2010.08.06
رابىيە قادىر خانىم «ۋال سترىت ژۇرنىلى»دا ماقالە ئېلان قىلدى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم «ۋال سترىت ژۇرنىلى»دا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى. ماقالىگە «ئۇيغۇر يازغۇچىلار جىمىقتۇرۇلماقتا» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.
رابىيە قادىر خانىم ماقالىسىدە، يېقىندا جازاغا تارتىلغان ژۇرنالىست غەيرەت نىياز ۋە دىلشات پەرھات قاتارلىق تور ساھىبلىرىنىڭ تۈرمىگە ئېلىنىش ۋەقەلىرى ھەققىدە توختالغان. ئۇ، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېڭىلىق ئەمەسلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى جىمىقتۇرۇش سىياسىتىنى ئىزچىل يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان.
رابىيە خانىم ماقالىسىدە، مەھبۇبە ئابلەش، ئابدۇغېنى مەمەتئىمىن، نۇرمەمەت ياسىن ۋە گۈلمىرە ئىمىن قاتارلىقلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلىقى سەۋەبلىك خىتاي تۈرمىلىرىدە رىيازەت چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جىمىقتۇرۇش»، «نازارەت قىلىش» ۋە «خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۈزلۈكسىز يۆتكەش» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
رابىيە قادىر خانىم ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دىلشات پەرھاتنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى باشلىدى
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەخسۇس چاقىرىقنامە ئېلان قىلىپ، دىيارىم تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى دىلشات پەرھاتنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ سۇنۇش ۋە ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى باشلىدى.
چاقىرىقنامىدە، دىلشات پەرھات، نۇر ئېلى ۋە نىجات ئازاد قاتارلىق تور باشقۇرغۇچىلىرى «ۋىجدان مەھبۇسلىرى» دەپ ئاتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئادالەتسىز سوتلانغانلىقى ۋە ئۈستىدىن ھەقسىز ھۆكۈم چىقىرىلغانلىقى بايان قىلىندى.
مەزكۇر تەشكىلات دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەزالىرى ۋە تەرەپدارلىرىغا خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى دىلشات پەرھات قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرە – ئورگانلىرىغا خەت يېزىش ۋە تېلېفون قىلىشقا چاقىردى. چاقىرىقنامىدە، 5 – ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ باش – ئاخىرى ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلدى.
مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى «خىتاي ئۇيغۇرلار ئاۋازىنى جىمىقتۇرۇشنى داۋام قىلماقتا»
مەركىزى نيۇيوركتىكى مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ئۇيغۇر ژۇرنالىست غەيرەت نىياز ۋە دىلشات پەرھات قاتارلىق تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ جازاغا تارتىلغانلىقىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ئاسىيا بۆلۈمى خادىمى بوب دېيتز، بۇلارغا ئارتىلغان جىنايەتنىڭ سىياسىي جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا «شىنجاڭ ۋە ئۈرۈمچىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا يۈز بەرگەن نامايىشلاردىن بىر يىل ئۆتكەندىمۇ، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى جىمىقتۇرۇشنى داۋام قىلماقتا » دەپ كۆرسەتتى.
ئەرەبىستانىدا يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قىزلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
ئەرەبىستانىدا يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە شەھىرىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قىزلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمدا ھەرقايسى مەكتەپلەردە ئالاھىدە ئۇتۇق قازانغان ئۇيغۇر قىزلىرى مۇكاپاتلاندى.
بۇ خىلدىكى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن مۇراسىم بولۇپ، مۇراسىمغا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە ۋە مەككە شەھەرلىرىدىن كەلگەن 500 دىن ئارتۇق خانىم – قىزلار ئىشتىراك قىلدى.
مۇراسىم، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرى، توي – تۆكۈن قائىدىلىرىنى ئۆگىتىش، ئۇيغۇر تىلىغا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئانا ۋەتەننى ئۇنتۇماسلىقنى تەۋسىيە قىلىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيىدە «2010 – يىلى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن پائالىيەتلىرى» نامىدا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيىدە «2010 – يىلى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن پائالىيەتلىرى» نامىدا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە 7 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن، 28 – كۈنىگىچە قەيسەرىدە ئېلىپ بېرىلدى.
پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. بۇ مۇسابىقە يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەرنى ئۆگىتىش ۋە ئۇلارنى مىللىي روھ بىلەن تەربىيىلەش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان.
7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نەتىجە قازانغان ئوقۇغۇچىلارغا مېدال بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مېدال بېرىش مۇراسىمىدا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆز قىلدى.
ئۇيغۇر پۇتبول ھەۋەسكارلىرى دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇردى
2010 – يىلى 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنى گوللاندىيىدىكى «ئالغا باس» ياشلار كۇلۇبىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىلگىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پۇتبول ھەۋەسكارلىرى تەكلىپ قىلىنىپ، بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى.
پائالىيەت گوللاندىيىنىڭ ئىندوفىن شەھىرىدىكى بىر تەنتەربىيە كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، گوللاندىيە ۋە بېلگىيىدىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق قېرىنداشلار قاتناشتى.
مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شۇ يەرگە يېقىن بىر دالادا زىياپەت بېرىلىپ، ئىككى دۆلەتتىكى ۋەتەنداشلارنىڭ كەلگۈسى ئىتتىپاقلىقىغا ئۈمىد بېرىلدى.
پائالىيەتكە گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر ئەپەندى ۋە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلدى. ئۆتكەن ئايدا بېلگىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەكلىپى بىلەن گوللاندىيىدىكى ياشلار بېلگىيىنىڭ بريۇسسېل شەھىرىدە ئۆز – ئارا ئۇچرىشىپ، دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن ئىدى.
قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيىسى بۇ يىل ئىچىدە 10 مىڭغا يېقىن «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى»نى تەربىيىلىگەن
قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيىسى بۇ يىل ئىچىدە 10 مىڭغا يېقىن » ئەمگەك كۈچى»نى تەربىيىلىگەن. بۇلار «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەش سىياسىتى» بويىچە تەربىيىلەنگەن.
«قەشقەر ھۆكۈمەت خەۋەرلىرى» تورىدا كۆرسىتىشىچە، تەربىيىلەش مەركەزلىرى كوناشەھەر ناھىيىلىك ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەش ئىشخانىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، بۇ يىل ئىچىدە جەمئىي 9 مىڭ 474 ئادەم تەربىيىلەنگەن. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر تەربىيىلەش مەركىزى بۇ يىل جەمئىي 8 قېتىم تەربىيىلەش ئېلىپ بارغان. ھالبۇكى، بۇ جەرياندا قانچىلىك ئوغۇل ۋە قانچىلىك قىز كۇرسانتنىڭ تەربىيىلەنگەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن.
خەۋەردە بېرىلگەن رەسىمگە قارىغاندا، تەربىيىلەش سېخىدىكى كۇرسانتلارنىڭ ھەممىسى ياش ئۇيغۇر قىزلىرى ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2004 – يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەش سىياسىتى» نى يولغا قويغان ۋە ئاساسلىقى ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەن. مەزكۇر سىياسەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان ئىدى.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى توكيودا ئىشخانا ئاچتى
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى توكيودا ئىشخانا ئاچتى. مەزكۇر ئىشخانا ئۇيغۇر داۋاسى بىلەن بىرلىكتە ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئېچىلغان.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى بۇ ئىشخانىنى مۇقىم قىلىش ۋە پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى، بولۇپمۇ ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن قوللىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى يېقىندا ياپونىيىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار ۋە ئۇيغۇر داۋاسىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئىشخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزىدىكەن. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 2008 – يىلى قۇرۇلغان ئىدى.