2009.10.23

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ياپون ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىدە دوكلات بېرىشىنى توسۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ بۇ ئىشقا ئاشمىغان. شۇنداقلا خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى، ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا يىغىن چاقىرىپ ئۇلارنى رابىيە قادىر خانىمغا قارشى نامايىش قىلىشقا ئۈندىگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈنۈگۈن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى رابىيە خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياپونىيىدىكى بەزى تەرەپلەرنى جۇڭگوغا قارشى پائالىيەتلەرگە مەيدان ھازىرلاپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەن.
بىز، رابىيە قادىر خانىمنىڭ 23 – ئۆكتەبىردە ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتا بەرگەن دوكلاتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ رابىيە قادىر خانىم ۋە باشقىلار بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
رابىيە قادىر خانىم 11 – ئاينىڭ2 – كۈنىگىچە ياپونىيىدىكى يەنە 7 ئۇنىۋېرسىتېتتا لېكسىيە سۆزلىمەكچى. شۇنداقلا ياپونچە نەشر قىلىنغان كىتابىنىمۇ تونۇشتۇرماقچى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.