نۆۋەتتە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، خىتايدىكى مىللى زىددىيەتلەرنىڭ بارغانچە كەسكىنلىشىۋاتقانلىقى، بۇ زىديەتنىڭ ھازىر ئۆز زېمىنلىرىنى «خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن» دەپ قارايدىغان ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىق ھەركەتلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىدا ئىپادىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مۇلاھىزە ماقالىلىرى كۆپەيمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.03.11

DC-Uyghur-Tibet-protest-Dupont-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ، 2009 – ﻳﯩﻠﻰ 1 – ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 60 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻛﯜﻧﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺖ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ 60 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯦﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ.

RFA Photo / Shohret Hoshur
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان مىللەتلەر سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقلار خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان بۇ 60 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى لخاسادا يۈز بەرگەن » 14 – مارت ۋەقەسى»، ھەم بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن » 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» خىتايدىكى مىللى زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىسا، خىتاينىڭ تىبەت ھەم ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل باراۋەرسىزلىك سىياسىتى خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھالقىلىق ئامىللارغا ئايلىنىدىكەن.

فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ «خىتايغا نەزەر» پروگراممىسىدا، «خىتايغا كېلىدىغان ئاساسى خەۋپ شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرىدىن كېلەمدۇ؟» سەرلەۋھىلىك ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان باراۋەرسىز مىللىي سىياسىتى سەۋەبلىك، بۇ مىللەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقى، بۇ خىل نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا خىتاي ئۈچۈن ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقىغا ئايلىنىپ، خىتاينىڭ » چوڭ دۆلەت بولۇش چۈشى» نى بەربات قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە، بۇلتۇر 5 – ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن » ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تەھلىل قىلىنىپ، قارىماققا بۇ ۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۇئاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈئەن ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا 2009 – يىلى، 26 – ئىيۇن يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ زاۋۇتتىكى خىتاي ئىشچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلىش ۋەقەسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىغا قارىتا، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنىڭ بۇ 60 يىل جەريانىدا ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، » 26 – ئىيۇن شاۋگۈئەن ۋەقەسى»نىڭ مەزكۇر نارازىلىقنىڭ پارتلاپ چىقىشىغا ئوت پىلتىسى بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتتە ئامېرىكا، ياۋروپا ھەم ياپونىيە قاتارلىق دېموكراتىك ئەللەر بىلەن بولغان رىقابەت ۋە سودا – ھەمكارلىق شەكلىدىكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىدە، بۇ دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھەر ۋاقىت، خىتاينىڭ تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئېتىقاد، مىللىي تىل، بۇ رايونلارغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش قاتارلىق تۈرلۈك مەسىلىلەردە خىتايغا ئۈزلۈكسىز بېسىم كۆرسىتىۋاتقانلىقى، شۇڭا تىبەت ۋە » شەرقىي تۈركىستان» مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس بەلكى خەلقئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىدىمۇ خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە يەنە خوڭكوڭدا چىقىدىغان » ئالما گېزىتى» نىڭ ئوبزورى نەقىل ئېلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: » 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا شەكىللەنگەن ئۇيغۇرلار بىلەن كۆچمەن خىتاي پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن بۇ بىر قاتار توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ئاساسى جاۋابكارلىق يەنىلا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان باراۋەرسىز مىللىي سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى دېيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان دىنىي سىياسىتىدە ‘كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك دىنىي پائالىيەت دائىرىسىدىكى دىنىي ئېتىقاد چەكلەنمەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقىلىرى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت دائىرىسىگە كىرىدۇ’ دېگەن بەلگىلىمىنى چىقىرىشى، بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قارىتا باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئۇلارغا ›قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات ھەم بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللاندى‹ دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈپ، ئۇلارغا دۈشمەن كۈچ سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشى خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ مىللەتلەرنى باستۇرۇش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە».

ماقالىدە يەنە، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىگە بېرىلگەن چوڭ زەربە ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ ۋەقەنى باستۇرۇشتا خىتاينىڭ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبنى ئۆزىنىڭ بۇ يىللاردا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن باراۋەرسىز مىللىي سىياسىتىدىن ئىزدىمەستىن، بەلكى ۋەقەنى چەتئەللەردىكى رابىيە قادىر باشلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە ئارتىشىنىڭ بېيجىڭ تېخىمۇ بىئەپ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

«بېيجىڭ تەرەپ خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشتا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئەيىبلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىدە ئېنىق بىر نىشان بەلگىلىدى. ئۇلار » ۋەقە رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن يۈز بەرگەن، دەپ ئاساسى جاۋابكارلىقنى رابىيە قادىر خانىم ئۈستىگە يۈكلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان چەتئەللەردە تارقاق ھالەتتە داۋاملىشىۋاتقان ‘ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى’ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىق قىلىشى بىلەن خەلقئاراغا يەنىمۇ تونۇلدى، رابىيە قادىرنىڭ داڭقى تېخىمۇ چىقتى. خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىق ھەم قوللاش سادالىرى بىردىنلا كۈچىيىپ كەتتى. 5 – ئىيۇل ۋەقەسى چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئەڭ زور ھوسۇلىغا ئايلانغان بولسا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى ئەڭ زور مەغلۇبىيىتىنى كۆرسەتتى.»

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتكە قاراتقان مىللىي سىياسىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقى تەكىتلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى» تىبەت ۋە شىنجاڭ مەسىلىسى» گە قاراتقان سىياسىتىنىڭ، خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرقىدەك » مۇقىملىق»نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازى بولغۇچىلارنى باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرسا، زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلغۇچى ئۇيغۇرلار بىلەن بۇ يەرگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا، خىتاي تەشەببۇس قىلىۋاتقان» ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىدىغان»ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشى مۇمكىن ئەمەسلىكى، رايوننىڭ خىتاي ئۈچۈن تىنچىماس بىر زېمىنغا ئايلىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.