2010.04.02
رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيىنىڭ مۇساپىرلار لاگېرىدىكى 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇردىن ھال سورىدى
3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيىنىڭ مۇساپىرلار لاگېرىدا تۇرۇۋاتقان 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى.
ھال سوراشقا، ئادۋوكات مارتىن بېرگ ئەپەندى، ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ۋە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرگە كەلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىم مۇساپىرلار لاگېرىغا بېرىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ھال سوراش بىلەن بىرلىكتە يەنە، ئۇلارنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ گوللاندىيىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا سۇنغان.
رابىيە قادىر خانىم، بۇ يەردىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنى كۆرۈپ كۆڭلىنىڭ قاتتىق يېرىم بولغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىدە مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سكاندىناۋىيە ئەللىرىگە قاراتقان زىيارىتى، جۈملىدىن ئۇنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتىنى باشلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ھەمدە ھازىرغىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە، شۋېتسىيە باش مىنىستىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا جاۋابنامە يوللاپ، قۇرۇلتاي ئەۋەتكەن مەكتۇپنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىنى «چېقىپ يۆتكەش» قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمىنى بارغانچە كېڭەيتمەكتە
خىتاي ھۆكۈمىتى «قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش» نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «چېقىپ يۆتكەش» قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمىنى بارغانچە كېڭەيتمەكتە.
تەڭرىتاغ تورىدا كۆرسىتىشىچە، قەشقەر يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 5 رايوندا ئۆزگەرتىپ قۇرۇش سىناق نۇقتىسى قۇرغان. سىناق نەتىجىلىك بولغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل «تۈزەش» قۇرۇلۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇش باسقۇچىغا يۆتكىگەن.
بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قەدىمىي قەشقەرنى چېقىش قۇرۇلۇشىغا 70 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالغان.
خىتاي دائىرىلىرى ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي قەدىمىي قەشقەر رايونىنىڭ 85 پىرسەنتىنى چېقىپ يۆتكەپ، بۇ رايوندىن 200 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسنى كۆچۈرىدىكەن.
گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ شۋېتسارىيىگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئاكا-ئۇكىلار خاتىرجەم ياشىماقتا
ئۆتكەن ھەپتە گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ شۋېتسارىيىگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئاكا-ئۇكىلارنىڭ نۆۋەتتە شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
مەزكۇر ئاكا - ئۇكىلارنىڭ ئىلگىرىكى تۈرمىدېشى ئابابەكرى قاسىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئاكا - ئۇكىلار قويۇپ بېرىلگەندىن بېرى ياخشى تۇرۇۋېتىپتۇ.
گۈەنتانامو تۈرمىسىدە 8 يىل تۇتۇپ تۇرۇلغان ئاكا-ئۇكا قېرىنداش مەھبۇسلار-ئەركىن ۋە بەختىيار مەخمۇت 23 – مارت شۋېتسارىيىگە ساق-سالامەت كەلگەن ئىدى.
2006 – يىلى گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ ئالبانىيىگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئابابەكرى قاسىم، بۇ ئاكا-ئۇكىلارنىڭ نۆۋەتتە بىر يۈرۈش ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ۋە تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىلگىرى گۈەنتاناموغا جەمئىي 22 نەپەر ئۇيغۇر قامالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 17 نەپىرى ئالبانىيە، بېرمۇدا، پالاۋ جۇمھۇرىيىتى ۋە شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يەرلەشتۈرۈلدى. نۆۋەتتە، گۈەنتانامودا يەنە 5 نەپەر ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلىشىنى كۈتۈپ ياتماقتا.
تارىم موميالىرى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا كۆرگەزمىگە قويۇلدى
تارىم موميالىرى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا كۆرگەزمىگە قويۇلدى. كۆرگەزمە سانتا-ئانا شەھىرىدىكى بوۋېرز مەدەنىيەت – سەنئەت مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلدى. 27 – مارتتىن باشلانغان كۆرگەزمە، كېلەر يىلى 6 – ئايغىچە ئامېرىكىنىڭ بىر نەچچە شىتاتىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
«يىپەك يولىدىكى سىر- تارىم موميالىرى» دېگەن تېمىدىكى كۆرگەزمىگە قويۇلغان مۇمىيا ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلار قەدىمكى تارىم ئاھالىسى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە مىراستۇر.
بۇ تارىم موميالىرىنىڭ تۇنجى قېتىم غەرب دۇنياسىدا كۆرگەزمىگە قويۇلۇشى. كۆرگەزمىگە قويۇلغان موميالارنىڭ ئىچىدە ۋاقىت قەرەلى ئەڭ قەدىمىي موميا تەخمىنەن 3800 يىل بۇرۇن ياشىغان ئايالنىڭ مومياسىدۇر.
