ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى رابىيە قادىر خانىم سائەت 3 تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە توكيو خەلقئارالىق نارىتا ئايرودرومىغا يېتىپ بارغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.10.20

Rabiye-xanim-Yapon-ayrudurumida-101909-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ، 20 – ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﻧﺎﺭﯨﺘﺎ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺋﺎﻳﺮﯗﺩﯗﺭﯗﻣﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ 2 ﻫﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﺵ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ، ﺋﺎﻳﺮﯗﺩﯗﺭﯗﻣﺪﺍ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
رابىيە قادىر خانىم ئايرودرومدىن چىقىشى بىلەن 20 دىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە مۇخبىرىغا بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئاخىرىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. رابىيە قادىر خانىمنى ئايرودرومدىن مېھمانخانىغا بارغىچە بولغان ئارىلىقتا 500 نەپەر ساقچى قوغدىغان.

رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىگە كېلىشتىن بۇرۇن خىتايلارنىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن بىر گۇرۇپپا كىشى رابىيە قادىر خانىم لېكسىيە بېرىدىغان 10 ئۈنىۋېرسىتېتقا بېرىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ تېررورچى تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈنىۋېرسىتېتلاردا لېكسىيە بېرىشىگە رۇخسەت بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئۈنىۋېرسىتېت مۈدىرلىرى ياپونىيىنىڭ دېموكراتىك، ئەركىن دۆلەت ئىكەنلىكىنى، بۇنى توسۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ خىتايلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان.

رابىيە قادىر خانىم 20 – ئۆكتەبىر كۈنى كەچ سائەت 7 يېرىمدا فرانسىيە بىلەن تەيۋان تېلېۋىزىيىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، بۇ پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۈزىدىن مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

رابىيە قادىر خانىم 10 – ئاينىڭ20 – كۈنىدىن 11 – ئاينىڭ2 – كۈنىگىچە ياپونىيىدىكى 10 ئۈنىۋېرسىتېتتا «يىپەك يولىدىكى ئەژدەرھا بىلەن ئېلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئانىسى» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىمەكچى.

بۇ قېتىمقى لېكسىيە بېرىش پائالىيىتىگە كاگوشىما خەلقئارا ئۈنىۋېرسىتېتى ساھىپخانلىق قىلىدىكەن. رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا ياپونچە نەشر قىلىنغان كىتابىنىمۇ تونۇشتۇرماقچى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.