ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.10.22
2009.10.22

رابىيە قادىر خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىن شۇنداقلا ياپونىيە دۆلىتىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىز بۇ دوكلات بېرىش يىغىنى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ رابىيە قادىر خانىم ۋە باشقىلار بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىم، 10 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنىگىچە ياپونىيىدىكى 10 ئۇنىۋېرسىتېتتا لېكسىيە سۆزلىمەكچى شۇنداقلا ياپونچە نەشر قىلىنغان كىتابىنى تونۇشتۇرماقچى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.