2010.05.28

مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى‹ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قويۇلدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە خانىمنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم – «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» 26- ماي ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كۇتۇپخانىسىنىڭ پىكفورد تىياتىرخانىسىدا قويۇلدى.

بۇ پائالىيەتنى ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوند جەمئىيىتى بىلەن توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى. فىلىمنى كۆرۈشكە توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باشلىقى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جەيمىس مىكگوۋېرن قاتارلىق ئەربابلار قاتناشتى.

فىلىم قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى جەيمىس مىكگوۋېرن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك سىياسىي بېسىملىرىغا قارىماي ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

مۇراسىمدا يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى فرانك ۋولف سۆز قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ئالدىدا قىلچە تەۋرەنمىگەنلىكىنى تەرىپلىدى.

مەزكۇر فىلىم 2009- يىلى كۈزدە ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا تۇنجى قويۇلغان ئىدى. فىلىم، نۆۋەتتە كولورادو شتاتىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان » تاغ فىلىم فېستىۋالىدا» كۆرسىتىلمەكتە.

ئۇيغۇر ئالىمى ئابباس بۇرھان ئەپەندى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى

ئۇيغۇر ئالىمى، ئالىي مۇھەررىر ۋە جامائەت ئەربابى ئابباس بۇرھان ئەپەندى، مۇشۇ ئاينىڭ 22 ‏- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 5 تە ئالەمدىن ئۆتتى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ‏- سىرتىدا تونۇلغان ئالىم مەرھۇم ئابباس بۇرھان ئەپەندى، 1932 ‏- يىلى 10 ‏- ئايدا ئاتۇشنىڭ ئېكساق يېزىسىدا بىر مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.

ئابباس بۇرھان ئەپەندى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ۋە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرىسىتېتلىرىدا بىئولوگىيە كەسپى بويىچە ئېلىم تەھسىل قىلغان ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن سىرت يەنە، 12 يىل پەن – تېخنىكا جەمئىيىتىگە رەئىسى بولغان.

ئابباس بۇرھان ئەپەندى ئۆز ھايات مۇساپىسىدە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ماقالىلىرىدىن397 پارچە ئېلان قىلغان. ئۇ يەنە ئىلىم – پەن ساھەسى بويىچە ئۇيغۇر تىلىدا 10 نەچچە پارچە كىتاب يازغاندىن باشقا، ئۇنىڭ تەرجىمە قىلغان ۋە تەھرىرلىگەن كىتاب ۋە ماقالىلىرىنىڭ سانى 400 پارچىغا يەتكەن.

مەرھۇم ئابباس بۇرھان ئەپەندى «بىلىم كۈچ» ۋە «پەن ۋە تۇرمۇش» قاتارلىق ئىلمىي ژۇرناللارنى تۇنجى تەسىس قىلغان ۋە 1984 ‏- يىلى ئۈرۈمچىدە تۇنجى بولۇپ، پەن – تېخنىكا سارىيىنى قۇرغان.

ئابباس بۇرھان ئەپەندى يەنە ئامېرىكا، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە پەن – تېخنىكا تەشكىلاتلىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۆتكۈزۈلگەن بىئولوگىيە ساھەسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا «قۇرغاق رايونلاردىكى يېشىللىق يېزا ئىگىلىكى» ناملىق ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇپ، ئالاھىدە يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن.

ئابباس بۇرھان ئەپەندى يەنە شۇ يىللىرى، ئىتالىيە رىم ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە دۇنيا نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىزىكا ئالىمى دوكتور مۇھەممەد ئابدۇسالام ئەپەندىنىڭ شەخسى تەكلىپى بىلەن زىيارەتتە ۋە ئىلمىي پائالىيەتلەردە بولغان.

مەرھۇمنىڭ يەنە، يېزا ‏- ئىگىلىك ساھەسى بويىچە يازغان كىتابلىرى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ دېھقانچىلىق تېخنىكىلىرىنى ئىگىلىشىدە ئىلمىي كۆرسەتمىلىك رولىنى ئويناپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.

سەمەرىلىك ھاياتىنى تولىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزگەن ئالىم ئابباس بۇرھان ئەپەندى كۆز يۇمۇپ ئۇيغۇرلار بىلەن ۋىدالاشقان بولسىمۇ، ئۇ، ئۆز يۈرەك قېنى ئارقىلىق تىكلىگەن نەتىجە ئابىدىلىرى بىلەن مەڭگۈ يات ئېتىلگۈسى.

شايار ناھىيىسىدە دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەشتە يېڭى بەلگىلىمىلەر چىقىرىلدى

يېقىندا شايار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت، ناھىيە تەۋەسىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتا يېڭى بەلگىلىمە چىقارغان. مەزكۇر يېڭى بەلگىلىمە 10 ماددىدىن تەركىب تاپقان. بەلگىلىمىنىڭ 7 – ماددىسىدا، جۈمە نامىزىدا كادىرلار نازارەت قىلىش، جۈمە خۇتبىسىنىڭ مەزمۇنىنى، ئالدى بىلەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىغا تەستىقلىتىش تەلەپ قىلىنغان.

شۇنداقلا، جۈمە نامىزىدا بۇ مەسچىت تەۋەسىدە بولمىغان ھەرقانداق كىشىنىڭ دىنىي تەبلىغ قىلىشى چەكلەنگەن ۋە سىرتتىن كەلگەن ھەرقانداق «ناتونۇش ئاخۇن» لارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش تەلەپ قىلىنغان.

