ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 26-ئىيۇن خەلقئارا تەن جازاسى قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي لاگېرلىرىدا قىيىن-قىستاقتىكى ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالغان شۇنداقلا تەن جازاسىغا ئۇچرىغۇچىلارنى داۋالاشقا، تۆلەم تۆلەشكە ۋە قىيىن-قىستاق بىلەن شۇغۇللانغانلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرغان. باياناتتا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ھايات قالغۇچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقى، ئۇلارنى قوللايدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ب د ت نىڭ تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىغا 166 دۆلەت ئىمزا قويغان بولسىمۇ، لېكىن تەن جازاسىنىڭ خىتاي، شىمالى كورېيە، ئىران، سۈرىيە، رۇسىيە، كۇبا، نىكاراگۇئا، زېمبابۇۋىدەك دۆلەتلەردە داۋام قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
باياتتا، «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى شىنجاڭدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقىغا دائىر نۇرغۇن دوكلارلار بار» دېيىلگەن. باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھاياتىنى ۋەيران قىلىدىغان بۇ خىل قىلمىشنى سادىر قىلىۋاتقانلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا قەتئىي» ئىكەن.
باياناتتا يەنە «بارلىق ھۆكۈمەتلەرنى تەن جازاسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، تەن جازاسىدا ھايات قالغانلارغا تۆلەم تۆلەشكە ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، تەن جازاسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى جاۋاپكالىققا تارتىشقا چاقىرىدىغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى «شەرقىي تۈركىستاندىكى قىيىن-قسىتاقلارغا دەرھال خاتىمە بېرىشكە» ئۈندىگەن. ب د ت نىڭ «تەن جازاسى ۋە ھەر خىل غەيرىي ئىنسانى مۇئامىلىلەرگە قارشى تۇرۇش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى» 1987-يىلى 26-ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. خىتاي بۇ كېلىشىمگە 1988-يىلى ئىمزا قويغانىدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى