تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما جۈمە كۈنى ياپونىيىگە يېتىپ بېرىپ، بۇ دۆلەتتىكى 4 ھەپتىلىك نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىنى باشلىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە دالاي لامانىڭ پائالىيىتى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.06.18
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دالاي لاما شەنبە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، يەكشەنبە كۈنى ناگانو ناھىيىسىدىكى بىر تەنتەربىيە زالىدا نۇتۇق سۆزلەيدىكەن.

مەزكۇر پائالىيەت ياپونىيىنىڭ كيوتو شەھىرىدىكى زېنكوجى بۇتخانىسى راھىپلىرىنىڭ ساھىپخانلىقىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ كېلەر سەيشەنبە كۈنى ئىشىكاۋا ناھىيىسىدە بۇددىزم تەلىماتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەيدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن كېيىن 26 ‏- چېسلا يوكوخامادا لېكسىيە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلمەكتە.

ياپونىيە دالاي لامانىڭ ھەر يىلى دېگىدەك زىيارەت قىلىپ، بۇددىزم ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەيدىغان دۆلەتلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

يېقىندىن بېرى ياپونىيە يالغۇز دالاي لامالا ئەمەس، بەلكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ پات – پات زىيارەت قىلىدىغان مۇھىم دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ قالغان. بۇ خىتاينى بىئارام قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

ھازىرغىچە ئېرىشكەن خەۋەرلەردىن دالاي لامانىڭ بۇ سەپىرىدە ياپونىيە سىياسى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئۇچۇر يوق.