ئۇيغۇر سىياسىي ۋە دىنىي پائالىيەتچىلەر شايار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت چىقارغان بۇ بەلگىلىمىنىڭ خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى قانۇنلىرىغا خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي ئاساسىي قانۇنىغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ياپونىيىنىڭ توكيو ۋە ئوساكا شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن چاقىرىلدى

5 – ئاينىڭ 22 -، 23 – كۈنلىرى ياپونىيىنىڭ توكيو ۋە ئوساكا شەھەرلىرىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ۋە ياپونىيىنىڭ مەسئۇلىيىتى» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.

توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا، توكيو تاكوشوكۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ياپون مەدەنىيىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ پروفېسسورى سېكىئوكا ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ئۆمەر قانات، سېيىت تۈمتۈرك ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام مەخمۇت سۆز قىلدى.

ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىمۇ ئۈچ سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشقان بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان كىشىلەر سۆز قىلغان. بۇلاردىن باشقا يەنە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە 25 ئادەم ئىنتېرنېتقا ئالاقىدار جىنايەت بىلەن بىر تەرەپ قىلىندى

ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېت ئالاقىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، 25 ئادەم ئىنتېرنېتقا ئالاقىدار جىنايەت بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 23 – مايدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، بۇ ئۇچۇرلارنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئاخبارات ئىشخانىسى تارقاتقان. ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېت ئالاقىسى 14 – ماي رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى 10 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تۇتۇلغان.

دائىرىلەر، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ئادەمگە مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بەرگەندىن باشقا، 4 نەپىرىگە جەرىمانە قويغان ۋە 19 ئادەمگە تەربىيە قىلغان. ھالبۇكى، بۇلارنىڭ مىللەت تەركىبى، ھازىرچە ساقچىخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ياكى قويۇپ بېرىلگەنلىكىگە ئائىت ئېنىق خەۋەر يوق.

ئەنقەرەدە «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى» دوكلات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى

ئەنقەرەدە «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى» دوكلات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىننى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.

بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ تۆتىنچى قېتىملىقى 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنى چاقىرىلدى. مەزكۇر يىغىندا تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى» تېمىسىدا دوكلات بەردى.

دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئەنقەرەدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ياشلار ياچېيكىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 70 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

تەشكىلات مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بۇندىن كېيىن، ھەر 15 كۈندە بىر قېتىم «شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن.

د ئۇ ق ۋەكىلى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 10 ‏- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىتالىيىدە چاقىرىلغان قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتناشتى. 4 كۈن داۋاملىشىدىغان مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بەردى. مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قارار ماقۇللانغان.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 10 ‏- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 26 ‏- ماي، ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم شەھىرىدە باشلانغان ئىدى. قۇرۇلتاي بېشىدا، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئىجرائىيە ھەيئەتلىرىنىڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

گوللاندىيىدە ئۇيغۇر ياشلىرى پائالىيەت ئېلىپ باردى

گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى 21 ‏- ماي ئامىستېردام شەھىرىگە يىغىلىپ، ئۆز – ئارا تونۇشۇش، ھەمكارلىشىش ۋە ئۆگىنىش شوئارى ئاستىدا پىكىرلەشتى.

شۇ كۈنى 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر يىگىتلىرى ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن يېمەكلىرى بىلەن غىزالىنىپ، گوللاندىيىدىكى ئوقۇش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ تۈرلۈك يوللىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

يىراق – يېقىندىن كەلگەنلەر ئۆز – ئارا تونۇشۇپ دوستلاشتى. ۋېلىسىپىت ماھىرى تاھىرجاننىڭ ماھارىتىدىن زوقلاندى. پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان تۈرلۈك كىتابلار تارقىتىلدى.

گوللاندىيىدە قۇرۇلغان «ئالغا باس پۇتبول كوماندىسى» تونۇشتۇرۇلدى. 7 سائەت داۋام قىلغان بۇ يىغىلىشتا، يەنە داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرۇش، ئۆز – ئارا ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىش ھەققىدە تەكلىپلەر سۇنۇلدى.

ئۈرۈمچىدە يەنە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرىدىغان ئالاھىدە ساقچى قىسمى قۇرۇلدى

ئۈرۈمچىدە يەنە بىر جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرىدىغان ئالاھىدە ساقچى قىسمى قۇرۇلغان. «شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى» دا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر قىسىمغا «ئۇچار يولۋاس زەربىدار ئەترىتى» دەپ نام بېرىلگەن. مەزكۇر ئەترەتنىڭ خىزمەت باشلاش مۇراسىمى 22 – ماي ئۈرۈمچىنىڭ نەنخۇ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ، ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا موتسىكلىتلىق چارلاش ئېلىپ بېرىپ، مۇقىملىق ساقلاش ۋەزىپىسى ئۆتەيدىكەن. خىتاي يەرلىك دائىرىلىرى 2009 – يىلىدىكى «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، بىر قىسىم ھەربىي ۋە ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكىگەن ئىدى.

ئۈرۈمچى دائىرىلىرى بۇ يىل 8 – فېۋرال ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەلگەن قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ بىر قىسىمنى ئۆزگەرتىپ، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى 6 – تارماق ئەترىتىنى قۇرغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينى پۇقرالار ئەركىنلىكىنى بوغۇش بىلەن ئەيىبلىدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 27 – ماي، 2010‏ – يىللىق دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۈرۈمچى «5 – ئىيۇل ۋەقەسى»گە قاتناشقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ۋە ئىز ‏ – دېرەكسىز يوقاپ كېتىش ۋەقەلىرى بىلەن خىتاي دائىرىلىرىنى ئەيىبلىدى.

دوكلاتتا يەنە، بەزى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانى قوللايدىغان دۆلەتلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ، شىمالىي كورىيە مۇساپىرلىرىنى كەمسىتكەنلىكىنى، ئۇلارغا ئىقتىسادى مۇساپىر مۇئامىلىسى قىلىپ، ئۇلارنىڭ كېرەكلىك ياردەمگە ئېرىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.