ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە زىيارىتىنىڭ يەتتىنچى كۈنى ياپونىيىنىڭ قەدىمقى پايتەختى كىيوتو شەھىرىدىكى لىيۇكوكو ئۈنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بەرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.10.27

Rabiye-hanimgha-qarshi-yaponda-xitay-namayish-1-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﻛﯩﻴﻮﺗﻮ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻟﯩﻴﯘﻛﻮﻛﻮ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
رابىيە قادىر خانىم دوكلات بېرىدىغان ئۈنىۋېرسىتېتقا كىرىۋاتقاندا، خىتاي ئوقۇغۇچىلار قوللىرىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھەجۋىي رەسىمىنى ۋە لۇزۇنكىلارنى كۆتەرگەن ھالدا شۇئار توۋلاپ نامايىش ئۆتكۈزگەن.

بەزى خىتاي ئوقۇغۇچىلار رابىيە قادىر خانىمغا خەت يېزىپ ئۇنى قوللاپ قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، تەيۋان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ 370 يىللىق تارىخقا ئىگە لىيۇكوكو ئۈنىۋېرسىتېتىدا بەرگەن دوكلاتىغا  ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى ۋە ھەر ساھادىكى كىشىلەردىن بولۇپ  1500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. بىز بۇ  ھەقتە تەپسىلىي يېڭى مەلۇماتلارنى  ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، رابىيە قادىر خانىم ۋە دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرىلار  بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.