ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى رابىيە قادىر خانىم 10 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيودىكى رىككيو ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بەردى. بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى ۋە ھەر ساھەدىكى كىشىلەردىن بولۇپ 250 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.10.29

Rabiye-yaponye-rikkyo-uniwersiti-102909-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ 10 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 29 – ﻛﯜﻧﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺗﻮﻛﻴﻮﺩﯨﻜﻰ ﺭﯨﻜﻜﻴﻮ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ – ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﯞﻩ ﻫﻪﺭ ﺳﺎﻫﻪﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ 250 ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻛﯩﺸﻰ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ.
رابىيە قادىر خانىم، بۇ قېتىمقى دوكلاتىدا نوختىلىق ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە توختالغان. بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىم ۋە بۇ دوكلاتنى ئاڭلىغان ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتىدە بۈگۈنگىچە 8 ئۇنىۋېرسىتېتتا دوكلات بەرگەن بولۇپ، يەنە ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتا دوكلات بەرگەندىن كېيىن 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئامېرىكىغا قايتماقچى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.