2010.04.16

رابىيە قادىر خانىم ۋە دالاي لاما ياپونىيىگە زىيارەتكە بارىدۇ

رابىيە قادىر خانىم ۋە دالاي لاما ياپونىيىگە زىيارەتكە بارىدۇ. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما ئايرىم – ئايرىم ھالدا ياپونىيىگە زىيارەتكە بارىدۇ. مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ ياپونىيە زىيارىتى 5 ‏ -، 6 ‏ – ئايلاردا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 5 – ئاينىڭ 20 – كۈنلىرى ياپونىيىدە بولىدىكەن. ئۇ بۇ نۆۋەتلىك ياپونىيىنىڭ توكيو ۋە ئوساكا شەھەرلىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىدىكەن ۋە دوكلات بېرىدىكەن.

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بۆلگۈنچىلەر» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقانلىقى، ئەمما ياپونىيىنىڭ ئۆز قانۇنلىرىغا ئاساسەن ئۇلارغا ۋىزا بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان.

ۋاشىنگتوندا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان «يادرو بىخەتەرلىكى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى» مۇناسىۋىتى بىلەن 12 ‏- ۋە 13 ‏- ئاپرېل كۈنلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.

نامايىش خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ «يادرو بىخەتەرلىكى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى» غا ئىشتىراك قىلىۋاتقان پەيتتە ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشقا كالىفورنىيە، تېكساس، ۋىرگىنىيە ۋە ۋاشىنگتوندىن كەلگەن ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خىتاي دېموكراتچىلىرى ۋە فالۇنگوڭچىلار قاتناشتى. 13 ‏- ئاپرېل Samuel Gompers خاتىرە باغچىسى مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، تىبەت، خىتاي ۋە ۋيېتنام كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. نامايىشقا ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي ۋە ۋېيتناملىقلاردىن بولۇپ، 500 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى.

خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە «ياردەمچى» كادىرلار ئەۋەتىشكە باشلىدى

بېيجىڭدا يېقىندا ئېچىلغان «شىنجاڭ خىزمىتىگە ياردەم بېرىش يىغىنى» نىڭ روھىغا ئاساسەن خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە كادىر ئەۋەتىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم.

جەنۇبىي خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلىرى مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بىر قىسىم «مۇتەخەسسىس ۋە كادىرلار»نى باشلاپ قەشقەرگە كېلىدىكەن ۋە قەشقەرنىڭ بىر قىسىم ناھىيىلىرىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ «قۇرۇش پىلانى تۈزۈپ» چىقىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى گۇاڭجۇ شەھىرى قەشقەرنىڭ بەش ناھىيىسىدە قۇرۇش پىلانىنى ئېلىپ بارىدىكەن. خەۋەردە بۇ بەش ناھىيىنىڭ قايسى ناھىيىلەر ئىكەنلىكى ۋە بۇ ناھىيىلەردە قايسى خىلدىكى قۇرۇش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلمىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىمۇ، «غەربنى ئېچىش ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەش قەدىمىنى تېزلەتكەن ئىدى.

ئالماتادا شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 ‏- يىللىقى خاتىرىلەندى

8 ‏- ئاپرېل ئالماتادا شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 ‏- يىللىقى خاتىرىلەندى. خاتىرىلەش پائالىيىتىگە 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى قەھرىمان غۇجامبەردىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئالماتا سۇلتان قورغان مەھەللىسىدىكى ھايات رېستورانىدا ئېچىلغان مەزكۇر يىغىندا، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش يولىدا قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلدى.

شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى 1944 – يىلى 4 – ئاينىڭ 8 – كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان ئىدى.

ئەنقەرەدە ›شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى‹ ماۋزۇلۇق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى ئەنقەرەدە ›شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى‹ ماۋزۇلۇق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىن ئەنقەرەدىكى ئاتىلىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلدى. بۇ يىغىندا ئۇنىۋېرسىتېت تەرىپىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بىلەن ئاتىلىم ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور رىشات ئۆزتۈرك ئەپەندى دوكلات بەردى.

دوكتور رىشات ئۆزتۈرك ئەپەندى سۆزىدە بۇ يىغىننى چاقىرىشتىكى مەقسىتىنىڭ تۈركلەرنىڭ ئاتا ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا مەلۇمات بېرىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

قىرغىز ئۆكتىچىسى رامىزان دىرىلدايېف ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى

مەشھۇر قىرغىز ئۆكتىچىسى رامىزان دىرىلدايېف ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

رامىزان دىرىلدايېف ئەپەندى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئىتتىپاقى تەشكىلاتىنىڭ، قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن نامايىشتا ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا بەرگەن ياردىمىدىن سۆيۈنگەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە ئۆز ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتى كەلدى» دېدى.

قىرغىزىستاندىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رامىزان دىرىلدايېف ئەپەندى، ئەينى ۋاقىتتا قىرغىزىستان سىياسىتىدىن نارازى بولۇپ، ئاۋىستىرىيىدە ياشاشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەكلىپى بىلەن قايتىپ كېلىپ، قىرغىزىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئاكتىپ پائالىيەتكە ئۆتكەن.

خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئېغىر يەكلەشكە ئۇچراۋاتقانلىقى تەنقىدلەندى

مەركىزى بېيجىڭدىكى «ئەي جىشىڭ تەتقىقات ئورنى» نىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىپ تەييارلىغان «خىتاي شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر كۆچمە نوپۇسىنىڭ سالامەتلىك، ئولتۇراقلىشىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى» دېگەن ماۋزۇدىكى دوكلاتى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلىندى.

دوكلاتتا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۇرمۇش، مەدەنىيەت، سالامەتلىك، مائارىپ، ئولتۇراقلىشىش شەرت – شارائىتى، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە دائىر تۈرلۈك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يەكلەشكە ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى كۆزگە ئىلىنمايۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«ئەي جىشىڭ» نامىدىكى مەزكۇر تەتقىقات ئورنى 2006‏ – يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا دىققەت قىلىشقا باشلىغان. بۇ ئورگان ئالدىنقى يىلى بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە خەت يېزىپ، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ مائارىپ، داۋالىنىش، ئولتۇراقلىشىش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى، ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئىلھام توختى، خىتاينىڭ سىياسەت بەلگىلەشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ بېقىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەت بەلگىلەشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ بېقىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۆتكەن ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا «شىنجاڭ خىزمىتىگە ياردەم بېرىش يىغىنى» ئاچقاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكە ۋە چوڭ شىركەتلىرى ئۇيغۇر رايونغا مەبلەغ سېلىش قەدىمىنى تېزلەتكەن.

بۇ سىياسەتلەرگە، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوتسېنتى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ خىل سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشتىن ئىلگىرى، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ بېقىشى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلھام توختى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ قېتىم ئاساسلىقى جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونغا مەبلەغ سېلىش ئاساس قىلىنغانلىقىنى، رايوننىڭ مۇھىتى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئېتىبار بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغ سېلىش جەريانىدا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەت، تىل، يەرلىك بىناكارلىق ئۇسلۇبى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكىلىق ئالىملار كانادادا ئۇيغۇر داۋاسى ھەققىدە قىممەتلىك پىكىر ‏- تەكلىپلەر بەردى

كانادا چاقىرىلغان بىر ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئۇيغۇرشۇناس شان روبېرت ۋە ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى گاردنېر بوۋىڭدون قاتارلىق ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار ئۇيغۇر داۋاسى ھەققىدە قىممەتلىك پىكىر ‏ – تەكلىپلەرنى بەردى.

ئۇيغۇرشۇناس پروفېسسور شان روبېرت»چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار،ئۇيغۇر داۋاسىنى پەقەت دۆلەت ئەربابلىرى ۋە سىياسىئونلارغىلا ئاڭلىتىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي بەلكى، تېخىمۇ كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى خەلقلەرگە ئاڭلىتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى ياردەمچى پروفېسسورى ئۇيغۇرشۇناس گاردىنېر بوۋىڭدون چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى، تىلى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرۇشلىرى كېرەكلىكى ھەققىدە تەكلىپ بەردى.

خىتاي، «ئىپارخان مازىرى» بىلەن ھېيتگاھ مەسچىتىنى رېمونت قىلىشقا مەبلەغ ئاجراتتى

خىتاي ئاخباراتلىرىدا خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ›ئىپارخان مازىرى‹ بىلەن ھېيتگاھ مەسچىتىنى يىپەك يولىدىكى نۇقتىلىق ئاسارە – ئەتىقە دېگەن نام بىلەن رېمونت قىلىش ئۈچۈن 30 مىليون يۈەن ئاجراتقان. بۇ مەزكۇر ئىككى ئاسارە – ئەتىقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم رېمونت قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي بۇ مازارنى رېمونت قىلىش ئۈچۈن 21 مىليون يۈەن، ھېيتگاھ مەسچىتىنى رېمونت قىلىش ئۈچۈن 11 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان. بۇ ئىككى ئاسارە – ئەتىقىنى رېمونت قىلىش 2012‏ – يىلى پۈتىدىكەن.

قەشقەردىكى ئاپئاق خوجا مازىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان مەقسەتلىك ھالدا ›ئىپارخان مازىرى‹ دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىدۇ.