دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە زىيارىتىنىڭ ئۈچىنچى بېكىتى ياپونىيىنىڭ قەدىمقى پايتەختى كىيوتو شەھىرىدە دوكلات بەرگەن. كىيوتودىكى ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ دوكلاتىغا ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى ۋە ھەر ساھەدىكى كىشىلەردىن بولۇپ، 600 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.10.26

Rabiye-xanim-Yaponiyide-muxbirlar-bilen-sohbette-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ، 20 – ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻓﭗ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
دوكلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندىن باشقا، ئۆزىنىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان كىتابنىڭ ياپونچە نۇسخىسىغا قول قويۇپ، ئوقۇرمەنلەرگە تارقاتقان.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈنگىچە ياپونىيىدىكى 4 ئۇنىۋېرسىتېتتا دوكلات بەرگەن بولۇپ، 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنىگىچە يەنە 6 ئۇنىۋېرسىتېتتا لېكسىيە سۆزلىمەكچى شۇنداقلا ياپونچە نەشر قىلىنغان كىتابىنى تونۇشتۇرۇشنىمۇ داۋام قىلماقچى ئىكەن.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ھەر جەھەتتىن بۇرۇنقى زىيارەتلىرىگە ئوخشىمىغان ھالدا داۋام قىلىۋاتقان. بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، رابىيە قادىر خانىم ۋە باشقىلار بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.