2009.10.22
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما جاۋشۇي بىر مۇخبىرنىڭ «خىتاي دائىم باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلدى. لېكىن ياپونىيىنىڭ رابىيە قادىرغا ۋىزا بەرگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى. بۇنىڭغا نېمە دەيسىز ؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، رابىيە خانىمنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان ياپونىيىلىك تەرەپلەرنى تەنقىدلىگەن.
ما مۇنداق دېگەن: «ياپونىيىدىكى بەزى كۈچلەرنىڭ ئۇنىڭ ياپونىيىنى زىيارەت قىلىپ، جۇڭگوغا قارشى پائالىيەتلەردە بولۇشىنى پىلان قىلغانلىقىغا قارىتا، ئەلۋەتتە بىز ئۆز نارازىلىقىمىزنى، مىللىي بىرلىكىمىزنى بۆلۈشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىمىز نى شۇنداقلا دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەيمىز.»
ما جاۋشۇي يەنە، رابىيە خانىمنىڭ مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. رابىيە خانىم بولسا يېقىندا گېرمانىيىنىڭ فرانكفورد شەھىرىدە مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن ئوتتۇرىدىكى مەسىلىنى تىنچ ۋە سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلىشقا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
توكيو ھۆكۈمىتى رابىيە خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتى ياپونىيە – خىتاي مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى، ياپونىيىنىڭ ئىچكى قانۇنىغا ئاساسەن رابىيە خانىمغا ۋىزا بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.