مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.04.15
2010.04.15
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 5 – ئاينىڭ 20 – كۈنلىرى ئەتراپىدا ئېلىپ بارىدىغان بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە ياپونىيىنىڭ توكيو ۋە ئوساكا شەھەرلىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن ۋە يىغىندا دوكلات بېرىدىكەن.
ياپونىيىدە چىقىدىغان مەتبۇئاتلاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بۆلگۈنچىلەر» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقانلىقى، ئەمما ياپونىيىنىڭ ئۆز قانۇنلىرىغا ئاساسەن ئۇلارغا ۋىزا بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر بۇ قېتىملىق زىيارەت ئەمەلىيلەشسە، بۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ 2006 – يىلىدىن بېرى 4 – قېتىم ياپونىيىنى زىيارەت قىلىشى بوپقالىدىكەن.