2009.10.23
رابىيە خانىم فرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ شەرەپ مېھمىنىغا ئايلاندى
خىتاي ھۆكۈمىتى فرانكفورتتا ئۆتكۈزۈلگەن 61 – نۆۋەتلىك خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ شەرەپ مېھمىنى ئىدى. خىتاينىڭ قاتتىق نارازى بولۇشىغا قارىماي، بۇ يەرمەنكىگە قاتناشقان د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، يەرمەنكىنىڭ ھەقىقىي شەرەپ مېھمىنىغا ئايلىنىپ، خىتاينىڭ ئىناۋىتىگە قاتتىق تەسىر يەتكۈزگەن.
رابىيە قادىر خانىم، بۇ قېتىمقى كىتاب يەرمەنكىسىدە يەنە، ياۋروپادا تەسىرى كۈچلۈك بولغان تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ئۇچراشقان.
فرانكفورتتىكى يەرمەنكە جەريانىدا يەنە، رابىيە خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن مەخسۇس فىلىملەر كۆرسىتىلگەن ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن.
بۇ ھەقتە، يەرمەنكە پائالىيەتلىرىدە رابىيە قادىر خانىم بىلەن 3 كۈن بىرگە بولغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى مەلۇمات بەردى.
بۇ ھەپتە ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون ۋە تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھەرلىرىدە 12 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا قارشى نامايىشلار ئېلىپ بېرىلدى
ئىستانبۇلدىكى خىتايغا قارشى نامايىش2009 - يىلى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان.
نامايىشنى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.
نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.
ۋاشىنگتوندىكى نامايىش 20 - ئۆكتەبىر خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلدى.
نامايىشىنى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە د ئۇ ق تەشكىللىگەن. بۇ نامايىش، يېقىندىن بېرى غەرب ئەللىرىدە خىتايغا قارشى قوزغالغان بىر قاتار نامايىشلارنىڭ بىر قىسمىدۇر.
تۈركىيىدە ›ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ ئالدى – كەينىدە‹ ماۋزۇلۇق دوكلات يىغىنى ئېچىلدى
تۈركىيىنىڭ ئاناتولىيىدىكى ئاق دېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتىدا 10 – ئاينىڭ 19 – كۈنى چۈشتىن كېيىن «ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ ئالدى – كەينىدە» ماۋزۇلۇق لېكسىيە بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى.
بۇ يىغىندا ئۇنىۋېرسىتېت تەرىپىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى، سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلات بەردى. كېيىن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، نۇقتىلىق ھالدا ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئالدى - كەينىدە، بولۇپمۇ 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسىتى ھەققىدە ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە 12 ئۇيغۇرغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازالىرى توغرىسىدا توختالدى.
بۇ يىغىن ئاناتولىيە ئاق دېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋرو – ئاسىيا ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى تەرىپىدىن چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىنغا ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتى ھەققىدە
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 20 – ئۆكتەبىر ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ ياپونىيە زىيارىتىنى باشلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىم ئايرودرومدىن چىقىشى بىلەن 20 دىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە مۇخبىرىغا بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئاخىرىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. رابىيە قادىر خانىمنى ئايرودرومدىن مېھمانخانىغا بارغىچە بولغان ئارىلىقتا 500 نەپەر ساقچى قوغدىغان.
رابىيە قادىر خانىم 20 – ئۆكتەبىر كۈنى كەچ سائەت 7 يېرىمدا فرانسىيە بىلەن تەيۋەن تېلېۋىزىيىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى يەنى 21 – ئۆكتەبىر، ياپونىيىدىكى ئونغا يېقىن تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت – ژۇرناللارنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم ئۇچرىشىپ ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.
بۇلاردىن باشقا يەنە بەزى سىياسىيونلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە زىيارىتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بەردى. ئۇ «يىپەك يولىدىكى ئەجدىھا بىلەن ئېلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئانىسى» ماۋزۇلۇق دوكلاتىدا، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئادالەتسىزلىكنى، ھەقسىزلىقنى ۋە بېسىملارنى مىساللار بىلەن بايان قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىم، 10 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنىگىچە ياپونىيىدىكى 10 ئۇنىۋېرسىتېتتا لېكسىيە سۆزلىمەكچى شۇنداقلا ياپونچە نەشر قىلىنغان كىتابىنى تونۇشتۇرماقچى.
بۇ قېتىمقى لېكسىيە بېرىش پائالىيىتىگە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى ساھىبخانىلىق قىلغان.
ئېلشات: خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسى خىتاينىڭ قىپقىزىل يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلىدى
15 – ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تەشۋىقات ئورگىنى بولغان خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسىدە، » 5 – ئىيۇلنىڭ باش - ئاخىرى» دەپ تېما قويۇلغان يېرىم سائەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. مەزكۇر فىلىمدىكى ساختا كۆرۈنۈش ھەم ئويدۇرما، ئاساسسىز ۋەقەلىكلەر تېز ئارىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا ھەم كۈچلۈك تەنقىدلەرنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە.
فىلىمدە ئىسمى ئاتالغان شەخسلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار كومىتېتى باشلىقى ئېلشات ئەپەندى، بوشۈن تور بېتىدە خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسىنىڭ مەزكۇر فىلىمدىكى ساختىلىقلىرىنى ئاشكارىلاپ ئوبزور ئېلان قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار كومىتېتى باشلىقى ئېلشات ئەپەندى، بوشۈن تورىدا ئېلان قىلىنغان خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسى 15 – ئۆكتەبىر تارقاتقان » 5 – ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ باش - ئاخىرى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمگە رەددىيە بېرىلگەن ئوبزورى ھەققىدە توختالدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى «5 – ئىيۇل ۋەقەسى» ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5 – ئىيۇل ۋەقەسى» دە خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تۇتۇپ كېتىپ، ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ۋەقەدە قولغا ئېلىنغان بارلىق تۇتقۇنلارنىڭ سانىنى ئېلان قىلىش، 5 – ئىيۇلدىكى ۋەقە ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشقا چاقىردى.
44 بەتلىك، «بىز ئۇلارنى ئىزدەشكىمۇ پېتىنالمايمىز: شىنجاڭدىكى نارازىلىقلاردا تۇتۇلۇپ ئىز – دېرەكسىز يوقالغانلار» دېگەن ماۋزۇدىكى مەزكۇر دوكلات خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى «5 – ئىيۇل ۋەقەسى» ھەققىدە ئېلان قىلغان تۇنجى دوكلاتتۇر.
دوكلاتتا خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تۇتۇپ كېتىپ، ئىز – دېرەكسىز يوقالغان ئۇيغۇرلاردىن 43 كىشىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلىغانلىقىنى، لېكىن بۇ ساننىڭ پەقەت ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىز - دېرەكسىز يوقىتىۋېتىشنى توختىتىپ، جازاغا تارتىلمىغان تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشىنى، تۇتقۇندىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ھېسابىنى بېرىشىنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا تەكشۈرۈشكە رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا ئالىي سوتى گۇەنتانامو تۇتقۇنلىرىنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ھوقۇقى ھەققىدە قارار ئالىدۇ
20 – ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى قارار چىقىرىپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتچىلىرىنىڭ گۇەنتانامو تۇتقۇنلىرىنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ھوقۇقى ھەققىدىكى تالاش – تارتىشلارغا قاراپ چىقىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
بۇ ھەقتە توختالغان گۇەنتانامودىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى ئېلىزابىت گىلسون خانىم، بۇنىڭ ئىنتايىن خەيرلىك خەۋەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ بەك ياخشى بولدى. بۇنىڭ ياخشى بولۇشىدىكى بىر تەرىپى بولسا، بىز بۇ دېلونىڭ مۇھىملىقىنى بىلىمىز. بۇنىڭ مۇھىملىقى بولسا يەنە، بۇ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلارنى باشقا جايلارغا يەرلەشتۈرۈشىگە ياردەم قىلىدۇ.»
گىلسون خانىم يەنە، ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ گۋەنتانامودىن چىقىپ كېتىشىنىڭ گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش باشقا مەھبۇسلارنىڭ دېلوسىغا يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گۇەنتانامودا ئەسلى 22 نەپەر ئۇيغۇر قامالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 5 نەپىرى 2006 – ئالبانىيىگە، 4 نەپىرى بۇ يىل بېرمۇدىغا يەرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يەنە 13 نەپەر ئۇيغۇر گۇەنتانامودا قېلىپ قالغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئالىي سوتىدا گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرى ئۈستىدە ئېچىلىدىغان سوتنىڭ 2010 – يىلى فېۋرالدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە بۇ ھەقتىكى ھۆكۈمنىڭ شۇ يىل ئوتتۇرىلىرىدا چىقىرىلىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.