خىتاي ھۆكۈمىتى نامراتلىققا قارشى تۇرۇش نامىدا خىتاينىڭ ھەرقايسى ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى نامرات ئاھالىلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئەمگەككە ئەۋەتكەن.
ئۆتكەن يىلى 7 -ئايدا، خىتاي ھۆكۈمىتى يۈننەننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى جاۋتوڭ شەھىرى سۈيجىياڭ ناھىيىسىدىكى ئاھالىلەرگە تېرىلغۇ يەر، تۇرالغۇ جاي ۋە ھەرئايدا كىشى بېشىغا ياردەم پۇللىرى بېرىشكە ۋەدە بېرىپ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈشكە ئىلھاملاندۇرغان. شۇ يەردىكى بىر ھۆكۈمەت خىزمەتچىسىنىڭ زىمىستان تورى مۇخبىرىغا دېيىشىچە، 3- ئايدا سۈيجىياڭدىن 2000 دىن ئارتۇق ئاھالە شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كەلگەن. ئۇلار كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى چېقىۋېتىپ ، ئۇلارنىڭ نۇپۇسىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن. بەزەن كىشلەر شەرقىي تۈركىستاندىن يۈننەنگە قايتىپ كېتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ نۇپۇسىنى يۈننەنگە قايتىدىن يۆتكەپ كېلىشكە ھۆكۈمەت رۇخسەت قىلمىغاچقا قايتىپ كېتەلمەي ، شەرقىي تۈركىستاندا تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.
جاۋتۇڭغا سودا ئۈچۈن قايتىپ كەلگەن بىر ئايال يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ « خالىغانچە سۆز قىلماسلىق »، « ئەگەر رۇخسەتسىز سۆز قىلسا ، ئائىلە ئەزالىرى جازاغا تارتىلىدۇ» ، دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشىدىن قورقۇپ، مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاياتىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلالمىغان.
2017-يىلى ، يۈننەندىن كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى قەشقەر ۋىلايىتىگە ئورۇنلاشقان. ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىلىپ ئولتۇراقلىشىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتى « شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش ۋە جاۋتۇڭدىكى نامراتلىقنى تۈگىتىش» دەپ تەشۋىق قىلغان. خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ دېيىشىچە، « شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، نوپۇسى ئاز، ئەمگەك كۈچى يېتەرلىك ئەمەس » ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، جاۋتوڭنىڭ 11 ناھىيە ، رايون ۋە ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلىرىدىن ئونى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات رايون قىلىپ بېكىتىلگەن.
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نامىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۆچۈرۈش سىياسىتى شەنشى ئۆلكىسىدىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر يۈنچېڭدىمۇ يولغا قويۇلغان. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، مارتتا بۇ شەھەرنىڭ جياڭ ناھىيىسىدىكى 167 ئاھالەشەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋە خوتەن شەھەرلىرىگە كۆچۈرۈلگەن. ھۆكۈمەتنىڭ دوكلاتىدا بۇ كۆچۈرۈش ھەرىكىتىنى «ناھىيەدىكى نامرات ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسلىسىنى ھەل قىلىش» نى مەقسەت قىلدى ، دېگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇرلار «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» باھانىسى بىلەن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە قۇل ئىشچى سۈپىتىدە كۆچۈرۈلمەكتە. ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى تارقالغاندىمۇ بۇ خىل مەجبۇرىي يۆتكەشلەرئىزچىل داۋاملاشقان.
خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 13-مايدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تۆت ۋىلايەت – قەشقەر ، خوتەن ، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇ قىرغىزىستان ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن ئىككى يۈز توقسان ئىككى مىڭ ئىشچى باشقا جايغا يۆتكەلگەن.
كۆزەتكۈچىلەرخىتاي ھۆكۈمىتى نامرات خىتاي پۇقرالىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇقۇپ تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەيدۇ؟ شەرقىي تۈركىستاندا نۇرغۇن كىشلەر ئىش ئىزدەۋاتقان تۇرسا، خىتاي ھۆكۈمىتى نېمىشقا باشقا ئۆلكىلەردىكى خىتاي ئاھالىلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ؟ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىلا، خىتايلار پەقەت شەرقىي تۈركىستاندىلا باي بولالامدۇ؟ بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنىڭ يەنە بىر ۋاستىسى . دەپ قارىغان.
مەنبە: « زىمىستان تورى»