2009 – يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى بۇ يىل ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا بېرىلدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشى دۇنيادا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. بۇنىڭغا نىسبەتەن كىشىلەر ئوخشىمىغان كۆز قاراشلاردا بولدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.10.09

Obama-aq-sarayda-telefonda-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎﻧﯩﯔ 9 – ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﺎﻕ ﺳﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ئامېرىكا پرىزىدېنتى باراك ئوباما بۇ يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى. مەركىزى نورۋىگىيىنىڭ ئوسلو شەھىرىگە جايلاشقان نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى باراك ئوبامانىڭ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈشىنىڭ سەۋەبىنى «مۇۋاپپەقىيەتلىك ھالدا يۈرگۈزۈۋاتقان دىپلوماتىيىسى ۋە يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن » دەپ كۆرسەتتى.

نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىنىڭ باراك ئوباماغا بېرىلىشى خەلقئارادا كۈچلۈك مۇنازىرە پەيدا قىلدى. ھەر ساھە كىشىلەر بۇنىڭغا نىسبەتەن ئوخشىمايدىغان پىكىرلەردە بولدى. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ قارار ھەممە كىشىنى ھەيران قالدۇردى. قارار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ قېتىملىق نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەن فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزىي كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، «بۇ ئامېرىكىنىڭ قايتىدىن دۇنيا خەلقىنىڭ كۆڭلىدە ئورۇن ئېلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ بىشارىتى،» دېدى.

ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نېجادنىڭ مەسلىھەتچىسى ئالى ئەكبەر جىۋانكفىر: «بۇ مۇكاپاتنىڭ، ئوبامانىڭ دۇنياغا ئادالەت ئەكىلىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز،» دېدى.

1983 – يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پولشا سابىق پرېزىدېنتى لېخ ۋالېسا بۇ قارارغا ھەيران قالغانلىقىنى ئىپادە قىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇشۇنداق تېزمۇ؟ ئۇ تېخى يېڭى پرېزىدېنت بولدى، تېخى بىر ئىش قىلغۇدەكمۇ ۋاقتى بولمىدى. بۇ مۇكاپات ئۇنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن بېرىلگەن بولسا كېرەك. ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالامدۇ ‏ – يوق ؟ ئۇنى كېيىن بىلىمىز، بۇنى قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ۋاقىت بېرەيلى.»

پەلەستىن رەھبىرى مەھمۇد ئابباس ئوبامانىڭ پەلەستىنگە مۇستەقىللىق ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى مىخائىل گورباچىفمۇ نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شەخىسلەرنىڭ بىرى ئىدى. 1990 – يىلى نوبېل ئالغان گورباچېف كۆز قارىشىنى مۇنداق ئىپادە قىلدى: «بۇنىڭدىن سۆيۈندۈم. ئوبامانىڭ ھازىر قىلىۋاتقانلىرى كىشىگە ئۈمىد بېغىشلايدۇ. مۇشۇنداق قېيىن بىر پەيىتتە، مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىغان، مەيدانى، جاسارىتى ۋە سىياسى ئىرادىسى بولغان كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.»

ھازىر خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياپونىيە باش مىنىستىرى يۇكيۇ خاتويامامۇ ئوبامانى چىن يۈرىكىدىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى، ئوباما تەختكە ئولتۇرغان يانۋاردىن بېرى دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشكە باشلىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغانلار بىردەك، «نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ئوبامانى دۇنياغا تېنچلىق ئەپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بېرىلدى،» دەپ قارىماقتا. ئوباما دۇنيانى يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىپ يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىشقا تىرىشماقتا. ئۇ يەنە ئوتتۇرا شەرقتىمۇ تېنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىر قىسىم تەدبىرلەرنى ئالغان بولسىمۇ،ئەمما تېخى ئۇنىڭ مېۋىسىنى ئالالمىغان ئىدى. نوبىل مۇكاپاتى كومىتېتى رەئىسى توربجورن جاگلەند ئەپەندى قىلغان سۆزىدە » :ھازىر دۇنيانىڭ زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىدىغان كۈچلۈك دىپلوماتىيىگە ئېھتىياجى بار، باراك ئوباما مانا بۇنى قىلىۋاتىدۇ» دېدى. ئەمما بۇ پىكىرگە قارشى چىققۇچىلارمۇ بار.

