2009.10.30
ئۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «5 - ئىيۇل ۋەقەسى»دىكى ھەرىكىتىنى شىددەتلىك تەنقىدلىدى. رابىيە قادىر مۇنداق دەيدۇ»: بۇ يىل 7 - ئايدا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچىدىكى ۋەقە ئەسلى تىنچ بىر نامايىش ئىدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشنى زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇردى.»
ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىپ، «بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن ئولتۇرۇپ، ئۆپكىمىزنى بېسىۋالغان ھالدا سۆزلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز،» دەپ كۆرسەتتى.
رابىيە قادىرنىڭ زىيارىتى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان كۈنلەردە دالاي لامانىڭ زىيارىتى باشلاندى. ئۇ، ياپونىيىدىكى بىر بۇددا جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 13 كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دالاي لاما ئەتە ياپونىيە چەتئەللىك ئالاھىدە خادىملار جەمئىيىتىدە نۇتۇق سۆزلەيدىكەن. ئۇنىڭ ياپونىيىدىكى مەزگىلىدە رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۇچرىشىدىغان ياكى ئۇچراشمايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.