2009.11.04

رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئۈندىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما نويابىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ زىيارەت جەريانىدا كونكرېت قايسى مەسىلىلەرنى سۆزلىشىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى ئاسىيا ئىشلار بۆلۆمىنىڭ مەسئۇلى جېەفرېي بايدېرنىڭ يېقىندا مەتبۇئاتلارغا زىيارىتىدە «پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن ئىككى تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلەر ۋە ئىككى دۆلەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن.
لېكىن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ۋە گۇرۇھلارنىڭ ئوبامانىڭ زىيارىتىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى پەرقلىقتۇر. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئوبامانىڭ زىيارىتىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى بولسا، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا قانات يايدۇرۇۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىگە خاتىمە بېرىش، 5» - ئىيۇل ۋەقەسى»دە قولغا ئېلىنغانلار، ئىز – دېرەكسىز يوقالغانلارنىڭ ئىز – دېرىكىنى ئېلىش شۇنداقلا ئۆلۈم جازالىرىنى توختىتىشنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر.
ئالدىنقى كۈنى ياپونىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ۋاشىنگتونغا قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇر رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۈگۈنكى پائالىيىتى بولسا، بۇ مەسىلىلەر بىلەن ئالدىراش. ئۇ رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، بۈگۈن ئوباما ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى، ئۇلارغا بەزى تەلەپلەرنى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رابىيە خانىم «نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشتۇر،» دەيدۇ.
پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە بىر دەۋرگە توغرا كەلمەكتە. چۈنكى بۇ زىيارەت 5″ – ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمىگەن، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ رايوندا «ئېرقىي تازىلاش» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ياردەمگە چاقىرىۋاتقان، خىتاي بولسا رايوندا 100″ كۈنلۈك زەربە بېرىش» ھەرىكىتى قوزغاپ، 5″ - ئىيۇل ۋەقەسى»دە توردىن چۈشۈپ قالغانلارغا قارشى تازىلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.
لېكىن ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى توغرا كەلگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزى ئامېرىكا ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە بىر دەۋردۇر. بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى كرىزىس بىلەن بوغۇشىۋاتقان، دۇنيا پۇل – مۇئامىلە بازىرىنى تۇراقلاشتۇرۇش، يەر شارى ھاۋا كىلېماتى، يادرو قوراللارنىڭ كېڭىيىشىنى توساش، تېررورلۇق ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە خىتاينىڭ ھەمكارلىقىغا مۇھتاج بولۇۋاتقان مەزگىلى ئىدى.
لېكىن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىكى ئەمەلدارلار بولسا، پرېزىدېنت ئوبامانى خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىشقا ئۈندەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسى ئانالىزچىسى دوكتور سكوت فىلىپس مۇخبىرىمىزغا ئوبامانىڭ زىيارىتىغا دائىر قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، «بىز پرېزىدېنت ئوباماغا بۇ توغرىسىدا خەت يېزىشىمىز شۇنداقلا بىز ئۇنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىمىزنى ئۇنىڭغا شەخسەن يەتكۈزۈشىمىز مۇمكىن. بىزنىڭ ئۇنىڭغا دەيدىغان چاقىرىقلىرىمىزنىڭ بىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا ئېچىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ رايون ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىشىنى ساقلاش. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز يەنە، پرېزىدېنتنىڭ خۇسۇسەن ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەدە يۈز بەرگەن باستۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي رەھبەرلىرىنى رايوندا نېمە ۋەقە يۈز بېرىۋاتقانلىقىدا ئاشكارا بولۇشقا چاقىرىش، زۇلۇمنى كۈچەيتىشكە تايانماي ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىشەنچنى ئالغا سۈرۈشكە چاقىرىشنى تەلەپ قىلىمىز،» دەپ كۆرسەتتى. سكوت فىلىپس بۇ سۆزلەرنى يېقىندا ئامېرىكا مىراس فوندى جەمئىيىتىدىكى بىر يىغىندا مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە تەكىتلىگەن ئىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 5″ – ئىيۇل ۋەقەسى» ۋە خىتاينىڭ ۋەقەدىن كېيىنكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە ناھايىتى سوغۇققان پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇليىتى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيىسىنى تەنقىدلەپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى كىشىنى «ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. لېكىن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىكى سكوت فىلىپس بولسا، ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەنى خۇپىيانە ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، لېكىن بۇنىڭ قايسى دەرىجىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
سىكوت فىلىپس مۇنداق دەيدۇ»:مەن ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىنى خۇپىيانە ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلىمەن. لېكىن بۇ مەسىلە خىتاينىڭ ئالدىغا زادى قايسى دەرىجىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلمەيمەن. بىز ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە يەنە سۆزلىشىپ، خىتاينىڭ باستۇرۇشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى باستۇرۇش رادىكالىزىمنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ نىگىزلىك بىر مەسىلە. مەن ئۇلارنىڭ شىنجاڭدا خىتاينىڭ ئەركىنلىكنى كېڭەيتىش، ئاپ – ئاشكارا بولۇشتىكى مەنپەئەتى ئۈستىدە سۈزلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
خىتاي پرېزىدېنت ئوبامانىڭ 12 - نويابىردىن 19 – نويابىرغا قەدەر شەرقىي ئاسىيادىكى 4 دۆلەت زىيارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم بېكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەر ئىككىلا دۆلەت ئوبامانىڭ خىتايدىكى زىيارىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەي بىڭگو يېقىندا ئوبامانىڭ زىيارىتىنى»خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى زور تارىخىي ۋەقە» دېگەن، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەرەپلەرنى ئۆز – ئارا بىر – بىرىنىڭ مەنپەتىگە ھۆرمەت كۆرسىتىشكە ئۈندىگەن. رابىيە قادىر خانىم بولسا، ئوبامانىڭ خىتاي رەھبەرلىرىنى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئوتتۇرىدىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئۈندىشىنى تەلەپ قىلدى.
لېكىن يەنە بەزى تەھلىلچىلەر، ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردە خىتايلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا مۇھتاج بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەھۋالدا ئوبامانىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىشقا مەجبۇرلاش كۈچى چەكلىك، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.