2010.06.25
پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار رابىيە خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى
پاكىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى. ئۇلار خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ ھەر خىل سىياسىي بېسىمى تۈپەيلى، گاڭگىراپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۆھبەتنى پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» تەشكىللىگەن. سۆھبەتكە بۇلار تەشكىللىگەن ئۇيغۇرلار جامائىتى ئىشتىراك قىلدى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆمەر ۋەخپى ھازىرلىغان تېلېفون يىغىنىدا جامائەتنىڭ ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەي توغرا يولدا مېڭىپ، توغرا ئىش قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزىدىن كېيىن، مەزكۇر ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا قايتىدىن ئىرادە ۋە ئۈمىد شەكىللەنگەن.
تېلېفون يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر جامائىتى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتى ئۈچۈن دۇئا تىلاۋەت قىلدى.
قېقىنۇس سىدىق: ئانامغا بېرىلگەن ›ئەركىنلىك مۇكاپاتى’دىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن
ئىتالىيە Societa Libera تەشكىلاتىنىڭ، 2010 - يىللىق خەلقئارا ئەركىنلىك مۇكاپاتى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا تەقدىم قىلىندى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ كەنجى قىزى قېقىنۇس خېنىم، ئانىسىغا ۋاكالىتەن ئىتالىيىنىڭ لۇكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ئىتالىيىدىكى ئىجتىمائىي ئەركىنلىك تەشكىلاتىنىڭ «ئەركىنلىك» نامىدىكى مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
قېقىنۇس خېنىم، ئانىسىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى ئىتالىيە خەلقىگە يەتكۈزگەنلىكىدىن ئىنتايىن پەخىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. قېقىنۇس خېنىمنىڭ، مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدىكى تەسىرلىك نۇتقى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ روشەن يورۇتۇپ بەرگەن.
قېقىنۇس خېنىم يەنە 17 – ئىيۇن لۇكا ئۆلكىلىك پارلامېنت ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا بەرگەن ئەركىنلىك مۇكاپاتىنى ئانىسىغا ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدى.
سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى ياپونىيىنىڭ بەش ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بەردى
ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ ياپونىيە زىيارىتى داۋام قىلماقتا. ئۇ، 6 – ئاينىڭ 18 – كۈنىدىن 21 – كۈنىگىچە ياپونىيىدىكى 5 ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بەردى.
دوكلات بېرىش يىغىنلىرىغا ياپون ۋە چەتئەللىك ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى قاتارلىقلار قاتناشتى. مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنلىرىدا خىتايدىن ياپونىيىگە كېلىپ ئىشلەۋاتقان مۇتەخەسسىس ۋە ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتنىشىپ سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىدىن ھەرخىل سوئاللارنى سورىدى.
بۇلاردىن باشقا يەنە سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى ياپونىيىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن يېپىق سۆھبەت يىغىنلىرىغا قاتناشقان. ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى 28 – ئىيۇنغىچە ياپونىيىدە «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇماڭ»، «سېتىۋېتىلگەن شەرقىي تۈركىستان»دېگەن تېمىلاردا دوكلات بېرىدۇ.
قورغاس ناھىيىسىدە ئاكىسىنىڭ ئورنىغا تۇتۇلغان ئەنۋەر ئىسرائىل قويۇپ بېرىلدى
قورغاس ناھىيىسىدە ئاكىسىنىڭ ئورنىغا تۇتۇلغان ئەنۋەر ئىسرائىل قويۇپ بېرىلدى. 5 – ئىيۇل تۇتقۇنلىرىدىن شۆھرەت تۇرسۇن ئىسىملىك بىر ياش ئۆتكەن يىلى قورغاس ناھىيىسىدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.
ۋەقە دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ساقچىلار ۋەقەنى دۇنياغا ئاشكارىلىغۇچىلارنى تۇتۇش ھەرىكىتى باشلىغان.
دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىزدىلىۋاتقان باش گۇماندار ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ ئىنىسى ئەنۋەر ئىسرائىل ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئىدى.
ئەنۋەر ئىسرائىلنىڭ ئايالى ئاسىيە كېرىموۋا قازاقىستان ۋەتەندىشى. ئاسىيە كېرىموۋانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ھەپتە خىتاي دائىرىلىرى ئەنۋەر ئىسرائىلنى قويۇپ بەرگەن.
«5 – ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ بىر يىللىقى مەزگىلىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىندى
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى «5 – ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ بىر يىللىقى مەزگىلىدە، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان.
ئۈرۈمچىدىن رادىئومىزغا ئۇچۇر يەتكۈزگەن بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا قوراللىق ساقچىلار يەنە كۆپەيتىلگەن.
