2010.02.05

خىتاي ›غەربنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە توشۇش‹ پىلانىنى جىددىي ئەمەلگە ئاشۇرماقتا

بۇ يىل «غەربنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە توشۇش» پىلانى بويىچە قۇمۇلدىن 6 مىليون توننا كۆمۈر توشۇلغان. قۇمۇل ۋىلايىتى «غەربنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە يۆتكەش» پىلانىنىڭ ئاساسىي مەركىزى ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، قۇمۇل كۆمۈرلىرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارى 6 مىليون 80 مىڭ توننىدىن ئاشۇرۇلغان.

نۆۋەتتە، «غەربنىڭ گازنى شەرققە يۆتكەش» پىلانىنى ئىزچىل يۈرگۈزۈلىۋاتقان بولۇپ، تۇرۇبا يولى ئارقىلىق تارىم ۋادىسىنىڭ تەبىئىي گازلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىنى تەمىنلىمەكتە ئىدى.

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككى يەرلىك نىزامنامىنى رەسمىي يولغا قويدى

خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تۈزۈپ چىققان «ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نىزامنامىسى» ۋە «ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىزامنامىسى» ئىبارەت ئىككى نىزامىنى 1 – فېۋرالدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويدى.

تۈزىتىش كىرگۈزۈپ قايتا بېكىتىلگەن مەزكۇر نىزامنامىلەر 2009 – يىلى 29 – دېكابىر ئۇيغۇر ئېلىدە چاقىرىلغان «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 16 – يىغىنى»دا ماقۇللانغان ئىدى.

بۇ نۆۋەت يولغا قويۇلغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نىزامنامىسى» دە، ھەر قانداق ئورگان ۋە شەخسنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپ – سۆزلەرنى قىلىشى چەكلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نۆۋەت يولغا قويغان «جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىزامنامىسى» ئەسلى 1994 – يىلى يولغا قويۇلغان. ھالبۇكى نىزامنامە1997 – يىلدىكى 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن بىر قېتىم، 2009 – يىلى 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىلىپ بېكىتىلگەن.

گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتى قۇرۇلدى

1 – ئاينىڭ 31 – كۈنى، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە «گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى» رەسمىي قۇرۇلدى. يىغىنغا 50 نەپەردىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئايال قاتناشقان ۋە دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلام ئېلىپ بېرىپ مەزكۇر كومىتېتىنى قۇرۇپ چىققان.

بۇ كومىتېتنىڭ مەسئۇللىرىدىن گۈلنار خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 5 – ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىدا ئۇيغۇر ئاياللىرى كۆرسەتكەن غايەت زور پىداكارلىقلىرىنىڭ، گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان بىر ئامىل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىكى 2 ئاكا – ئۇكا ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىش قارارى ئالدى

3 – فېۋرال شۋېتسارىيە فېدېراتسىيىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي، گۈەنتانامودىكى ئىككى ئاكا – ئۇكا ئۇيغۇر مەھبۇسنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. مەزكۇر ئاكا – ئۇكىلارنىڭ ئادۋوكاتى بۇ قاراردىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ ئۇزۇنغا قالماي شۋېتسارىيىدە يەرلەشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئۇيغۇرلار گۈەنتانامودا 2001 – يىلدىن بۇيان قامالغان ئاكا – ئۇكا مەھبۇس بەختىيار مەھمۇت ۋە ئەركىن مەھمۇتلار ئىدى. شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى 3 – فېۋرال بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسى ئۇيغۇرنى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەجىدىن قوبۇل قىلىش قارارى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە 5 مىڭ ئالاھىدە ساقچى كۆپەيتمەكچى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە 5 مىڭ نەپەر ئالاھىدە ساقچى كۆپەيتىشنى پىلانلىغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، 26 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى يەنىلا ›ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋەزىيەت‹ دەپ تەسۋىرلىگەن.

رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيىنىڭ ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا مۇيەسسەر بولدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئىتالىيىنىڭ «خەلقئارا ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا» ئېرىشتى. بۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھازىرغا قەدەر ئېرىشكەن 5 ‏- قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى.

مۇكاپات ئىتالىيىدىكى سوتسىيال لىبېرالىستلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار بۇ يىللىق خەلقئارا ئەركىنلىك مۇكاپاتىنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا بېرىشنى قارار قىلغان. مەزكۇر مۇكاپات بۇ يىل يازدا ئىتالىيىنىڭ لۇككا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا رابىيە خانىمغا بېرىلىدىكەن.

خىتاينىڭ 62 قېتىملىق ئاخبارات چەكلىمە ئۇقتۇرۇشى دۇنياغا ئاشكارىلاندى

31 – يانۋار خەلقئارا ژورنالىستلار بىرلەشمىسى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ 2009 ‏- يىلى جەريانىدا ئاخباراتقا قارىتا 62 قېتىم چەكلەش ئۇقتۇرۇشى چىقارغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

دوكلاتتا، جاۋ زىياڭنىڭ ماتەم مۇراسىمىنى خەۋەر قىلماسلىقتىن تارتىپ، 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلماسلىققا قەدەر ھەر خىل مەزمۇندىكى ئۇقتۇرۇشلار ۋاقىت تەرتىپى بويىچە كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا، خىتاينىڭ شاۋگۇەن ۋەقەسى ھەققىدە چىقارغان 4 قېتىملىق ئۇقتۇرۇشى ئاشكارىلانغان. بىرىنچى قېتىملىق ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئاخبارات ئورگانلىرى ۋەقەنى ئېنىقلاش ئۈچۈن شاۋگۇەنگە مۇخبىر ئەۋەتمەسلىكى كېرەك. ھۆكۈمەت تەمىنلىگەن ئۇچۇر بويىچە خەۋەر بېرىشى كېرەك».

خىتاينىڭ «5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى» ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى تېخىمۇ ھەيران قالارلىق بولۇپ، بىر قېتىملىق ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئاخبارات ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىلا خەۋەر قىلىشى كېرەك. ۋەقەنىڭ كېلىپ – چىقىش سەۋەبى ھەققىدە ئېغىز ئاچماسلىقى كېرەك. ئاخبارات ئورۇنلىرى يالغۇز شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىنى خەۋەر قىلىشى كېرەك. ئۆز ئالدىغا مۇخبىر ئەۋەتمەسلىك كېرەك».

5 ‏- ئىيۇل ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشلاردا، بۇيرۇققا بويسۇنمىغان ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ جازالىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي، ئامېرىكا – خىتاي ئارىسىدىكى ھەربىي ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى

خىتاي دائىرىلىرى شەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش قارارىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا – خىتاي ئارىسىدىكى ھەربىي ئالماشتۇرۇشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل توختىتىش خىتاي ھەربىي قوماندانلىق شتابىنىڭ شتاب باشلىقى چېن بىڭدېنىڭ ئامېرىكىغا قارىتا ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي زىيارىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىسنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى 2008 – يىلى سابىق پرېزىدېنت بۇش دەۋرىدىمۇ شۇنداق قارار ئالغان ئىدى.

ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى تىنچ ئوكيان رايونىدا چوڭ تىپتىكى ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى تىنچ ئوكيان رايونىدا 14 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر قاتناشقان چوڭ تىپتىكى ھەربىي مانېۋىر باشلىدى.

بۇ نۆۋەتلىك مانېۋىر «ئالتۇن كۆزەينەكلىك يىلان 2010» دەپ ئاتالغان. بۇ خىلدىكى مانېۋىر بۇ يىل 29 – يىلىغا قەدەم قويغان بولۇپ، مانېۋىر 1 – فېۋرال ئەتىگەندە تايلاندنىڭ رايۇڭ ئۆلكىسىدە باشلاندى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مانېۋىرغا ئامېرىكا، ياپونىيە، تايلاند، سىنگاپور، ھىندونېزىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن جەمئىي 14 مىڭ 73 نەپەر ئەسكىرىي خادىم قاتناشقان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ جەنۇبىي كورىيىنىڭ مەزكۇر مانېۋىرغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى ئىكەن. مانېۋىر 1 – فېۋرالدىن 11 – فېۋرالغىچە داۋاملىشىدىكەن.

پرېزىدېنت ئوباما سودا مەسىلىسىدە خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدىكى دېموكراتىك ئەزالارغا سۆز قىلىپ، سودا مەسىلىسىدە خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت ئوباما ئامېرىكىنىڭ خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئۈزلۈكسىز بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ دۆلەتلەرنى بازىرىنى ئېچىۋېتىشكە مەجبۇرلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇل سىياسىتىنى كۆزىتىپ، پۇلنى كونترول قىلىش ئۇسۇلى بىلەن سودىدا ئادالەتسىز رىقابەت ئۈستۈنلۈكىگە ئېرىشىشنى توسۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي ھازىر ئامېرىكىغا قاراتقان جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى كۈچەيتمەكتە

ئوباما ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن 64 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق زامانىۋى قورال سېتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋىتىدە جىددىيلىك پەيدا بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ دۆلەت ئۇچۇر – ئاخبارات ئورگىنى مۇدىرى دانىيال بلاير ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ھازىر ئامېرىكىغا قاراتقان جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسى بۇلتۇر 11 ‏- ئايدا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان دوكلاتتىمۇ، خىتاي جاسۇسلىرى تىنىم تاپماستىن ئامېرىكىنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاپ، بېيجىڭنىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.