2010.03.01
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىزۇتانى نائوكو 1966 – يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ خىتاي تىلىغا پىششىق ئىكەن. ئۇنىڭ يېقىنقى زامان خىتاي تارىخى تەتقىقاتى نەتىجىسىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولۇپ، يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ياپونىيە – خىتاي مۇناسىۋىتىگە دائىر بىر قانچە كىتابى بار ئىكەن. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكتىپلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوغلانغان ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابىدا چەتئەللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئەھۋالى يېزىلغان ئىكەن. ئۇ بۇلتۇر «5 – ئىيۇل ۋەقەسى»دىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىگە كېلىشىدە كېپىل بولغان ئىكەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ياپونىيىلىك مۇتەخەسسىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىي تۈزۈلمىسىنى تەنقىدلىگۈچىلەر ھەم خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت خاراكتېرىدىكى ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ياپونىيىلىك يەنە بىر مۇتەخەسسىسمۇ ئۆزىنىڭ خىتاينى كەلگۈسىدە 7 پارچىغا بۆلۈپ ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەسىرى سەۋەبلىك خىتايغا كىرىشتىن چەكلەنگەن ئىكەن.