كۆرگەزمىدە زىيارەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى 3000-4000 يىل بۇرۇن دەپنە قىلىنغان مومىيالارنىڭ ئانتىروپولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇلارنىڭ پەۋقۇلئاددە ياخشى ساقلانغانلىقىدۇر.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى ›2009 – يىللىق ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى’نى دۇنياغا ئاشكارىلاشقا چاقىردى
30 – مارت خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى «2009 – يىللىق ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى»نى دۇنياغا ئاشكارىلاشقا چاقىردى.
خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى خىتايدا يۈرگۈزۈلىدىغان ئۆلۈم جازالىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەيىبلەپ كەلمەكتە ئىدى. بۇلتۇر 5 – ئىيۇل ۋەقەسىگە ئالاقىدار سوتلاردا 30 نەپەرگە يېقىن ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.
خىتاي دۇنيادا ئۆلۈم جازاسى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2008 – يىلى خىتايدا 1718 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.
ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق شىتانكا كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئەركىن ئىمىنوف دۇنيا چېمپىيونى بولدى
ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق «يېتىپ تۇرۇپ شىتانكا كۆتۈرۈش» مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر تەنھەركەتچى ئەركىن ئىمىنوف چېمپىيون بولۇپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
فلورىدا شىتاتىنىڭ ئورلاندو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ئەركىن ئىمىنوف قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، ئۇ غۇلجىدا تۇغۇلغان ۋە كىچىكىدە ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ئالماتانىڭ سۇلتان قورغان مەھەللىسىدە چوڭ بولغان.
بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن ئەركىن ئىمىنوف بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە 56 كىلوگراملىقلار بويىچە مۇسابىقىگە چۈشكەن. ئۇ 120 كىلو گرام ئېغىرلىقتىكى شتانكىنى كۆتۈرۈپ، مۇشۇ دەرىجە بويىچە مۇسابىقىگە چۈشكەن 13 ماھىرنى يەڭگەن. ئۇنىڭ ئامېرىكىلىق رەقىبى ئىككىنچى بولغان.
بۇ قېتىم ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىگە ئامېرىكا، ياۋروپا بىرلىكى ئەللىرى، رۇسىيە، ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 300 دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى قاتناشقان.
پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار پاكىستان ساقچىلىرىنىڭ قانۇنسىز ئۆي ئاختۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش زوراۋانلىقىغا ئۇچرىماقتا
بىر ھەپتىدىن بېرى پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا پاكىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن قانۇنسىز ئۆي ئاختۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش زوراۋانلىقى يۈز بەرمەكتە.
يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدىكى تۇتقۇندا جەمئىي 9 كىشى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇلاردىن 7 نەپىرى قويۇۋېتىلگەن. ساقچىلار ئىزدەۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ باشلىقى ئۆمەر ۋە ئىنىسى ئەكبەر غايىپ بولغان. نۆۋەتتە پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋەقەنى ئەجەبلىنىش ئىچىدە كۆزەتمەكتە ۋە ئەندىشە ئىچىدە ياشىماقتا.
پاكىستان ساقچىلىرى بۇ قېتىمقى ئۆي ئاختۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى داۋامىدا ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق رەسمىيەت ۋە سەۋەبلەرنى كۆرسەتمىگەن.
خوڭكوڭدىكى خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا 1994 – يىلىدىكى قاراماي ئوت ئاپىتى ھەققىدىكى بىر ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلدى
خوڭكوڭدىكى خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا 1994 – يىلى قارامايدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ھەققىدە ئىشلەنگەن بىر ھۆججەتلىك فىلىم قاتناشتۇرۇلدى. مەزكۇر ۋەقە 1994 – يىلى 12 – ئاينىڭ 8 – كۈنى قارامايدىكى بىر تىياتىرخانىدا يۈز بەرگەن ۋە 300 دىن ئارتۇق ئۆسمۈر پاجىئەلىك ھالدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. بۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
فىلىمىنى مۇستەقىل فىلىم ئىشلىگۈچى شۈ شىن ئىشلىگەن. 6 سائەتلىك بۇ فىلىمدە ھېچقانداق مۇزىكا ۋە چۈشەندۈرۈش بېرىلمىگەن. فىلىمدە ئەينى ۋاقىتتىكى ماتېرىياللار، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئاتا -ئانىلىرى ۋە ئوت ئاپىتىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئەينەن ئورۇن بېرىلگەن.
فىلىم ئىشلىگۈچى شۇ شىن سۆزىدە، ئۆزىنىڭ بۇ فىلىمنى بەختكە يارىشا ساق – سالامەت چېگرىدىن ئەپچىقىۋالغانلىقىنى، ئەمما فىلىمنىڭ خىتايدا كۆرسىتىلىشىگە نائۈمىد ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
شۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىيە ۋە پىكىر ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن
شۋېتسىيە باش مىنىستىرى فرېدرىك رېينفېلد ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىيە ۋە پىكىر ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. فرېدرىك ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
شۋېتسىيە باش مىنىستىرى دۈشەنبە كۈنى، شۋېتسىيىگە زىيارەتكە كەلگەن خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقان ئىدى.
ئەمما ئۇ، خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكى ھەققىدە بىر نەرسە دېمىگەن. خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.