يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۇنيادا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىش بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. بولۇپمۇ ياپونىيىدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئارقا ئارقىدىن دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.06.11

Sidik-Haji-Rozi-ependi-Yapnda-likisye-305ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﻰ، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻮﻥ ﺳﯩﺪﯨﻘﻬﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ 6 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 16 – ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 28 – ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺋﯧﻼﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ.
ئوبزورچى، سىياسىيون سىدىقھاجى روزى ئەپەندى 6 – ئاينىڭ 16 – كۈنىدىن 28 – كۈنىگىچە ياپونىيىنىڭ بىر قانچە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بېرىدىكەن. ئۇ، ياپونىيىدە «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئۇنتۇماڭ»، «سېتىۋېتىلگەن شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئىككى تېمىدا دوكلات بېرىدىكەن.

بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى بولغان ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پائالىيەت ياپونىيىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئۆتكۈزىلىدىكەن. پائالىيەتتە ئۆكتىچى خىتاي مۇتەخەسسىسلەر، تەيۋەنلىك مۇتەخەسسىسلەرمۇ دوكلات بېرىدىكەن.

بۇ پائالىيەت ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلقىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئاتالغان. 2008 – يىلىدىكى پائالىيەت، «2008 بېيجىڭ ئولىمپىكى ۋە تىبەت مەسىلىسى» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ پائالىيەت 6 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان دوكلات بېرىش يىغىنى بىلەن باشلىنىپ، 28 – چېسلاغىچە داۋاملىشىدىكەن. 6 – ئاينىڭ 18 – كۈنى تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لامامۇ رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ياپونىيىگە بارىدىكەن.

ئوبزورچى سىدىقھاجى روزى ئەپەندى 1944 – يىلى 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ئاتۇشتا دۇنياغا كەلگەن. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە 1969 – يىلىدىن 1977 – يىلىغىچە تۈرمىدە ياتقان. 1978 – يىلى رابىيە خانىم بىلەن توي قىلغان. 1982 – يىلى ئۈرۈمچىدىكى مائارىپ ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلىغان. 1996 – يىلى ئامېرىكىغا چىقىپ كەتكەن. 1999 – يىلى ئايالى رابىيە قادىر خانىم خىتاي تۈرمىسىگە تاشلانغان. ئوبزورچى سىدىقھاجى روزى ھازىر ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدا ياشىماقتا.

ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.