يەنە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، باشقا ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان خەلقلەرگە ئوخشاش مۇبارەك رامىزان ئېيىنى ئىسلام ئەقىدىلىرىگە ماس ھالدا ئۆتكۈزۈشكە مۇيەسسەر بولالمايۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈنۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دېموكراتىك ئەللەر بىلەن بىرگە، مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.