1976 – يىلى نوبېلغا ئېرىشكەن ئېرلاندىيىلىك مەيرىد كورگىن ماگۇر بولسا، بۇ قارارغا «تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق» دەپ باھا بەردى ۋە مۇنداق دېدى: «پرېزىدېنت ئوباما تېخى ئىراق ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشلىرىنى ئاياقلاشتۇرالمىدى. ئۇ تېخى بۇ جەھەتتە ئۆزىنى ئىسپاتلاپ بولالمىدى.»

بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلارغا پىكرىنى بايان قىلغان تالىباننىڭ باياناتچىسى زەبىبۇللاھ مۇجاھىت مۇنداق دېدى: «ئافغانىستاندا تېنچلىق ئۈچۈن ھېچقانداق ئىستراتېگىيىلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىلمىدى. ئوباما ئافغانىستاننىڭ تېنچلىقى ئۈچۈن تېخى ھېچنىمە قىلمىدى. ئۇنىڭ نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ئالغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز. نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىنىمۇ بۇ قارارى ئۈچۈن ئەيىبلەيمىز.»

بۇ يىللىق تېنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ سانى 205 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 33 ى كوللىكتىپ ئورۇن، 177 سى شەخسىلەر ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىنىڭ بېيجىڭ تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايدىكى كوممۇنىست ھاكىميىتىگە قارشى بولغان دېموكرات شەخسلەردىن بىرىگە بېرىلىدۇ، دەپ قارىغان ئىدى.

مۇكاپاتنىڭ باراك ئوباماغا بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن 1989 – يىلى تيەنئەنمېندىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولغان ۋاڭ دەنمۇ ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ۋاڭ دەن ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسى قانلىق باستۇرۇلۇپ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۇزۇن يىل خىتايدا تۈرمىدە ياتقان ۋە كېيىن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك بېسىمى بىلەن ئامېرىكىدا داۋالىنىش ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ ھازىر تەيۋەن سىياسەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرس بەرمەكتە. خىتاي دېموكرات ۋاڭ دەن ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەلۋەتتە ئوبامانى تەبرىكلەيمەن. ئەمما مەن جۇڭگودىكى ھاكىمىيەتكە قارشى بولغان سىياسىي ئۆكتىچى شەخسلەرنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەنلىكىگە ئىنتايىن ئەپسۇسلاندىم،» دېدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ھازىر ئىنتايىن مۇھىم بىر پەيتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى مانا مۇشۇنداق پەرقلىق كۆز قاراشتىكى كىشىلەرگە بېرىلگەندىلا ئۆز مەناسىنى تاپىدۇ، دەپ قارايمەن. دۇنيا ئۈچۈن ئېلىپ، ھازىر خىتاي ھالقىلىق بىر پەيتتە تۇرماقتا. خىتاي باش كۆتۈرۈۋاتقان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن جىددىي ھالدا دېموكراتىيىگە مۇھتاج. نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بولاتتى. جۇڭگونىڭ دېموكراتىيىلىشىشى دېمەك دۇنيانىڭ تېنچلىقى ئۈچۈن ئەڭ زور تۆھپە دېمەك.»

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ ئالدىنقى يىللاردا ئارقا – ئارقىلاپ نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەن ئىدى. باراك ئوباماغا مۇكاپات بېرىلگەندىن كېيىن، رابىيە قادىر خانىممۇ باراك ئوبامانى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا تېنچلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خىزمەت قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

باراك ئوباما 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر مۇراسىم بىلەن مېدال ۋە 10 مىليون شىۋىت كرونى يەنى تەخمىنەن بىر يېرىم مىليون دوللار پۇل مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىكەن.