2010.03.05
خىتاي مەخپىي ساقچىلىرى خىتاينىڭ يىۋۇ قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى كۆزىتىشنى كۈچەيتكەن
خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا يەرمەنكىسى ئېچىلىشى ھارپىسىدا، خىتاي مەخپىي ساقچىلىرى خىتاينىڭ يىۋۇ قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى مۇسۇلمان ئاممىسى، بولۇپمۇ يىۋۇ شەھىرىدە سودا قىلىدىغان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى كۆزىتىشنى كۈچەيتكەن.
جەنۇبى خىتاي سەھەر گېزىتىدە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر شەھەرلەردىكى ساقچىغا ئالاقىدار خادىم، ساقچى ۋە ئىشپىيونلار بۇ رايونلاردىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىز – دېرىكىنى 24 سائەتلەپ ئىگىلەپ تۇرۇش ئۇچۇن مەخسۇس يوشۇرۇن ھەرىكەت باشلىغان.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن يەرمەنكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىپلا قالماي، بەلكى قوشنا شەھەرلەرگىمۇ بۇ خىلدىكى بېسىمنى ئاشۇرغان. نەتىجىدە خىتاي مەخپىي خادىملىرى مەزكۇر شەھەرلەردىكى نۇقتىلىق جايلاردىمۇ كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشنى كۈچەيتكەن.
ياپونىيىلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتچى خىتاي چېگرىسىدىن كىرگۈزۈلمىدى
خىتاي ھۆكۈمىتى 27 - فېۋرال ياپونىيىلىك تەتقىقاتچى نائوكا مىزۇتانى خانىمنى خىتاي چېگرىسىدا توسۇپ قالدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 27 - فېۋرال ياپونىيىلىك تەتقىقاتچى نائوكا مىزۇتانى خانىمنى خىتاي چېگرىسىدا توسۇپ قالدى. مەلۇم بولۇشىچە، نائوكا خانىمىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتىگە كېپىل بولغانلىقى قاتارلىقلار ئۇنىڭ خىتاي چېگرىدىن كىرگۈزەلمەسلىكىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن.
نائوكا خانىم، خىتاينى بۇ ۋەقە سەۋەبلىك قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى سەۋەبىدىن خىتايغا بارالمىغانلىقىدىن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايدىغانلىقى ھەمدە ئۇيغۇر تەتقىقاتىنى يەنە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنى 1 – مارت غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنى 1 – مارت ميۇنخېندا غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. يىغىن 26 – فېۋرال ميۇنخېندا باشلانغان ئىدى.
يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى، سىياسىي ئەربابلىرى قاتناشقان ئىدى.
مارت ئامېرىكا ئالىي سوتى گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزىگە قاراپ چىقىشىنى رەت قىلدى
2008 – يىلى ئۆكتەبىردە ئامېرىكا ۋاشىنگتون رايونلۇق سوتنىڭ سوتچىسى رىكاردو ئۇربىنا گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان ئىدى. ھالبۇكى ئەينى چاغدىكى بوش ھۆكۈمىتى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەرزىيەت سوتىغا بۇ ھەقتە ئەرز يوللاپ سوتتا ئۇتقان.
كېيىن، گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئالىي سوتقا ئەرز يوللا بۇ دېلونى قايتا كۆرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئۆتكەن يىلى كۈزدە ئامېرىكا ئالىي سوتى رايونلۇق سوتنىڭ گۇئانتانامو مەھبۇسلىرىنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ھوقۇقى بار ياكى يوقلۇقى مەسىلىگە قاراپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئىككى نىزامنامە‹ ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نىزامنامىسى» ۋە «جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىزامنامىسى «غا دائىر ئىككى پارچە دوكلات ئېلان قىلدى.
دوكلاتتا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان مەزكۇر قانۇن لايىھىلىرىنىڭ ھەر بىر ماددىسى تەپسىلىي باھالانغان. دوكلاتتا يەنە خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە خەلقنىڭ تىنچ يوسۇندا ئېلىپ بارغان ھەر خىل پائالىيەتلىرى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان باستۇرۇشلارنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئوبۇلقاسىم ئۆمەر يەكەندە بىر خىتاينى ئۆلتۈرۈپ، ئىككى خىتاينى يارىلاندۇرغان
2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن ناھىيىسىدە ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە يارىلاندۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە ئوبۇلقاسىم ئۆمەر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر، بىر خىتاينى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەن ۋە يەنە ئىككى خىتاينى يارىلاندۇرغان. ناھىيىدىكى ساقچىلارنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ھېچقانداق شەخسىي زىددىيەت ياكى تالاش – تارتىش سەۋەب بولمىغان.
ۋەقەنىڭ، رايوندا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقان مىللىي سۈركىلىش ۋە مىللىي توقۇنۇش ۋەزىيىتىنىڭ بىر ئىنكاسى ئىكەنلىكى مەلۇم.
ئىلھام توختى’5 – ئىيۇل ۋەقەسى‹ دىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مائارىپى ھەققىدە توختالدى
ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نۆۋەتتىكى شارائىتتا يېزىلاردا دېھقان پەرزەنتلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئېچىلىۋاتقان كەسپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىنىڭ ئەسلىدىكى يېزىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىنى تاقاش بەدىلىگە ئېچىلماسلىقى كېرەكلىكىنى، بۇنداق قىلغاندا ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ۋەيران بولۇپ، ئوقۇشسىز، ئىشسىز قالغان ياشلارنىڭ كۆپىيىپ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە، بۇلتۇر ئىلى رايونىدا ئېچىلغان كەسپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىنىڭ يېزىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بەدىلىگە ئېچىلغانلىقىنى تەنقىدلىدى.
گېرمانىيىدە ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىكى قۇتلۇقلاندى
2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى كەچتە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى لىمان رېستورانىدا سىياسىيون ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىكى قۇتلۇقلاندى.
قۇتلۇقلاش مۇراسىمىغا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ميۇنخېنغا كەلگەن د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قاتارلىق 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
مۇراسىمدا ئەنۋەرجان ئەپەندى ئەركىن ئالىپتېكىنگە ئالتۇن مېدال تەقدىم قىلدى. رابىيە قادىر خانىم ئەركىن ئالىپتېكىنگە تون كىيدۈردى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.
خىتاي لوپنۇرغا بارىدىغان ›قۇمۇل – لوپنۇر تۆمۈريول‹ قۇرۇلۇشىنى باشلىدى
شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تۆمۈريول تورىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر ناھىيە بازىرىغا تۇتاشتۇرىدىغان «قۇمۇل – لوپنۇر تۆمۈريولى» نامىدىكى يېڭى بىر قۇرۇلۇش تۈرى چارشەنبە كۈنى ئىش باشلىغان.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، «قۇمۇل – لوپنۇر تۆمۈريولى» قۇمۇل سانائەت رايونى بىلەن لوپنۇردىكى تۇز كېنىنى ئۆز – ئارا بىر بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغانلىقىنى، تۆمۈريول لىنىيىسىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 370 كىلومېتىرغا يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بەزى ئانالىزچىلار، مەزكۇر تۆمۈريولنىڭ ئاساسلىقى لوپنۇردىكى تۇز بايلىقىنى توشۇش مەقسىتىدە قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.