›نيۇيورك تايمىس‹ گېزىتى بۈگۈن ›پۈتۈن يەر شارى ئۇيغۇر رەھبىرىنىڭ سەھنىسى بولۇپ قالدى‹ سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سەيشەنبە كۈنى ياپونىيىگە كەلگەن ھامان خەلقئاراغا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن، ئۇيغۇرلارنى مەخپىي تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ، دەپ شىكايەت قىلىشقا باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.10.21
ياپونىيە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى دەرھال ئۇنىڭ سۆزىنى ›خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قىرىشنى توختىتىشى كېرەك‹ دېگەن ئاۋازى بىلەن قوشۇپ كەڭ دائىرىدە خەۋەر قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما چاۋشۈ دەرھال ياپونىيىنىڭ رابىيە قادىرغا ۋىزا بەرگەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى ۋە ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ›ياپونىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيىدىكى بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ رابىيە قادىرنىڭ ياپونىيىدە خىتايغا قارشى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يول قويدى‹ دەپ ھۇجۇم قىلدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، رابىيە قادىر ياپونىيىدىكى 10 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان ھامان، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى، خىتايغا مىللەتلەر سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى. ئۇ ياپونىيىنىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا ›خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي، مائارىپ، دىنىي ۋە پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلدى’، ›يېقىندىن بۇيان پۈتۈن ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ھەربىي قىسىملار بىلەن قورشىۋېلىپ، ئۇيغۇرلارنى مەخپىي تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى 20 ياش ئەتراپىدىكى ياشلار، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە بىر مۇنچە 12، 14 ياشتىكى ئۆسمۈرلەر بار‹ دەپ كۆرسەتتى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رابىيە قادىر يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولۇش مەسىلىسىنى ئومۇم خەلق ئاۋازىغا قويۇش ھەققىدە سۆھبەتلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.