ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتى غەلىبىلىك داۋام قىلماقتا. رابىيە خانىم زىيارىتىنىڭ تۆتىنچى كۈنى ياپونىيىنىڭ كاگوشىما شەھىرىدىكى كاجياچياۋ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن كاگۇشىما ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بەرگەن. بۇ ئىككى دوكلاتقا ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا يەنە، دۈنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 400 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.10.23
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ياپون ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىدە دوكلات بېرىشىنى توسۇشقا تىىرىشقان بولسىمۇ بۇ ئىشقا ئاشمىغان ئىدى. تۈنۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى رابىيە خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياپونىيىدىكى بەزى تەرەپلەرنى جوڭگوغا قارشى پائالىيەتلەرگە مەيدان ھازىرلاپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىدىكى زىيارەتلىرىنىڭ ئالدىنى توسۇشقا ئىزچىل تىرىشىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا يىغىن ئېچىپ ئۇلارنى رابىيە قادىر خانىمغا قارشى نامايىش قىلىشقا ئۈندىگەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى رابىيە قادىر خانىم 11 – ئاينىڭ2 – كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە ياپونىيىدىكى يەنە 7 ئۇنىۋېرسىتېتتا لېكسىيە بېرىدىكەن.