دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن ياپونىيىگە يېتىپ كېلىپ، ياپونىيىدىكى 10 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.10.20
رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە ئاساسلىقى، توكيو، كانسائى، كيۇشۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا 20 – ئۆكتەبىردىن 2 – نويابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا، ›يىپەك يولىدىكى ئەجدەرھا بىلەن ئېلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئانىسى‹ تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىمەكچى. بۇ قېتىمقى لېكسىيە بېرىش پائالىيىتىگە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى ساھىپخانلىق قىلىدىكەن.

رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا، يەنە ياپونچە نەشر قىلىنغان كىتابىنىمۇ تونۇشتۇرىدىغان بولۇپ، 30 – ئۆكتەبىر كۈنى ياپونىيە مۇخبىرلىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنىمۇ قوبۇل قىلماقچى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتىگە نىسبەتەن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ما چاۋ دۈشەنبە كۈنى نارازىلىق باياناتى بېرىپ، ياپونىيىنىڭ خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا قارىماي، بۇ يىل ئىيۇل ئېيىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىدە زىيارەتتە بولۇشى ئۇچۇن ۋىزا بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىگە كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، خىتايلارنىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى قادىر خانىم لېكسىيە بېرىدىغان 10 ئۇنىۋېرسىتېتقا بېسىم ئىشلىتىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تېررورچى تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا لېكسىيە بېرىشىگە رۇخسەت بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرلىرى ياپونىيىنىڭ دېموكراتىك ئەركىن دۆلەت ئىكەنلىكىنى، بۇنى توسۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، خىتايلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدى.