2010.01.06

خىتاي كىنو ساھەسىدىكىلەر بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «پالما باھارى» كىنو فېستىۋالىغا بايقۇت ئېلان قىلىپ، مەزكۇر فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇلىدىغان ئىككى فىلىمىنى چېكىندۈرۈپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى. «بېيجىڭ ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي رېجىسسورلىرىنىڭ كىنو فېستىۋالىنى بايقۇت قىلىشىغا فېستىۋالدا تىبەتلەرگە دائىر «بۇلۇت ئارقىسىدىكى قۇياش : تىبەتلەرنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشى»ناملىق فىلىمنىڭ قويۇلىدىغانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەگەر بۇ راست بولسا، بۇ خىتاي كىنو ساھەسىدىكىلەرنىڭ يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە خەلقئارا سەنئەت فېستىۋالىنى سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى 2 – قېتىم بايقۇت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
«بۇلۇت ئارقىسىدىكى قۇياش» دېگەن بۇ فىلىم تىبەتلەر ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم بولۇپ، تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ ھاياتى، 2008 - يىلى لخاسادا يۈز بەرگەن تىبەت ۋە خىتايلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش، تىبەتلەرنىڭ يۇرتنى سېغىنىشى، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى يەتكۈزۈش جەريانىدىكى سەرگەردان تىبەتلەر ۋە چەتئەلدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى تېما قىلغان.
خىتايلار «پالما باھارى» كىنو فېستىۋالىدىن چېكىندۈرۈپ چىققان فىلىملەرنىڭ بىرى»دەرىجىدىن تاشقىرى 50″، يەنە بىرى»نەنجىڭ - نەنجىڭ» دېگەن فىلىم بولۇپ، بۇ فىلىمدە ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ 1937 - يىلى نەنجىڭنى ئىگىلىگەن ۋاقتىدىكى ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن ئىدى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «پالما باھارى» فېستىۋالىنى بايقۇت قىلغان خىتاي كىنو شىركىتى تىبەت ھەققىدىكى فىلىمدە «تىبەت مۇستەقىللىقى»نىڭ تەرغىپ قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىگە تەنقىدى پىكىردىكى سەنئەتچى زاتلار بولسا ، خىتاينىڭ دائىم سەنئەتكە سىياسەتنى ئارىلاشتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى ئەيىبلىدى. يۇقىرىقى سۆزلەر گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر رەسسامى مەرۋايىت ھاپىز خانىمغا ئائىت بولۇپ، ئۇ يەنە ، سىياسەتنىڭ سەنئەتكە مۇداخىلە قىلىشى سەنئەتنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر سەنئېتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا «نەنجىڭ - نەنجىڭ» فىلىمىنىڭ رېجىسسورى لۇ چۇەن ئاخبارات ساھەسىگە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ تىبەت ھەققىدىكى فىلىمنىڭ كىنو فېستىۋالىدا قويۇلىدىغانلىقىدىن 4 - چىسلا خەۋەر تاپقانلىقىنى ۋە فېستىۋالنى بايقۇت قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لۇ چۈەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «ھەر قانداق نەرسىدە دۆلەت مەنپەئەتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. بىزنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىىمىز ھېچقانداق ئىككىلەنمەي چوقۇم فېستىۋالدىن چېكىنىپ چىقىشتۇر» دېگەن.
خىتاي 2009 - يىلى 8 – ئايدا رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى»مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» فىلىمىنىڭ مېلبورىن كىنو فېستىۋالى ۋە تەيۋەننىڭ گاۋشيۇڭ كىنو فېستىۋالىدا قويۇلۇشىغا قارشى چىققان. خىتاي مېلبورىن ۋە گاۋشيۇڭ كىنو فېستىۋاللىرىنى بايقۇت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاۋستىرالىيە بىلەن تەيۋەننى تېز پۈكتۈرەلمىگەن ئىدى.
مەرۋايىت ھاپىز خانىم لۇ چۈەننىڭ سۆزلىرىنى تەنقىدلەپ، سەنئەتنى سىياسەتنىڭ تارازىسىدا تارتىش سەنئەتتىكى تەپەككۈر ئەركىنلىكىنى بوغىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ فىلىم «مۇستەقىلىقنىڭ تەرغىباتى ئەمەس، رىئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشتۇر» دەيدۇ.
«پالما باھارى» خەلقئارا كىنو فېستىۋالى تور بېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا «بۇلۇت ئارقىسىدىكى قۇياش» فىلىمىنى فېستىۋالغا قاتناشتۇرغۇچى دۆلەت ھىندىستان بولۇپ، تەخمىنەن بىر سائەت 20 مىنۇتلۇق فىلىمنىڭ رېجىسسورى لىتۇ سارىن بىلەن تەنزىن سونام ئىسىملىك تىبەت قان سېستىمىسىدىكى سەنئەتچىلەردۇر. «پالما باھارى» خەلقئارا كىنو فېستىۋالى 18 -يانۋارغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. «بۇلۇت ئارقىسىدىكى قۇياش» فىلىمى بولسا 1 – ئاينىڭ 10 - ۋە 12 - كۈنى ئىككى مەيدان قويۇلىدىكەن.
نۆۋەتتە «بۇلۇت ئارقىسىدىكى قۇياش» فىلىمىنىڭ ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ مۇنەۋۋەر ھۆججەتلىك فىلىملەر نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىدىغان ياكى كۆرسىتىلمەيدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بەزى ئانالىزچىلار ئەگەر «بۇلۇت ئارقىسىدىكى قۇياش» ئوسكار مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلسە، خىتاي ئوسكار مۇكاپاتىنى بايقۇت قىلامدۇ؟ دېگەن سوئالنى قويۇشقان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.