شەھەر كوچىلىرىدا كېچىسى چارلاش ئېلىپ بارىدىغان ساقچى ئاپتوموبىللىرىمۇ ئالدىنقى بىر نەچچە ئايدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشقان. كېچىسى چارلاش ئېلىپ بارىدىغان برونېۋىكلارمۇ ئۇيغۇرلار رايونلىرىدا چارلاش قېتىم سانىنى كۆپەيتكەن. بۇ مەزگىلدە يەنە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە «30 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» باشلىدى.
ب د ت مۇتەخەسسىسى ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئۈستىدىن روھىي قىيىن – قىستاق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان
ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىدىن Manfréd Nowak، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئۈستىدىن تەن جازاسىدىن باشقا روھىي قىيىن-قىستاق جازاسى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى بۇ ھەپتە ۋاشىنگتوندىكى بىر ئاممىۋى تەشكىلات تەرىپىدىن ئېچىلغان دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى تېمىسىدىكى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ خىتاينىڭ قانۇن سىستېمىسىدا بەلگىلىك ئىسلاھاتلار بولۇۋاتقان بولسىمۇ، قىيىن-قىستاق مەسىلىسىنىڭ يەنىلا ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ۋە روھىي جەھەتتە قىيناش جازاسىنىڭ خىتايدا فالۇنگوڭچىلارغا، ئۇيغۇر رايونىدا بولسا، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
Manfréd Nowak ئەپەندى ئۇيغۇر رايونىدا بىر قانچە قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىدى.
«5 – ئىيۇل» دا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ئۆلگەن ئىگە - چاقىسىز مەھبۇسلار جەسىتىنىڭ كۆيدۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
ئۈرۈمچىدىن چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «5 – ئىيۇل» دا تۇتۇلۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىگە - چاقىسىز جەسەتلەر كۆيدۈرۈلگەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك دائىرىلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىمۇ بۇلار دەلىللەندى.
ئۈرۈمچىگە جايلاشقان ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى دەپنە مۇلازىمەت باش پونكىتى «5 – ئىيۇل» دا تۇتۇلۇپ، ئۆلۈپ كەتكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ يەردە كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
باش پونكىتتىكى بىر خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىلدىكى ئۇيغۇرلار جەسىتىنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىگە بۇلارنىڭ ئىگە - چاقىسىزلىقى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى «5 – ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ۋە ئۈرۈمچىدە ياقا يۇرتلۇق ئۇيغۇرلارنى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ئىدى.
خىتاينىڭ كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى ›تېررورچىلار’غا چىقىرىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى
خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن يىلى كامبودژا خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە تېررورچى گۇرۇھلارغا ئەزا كىشىلەر بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇلارنىڭ ئىچىدە قانچە كىشىنى «تېررورچىلار» گۇرۇھىغا چاتقانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
ھالبۇكى، ئۇيغۇر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى «تېررورچىلار» گۇرۇھىغا چاتقانلىقىغا گۇمانى پوزىتسىيە تۇتماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ بۇنىڭدا سىياسىي غەرىزى بارلىقىنى، بايانىنىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى.
لاۋگەي فوندى جەمئىيىتىدىكى خارىي ۋۇ ئەپەندى بولسا، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ كىشىلەرنى «تېررورچىلار»غا باغلىغانلىقىغا ھەيران قالمايدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى جازالاشنى ۋەزىپە دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
كامبودژا دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى 12 – ئايدا 20 ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. بۇ ۋەقە دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغاپ، كامبودژا ھۆكۈمىتى ب د ت مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن تەنقىدلەنگەن ئىدى.
13 – نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى رەسساملار ئۇچرىشىشى ئىستانبۇلدا داۋاملاشماقتا
13 – نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى رەسساملار ئۇچرىشىشىغا ئۇيغۇر رەسساملارغا ۋاكالىتەن گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم بىلەن قازاقىستانلىق رەسسام ئەخمەت ئەخەت ئەپەندىلەر قاتناشقان.
بۇ پائالىيەتنىڭ بىرىنچى قېتىملىقى 1997 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىل 13 – يىلىغا قەدەم قويدى. بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئىستانبۇلنىڭ مارمارا كوڭگىرە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلمەكتە. 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن 30 – كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ پائالىيەتكە 19 نەپەر تونۇلغان رەسسام قاتناشماقتا.
پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان سانجار مۇلايىمئوغلۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان رەسساملار ئىككى ھەپتە بىرلىكتە رەسىم سىزىدىكەن. بۇ رەسىملەر 6 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئىستانبۇل ئارخېئولوگىيە مۇزېيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلىدىكەن.