يېقىندا 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ناملىق كىتاب تۈركىيىنىڭ پايىتەختى ئەنقەرە شەھىرىدە نەشردىن چىقتى. بۇ كىتابنى ئەنقەرە ئۇنىۋېرىستېتى تىل ‏- تارىخ ‏- جوغراپىيە فاكولتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەمەت يازغان بولۇپ، گرافىكىر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010.02.08

5-temuz-olayi-ve-dturkistan.Erkin-Emet-Kitap-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ، «5 ‏- ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
بۇ كىتاب 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقەلەر ھەققىدىمۇ توختالغان. بۇ كىتاب ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار رەسىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم خەۋەر ۋە ماقالىلار قوشۇمچە قىلىپ كىرگۈزۈلگەن.

173 بەتلىك بۇ كىتاب جەمئىي 7 بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، مۇقەددىمە بۆلۈمى بىلەن 1 – بۆلۈمىدە شەرقىي تۇركىستاننىڭ يېقىنقى دەۋر قىسقىچە تارىخى، ھازىرقى ئىقتىسادى ئەھۋالى، نوپۇس ۋە دىنىي قۇرۇلمىسى شۇنداقلا ھاكىمىيەت سىسىتىمى قاتارلىقلار قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغاندىن سىرت، ئالدىنقى يىلى 5  ئىيۇلدا يۈز بەرگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قەتلىئام قىلىش ۋەقەسى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

كىتابنىڭ 2 – ۋە 3 – بۆلۈملىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقە ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قايتۇرغان جاۋابلىرى شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىلدۈرگەن ئىنكاسلىرى، بولۇپمۇ تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەب تاييىب ئەردوغاننىڭ خىتايغا بىلدۈرگەن قاتتىق نارازىلىقى سۈرەتلىك تونۇشتۇرۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 5  ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدە دوكلات بېرىش ئۈچۈن ياپونىيە ۋە ھەر قايسى ياۋروپا ئەللىرىدە ئېلىپ بارغان زىيارەتلىرى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان ھەمدە ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلار بىلەن بىۋاستە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەرلەرگىمۇ ئالاھىدە يەر ئاجرىتىلغان. 4 – بۆلۈمىدە، خىتاينىڭ 60 يىلدىن بىرى شەرقى تۇركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنى ۋەھشىلەرچە باستۇرۈشلىرى دەلىل  پاكىتلىق شەكىلدە ناھايىتى ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلغان. 5 – ۋە 6 – بۆلۈملىرىدە بولسا، شەرقىي تۇركىستان داۋاسىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانى، بولۇپمۇ يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى خەلقئارالىشىش باسقۇچى ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلگەن.

ئاپتۇر بۇ كىتابنى يېزىشتىكى ئاساسى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ كىرىش سۆزىدە مۇنداق يازغان، 19 ‏- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركىستاندا چوڭ ‏- كىچىك بولۇپ 200 ئەتراپىدا ئىنقىلاب بولدى. 3 قېتىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلدى. ئەمما بۇ ۋەقەلەر دۇنيا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە تونۇلمىدى. 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن قانلىق ۋەقەلەردىن ئەڭ چوڭلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ ۋەقە دۇنيا كۈنتەرتىپىگە كەلدى. خىتاي، دىكتاتۇر تۈزۈم يۈرگۈزۈلىدىغان بىر دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن، 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ھازىرغىچە سىر بولۇپ كەلدى. مەن بۇ كىتابتا 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە بۇ ۋەقەدىن كېيىن نېمىلەر يۈز بەردى، بۇ ھەقتە دەلىل پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتىم.

بىز بۇ كىتاب ھەققىدە تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئىلمى تەتقىقاتچى ئازادجان بوغراخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئازادجان بوغراخان ئەپەندى بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «راستىمنى ئېيتسام كىتابنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ئۇرۇمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بېرىپ، شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق بىر ھۆججەتلىك كىتابنىڭ تەييارلىنىپ نەشردىن چىققانلىقى ئادەمنى سۆيۈندۇرمەي قالمايدۇ. ھەممەيلەنگە مەلۇم ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۆرىشى جەريانىدا نۇرغۇن چوڭ ۋەقەلەر يۈز بەردى. ئەمما بۇ ۋەقەلەر شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە نەق مەيداننى كۆرگۈچى شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرى ۋە نەق دەلىل ‏- پاكىتلىرى توپلىنىپ يېزىپ قالدۇرۇلمىدى، يېزىلغان بولسىمۇ ئارىدىن ئۇزۇن مەزگىللەر ئۆتكەندىن تارىخ بايان قىلىش شەكلىدە يېزىپ قالدۇرۇلدى. ئەمما بۇ كىتابنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى شۇ يەردىكى، كىتابتا دوكتۇر ئەركىن ئەمەت ئەپەندى، شەرقى تۇركىستانغا مۇناسىۋەتلىك دۇنيادىكى نوپوزلۇق گېزىت  ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەر، ماقالە ۋە مۇلاھىزىلەردىن تاللاپ توپلىغان ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنى بىر يەرگە جەملىگەن ھەمدە ئۆزى بىۋاستە قاتناشقان ھەر قايسى يېغىنلارنىڭ جەريانىنى شۇنداقلا ئۆز قولى بىلەن تارتقان نەق مەيدان سۈرەتلىرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق كىتابنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ، نەق مەيداننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلار بىلەن بىۋاستە ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق كىتابنىڭ چىنلىقىنى ۋە تارىخىي ھۆججەت بولۇش خاراكتېرىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. مەن مانا بۇ نۇقتىدىن كىتابنى، يېزىلىش ئۇسلۇبى جەھەتتىنمۇ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تۇنجى ۋە ئۆزگىچە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كىتاب دەپ ئويلايمەن».

ئازادجان بوغراخان ئەپەندى يەنە، بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۇركىستان داۋاسىغا بولغان ئەھمىيىتىگە كەلسەك، مەن بۇكىتابنى شەرقىي تۇركىستان داۋاسىنىڭ شۇنداقلا ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنىڭ تۈركىيىدە تونۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ، دەپ ئويلايمەن. شۇڭا بۇ كىتاب باشقا تىللارغىمۇ تەرجىمە قىلىنىشى كېرەك. بۇنداق دېىشىمدىكى سەۋەب، ئۇرۇمچى ۋەقەسىدىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى  بەشىرىسىنى تونۇپ يەتتى. شۇڭا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى خەلئارادا بار كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئۆزىنى ئاقلاشقا تېرىشماقتا. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان تۈركىيىدە خىلمۇ‏-خىل زىيارەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ  كۆلەمدە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايلار، تۈركىيىدىكى ھەر قايسى دەرىجىلىك دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا سوغا  سالام تارقىتىشتەك خىتايغىلا خاس ئەنئەنىۋىي رەزىل ۋاستىلەرنى ئىشلىتىپ، تۈرك خەلقىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە تۈرك تىلىدا بۇ كىتابنىڭ نەشردىن چېقىشى ، چوقۇمكى خىتاينىڭ تۈركىيىدە ئوينىماقچى بولغان رەزىل ئويۇنلىرىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ ۋە تۈرك قىرىنداشلىرىمىزنىڭ خىتايغا ئالدىنىپ، قىلغان سۆزلىرىگە ئشىنىپ قالماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.»

ئازادجان بوغراخان ئەپەندى ئاخىرىدا، «شەرقىي تۇركىستان خەلقىگە نىسبەتەنچۇ دېگەندە، بۇ چەتئەل تىلىدا يېزىلغان دەلىل، پاكىتلىق، تارىخىي ھۆججەت بولۈش خاراكتىرىگە ئىگە يېڭى ئۇسلۇبتىكى بىر كىتاب دەپ ئويلايمەن. قىسىقىسى، بۇ كىتابنى، ئىنتايىن ئىخجام ، ئەمما سانلىق ۋە ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا باي ھۆججەتلىك ماتېرىياللار توپلىمى دېيىشكە بولىدۇ،» دېدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ كىتاپ ھەققىدىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.