خىتاي ھۆكۈمىتى 27 ‏- فېۋرال كۈنى ياپونىيىلىك تەتقىقاتچى نائوكا مىزۇتانى خانىمنىڭ، خىتاي چېگرىسىدىن كىرىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، نائوكا خانىم خىتاينىڭ چېگرىدىن كىرگۈزمىگەنلىكىگە، ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىدە زىيارەت ئېلىپ بېرىشىغا ھەمكارلاشقانلىقى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.03.01

Naoko-Mizutani-xanim-305ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻧﺎﺋﻮﻛﻮ ﻣﯩﺰﯗﺗﺎﻧﻰ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﯞﺍﺧﺘﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.

ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﻧﺎﺋﻮﻛﻮ ﻣﯩﺰﯗﺗﺎﻧﻰ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.
نائوكا خانىم رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئاداققىچە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

28 ‏- فېۋرال يەكشەنبە كۈنى، ياپونىيىلىك تەتقىقاتچى نائوكا مىزۇتانى خانىمنىڭ، بېيجىڭدىكى خەلقئارا ئايرودرومدا توسۇپ قېلىنىپ ياپونىيىگە قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر، ياپونىيىدىكى كۆپلىگەن مەتبۇئاتلاردا مۇھىم خەۋەر سۈپىتىدە ئېلان قىلىندى.

خەۋەردە يەنە، نائوكانىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۆتكەن يىلى 7 ‏- ئايدا ياپونىيىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى پىلانلىغۇچى ۋە تەشكىللىگۈچى بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭ خىتاي چېگرىسىدىن كىرگۈزۈلمىگەنلىكى بايان قىلىنغان.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان نائوكا خانىم، رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بېيجىڭ ئايرودرومىدا بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىنى، ئۆزىنىڭ خۇددى بىر جىنايەتچىگە ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

«ھەممىدىن ئەجەپلىنەرلىك بولغىنى، ياپونىيىدىكى چېغىمدىلا مەن ئولتۇرغان ئايروپىلان بىر سائەتكە يېقىن كېچىكتۈرۈلدى، خىتاي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئايروپىلاننىڭ كېچىككەنلىكىگە، بېيجىڭ ئايرودرومىغا قونىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى باھانە قىلدى. شۇ ۋاقىتتىلا مەن بۇ قېتىم خىتايغا كىرىشىمنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلدىم، ئايروپىلان بېيجىڭ خەلقئارا ئايرودرومىغا قونۇشى بىلەن تەڭ، ئايروپىلان خادىمى بارلىق يولۇچىلارنىڭ ئورنىدىن قوزغالماسلىقىغا بۇيرۇق قىلىپ، مېنىڭ ئىسمىمنى چاقىردى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىدىن بىر قانچىسى كېلىپ مېنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىرگە كېلىشىمنى تەلەپ قىلدى. بىخەتەرلىك خادىملىرى ئەتراپىمنى قورشاپ تۇرۇپ، ھەر تەرەپكە كۆزەتكۈچى ئاپپارات ئورنىتىلغان بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن، پاسپورتۇمنى 2 سائەت تەكشۈرگەندىن كېيىن، مېنىڭ بۇ قېتىم خىتايغا كىرىشىمگە رۇخسەت بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»

نائوكا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ 5 يىل ئىلگىرى خىتايغا بارغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ ئالدىن خىتايغا كىرىش ۋىزىسى ئىلتىماس قىلماستىن، خىتاينىڭ ياپونىيە پۇقرالىرىغا بېرىلگەن 15 كۈنلۈك ۋىزىسىز رەسمىيىتى بويىچە، بېيجىڭدىكى بىر دوستىنى يوقلاش ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدا قىسقا بىر مۇددەت زىيارەت ئېلىپ بېرىشتەك ئۇزۇن يىللىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە يولغا چىققان ئىكەن.

«مەن ھەيران قالدىم، ياپونىيىدىكى ئەڭ ئەسەبىي قارار كۈچلەر خىتايغا بىمالال بېرىپ كېلەلەيدۇ، مەن خىتايغا كۆپ قېتىم باردىم، گەرچە شەرقىي تۈركىستانغا ئىككى قېتىم بارغان بولساممۇ، بىراق جەنۇب تەرەپكە بارالمىغان، جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى كۆرۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم، لېكىن خىتاي مېنى رابىيە خانىمنىڭ ياپونىيىدىكى زىيارىتىگە شارائىت ھازىرلىغان دەپ، مېنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىشىمنى توسىدى.»

نائوكا خانىم، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغاندىن سىرت، يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بېرى چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتچىلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى بىلەن پىششىق تونۇشقان ھەمدە بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنى ياپونىيە خەلقىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

مەتبۇئاتلاردا يەنە، نائوكا خانىمنىڭ 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى ۋەزىيەتنى كۆزىتىش ئۈچۈن، بۇ قېتىم خىتايغا ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشنى پىلانلىغانلىقى قەيىت قىلىنغان بولۇپ، نائوكا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇنداق بىر نىيىتىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نائوكا خانىمنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا بىز ئۇنىڭدىن يەنە، «سىز ئىلگىرى خىتايغا ئۆزىڭىزنىڭ ئەركىن بېرىپ كېلەلەيدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرگەن ئىدىڭىز، بۇ قېتىم خىتاي سىزنى چېگرىدىن كىرگۈزمەي قايتۇرىۋەتتى، سىز بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا سالاھىيەت كاپالىتى بەرگەنلىكىڭىزدىن دەپ قارايدىكەنسىز، ئۇنداقتا سىز رابىيە خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خادىملىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىڭىزدىن پۇشايمان قىلدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدۇق.

ئۇ، «ياق، پۇشايمان قىلمىدىم، بۇ ئاللاھنىڭ ماڭا بۇيرىغان قىسمىتى، بۇنىڭدىن كېيىن ۋە مەڭگۈ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ياردەم قىلىمەن،» دەپ جاۋاب بەردى.